كورلادا سوراقخانىدا ئۆلگەن ئەركىن سۇلايماننىڭ ئىنىسى: «ئاكامنىڭ ئۆلۈمىگە تېلېفون سوھبىتىمىز ئەمەس، بەلكى دۇرۇست بىر ئىنسانلىقى سەۋەب بولغان»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021-09-22
Share
كورلادا سوراقخانىدا ئۆلگەن ئەركىن سۇلايماننىڭ ئىنىسى: «ئاكامنىڭ ئۆلۈمىگە تېلېفون سوھبىتىمىز ئەمەس، بەلكى دۇرۇست بىر ئىنسانلىقى سەۋەب بولغان» كورلادا سوراق جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەركىن سۇلايمان ئەپەندىنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئىنىسى ئەنۋەر سۇلايمان ئەپەندى . (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Enwer Sulayman Teminligen

كورلادا سوراق جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەركىن سۇلايماننىڭ تۇتۇلۇشىدا ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى ئىنىسى بىلەن 5 يىلنىڭ ئالدىدا قىلىشقان بىر تېلېفون سۆھبىتىدە «مەسىلە» چىققانلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋىرىمىزنى ئاڭلىغان ئەركىن سۇلايماننىڭ تۈركىيەدىكى ئىنىسى ئەنۋەر سۇلايمان بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاكىسى بىلەن بولغان سۆھبىتىدە پەقەت تۇرمۇش مەسىلىسى توغرىلىق سۆزلەشكەنلىكىنى، ئاكىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا پەقەتلا ئۇنىڭ ئىمان-ئېتىقادلىق ۋە غورۇرلۇق بىر ئىنسان بولغانلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئەنۋەر سۇلايمان ئەپەندى كورلادا سوراق جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئاكىسى ئەركىن سۇلايماننىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ چىقارغان ۋاراقچە.
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئەنۋەر سۇلايمان ئەپەندى كورلادا سوراق جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئاكىسى ئەركىن سۇلايماننىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ چىقارغان ۋاراقچە.

كورلادا لاگېرغا تىزىملىتىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 3 ھەپتىدىن كېيىن جەسىتى ئۆيىگە قايتۇرۇلغان ئەركىن سۇلايمان ھەققىدە رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىغا تۈركىيەدىكى ئىنىسى بىلەن بەش يىلنىڭ ئالدىدا قىلىشقان بىر تېلېفون سۆھبىتىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى. كورلاغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدىمۇ بىر ساقچى خادىمى ئەركىن سۇلايماننىڭ تۇتۇلۇشىنىڭ ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى ئىنىسى بىلەن قىلىشقان تېلېفون سۆھبىتى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەركىن سۇلايماننىڭ تۈركىيەدىكى ئىنىسى ئەنۋەر سۇلايمان، ئاكىسى بىلەن ئىلگىرى قىلىشقان سۆھبىتىدە پەقەت ئائىلە ۋە تۇرمۇش ئىشلىرى ھەققىدە سۆزلەشكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە سوراق قىلىنغۇدەك ھېچقانداق ئىشنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلدى.

ئاكىسى بىلەن 4 يىلدىن بۇيان ئالاقىسىنىڭ كېسىلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەنۋەر سۇلايمان، ئاكىسىنىڭ بىر ئالىي تەربىيە كۆرگەن زىيالىي ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستۈن بىلىدىغانلىقى، ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىگە قارىتامۇ ھەر ۋاقىت ھۇشيار بولۇپ كەلگەنلىكى، شۇڭا ئىنكاستا دېيىلگەندەك، خىتاي تەرەپ ئۇنى «تەربىيەلەش» كە بېرىشنى ئۇقتۇرغاندا، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ سالمىقىنى، يەنى ئۇنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى تولۇق تونۇپ يەتكەنلىكىنى ۋە بېرىشنى رەت قىلغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاكىسى بىلەن ئىلگىرىكى سۆھبەتلىرىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تولىمۇ ئېھتىياتچان بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەنۋەر سۇلايمان، بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرىمۇ ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە كۇنمىڭغا بىر سودا ئىشى بىلەن بېرىپ قايتقان ۋاقتىدا، ساقچىلارنىڭ ھەر ئىككىسىنى تۇتۇپ سوراق قىلغانلىقى، شۇ چاغدىمۇ ساقچىلارنىڭ ئۇلاردىن ھېچقانداق بىر قۇسۇر تاپالمىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئەنۋەر سۇلايمان خۇددى رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا دېيىلگەندەك، ئاكىسىنىڭ ئىمان-ئېتىقادلىق ۋە غورۇرلۇق بىر ئىنسان ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ مۇشۇ تەرىپىنىڭ لاگېردىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا خىتايغا تەھدىت بولۇپ كۆرۈلگەنلىكى ۋە مۇشۇ سەۋەبتىنلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاكىسىنىڭ ئەسلىدە بىر تەنھەركەتچى ئىكەنلىكى ۋە سالامەتلىكىدە مەسىلە يوقلۇقىنى بايان قىلغان ئەنۋەر سۇلايمان، ئاكىسىنىڭ ئېغىر بىر قېيىن-قىستاقتىن ئۆلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى تىلغا ئالدى. ئەنىۋەر سۇلايمان يەنە ئاكىسىنىڭ تەقدىرىنى نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ كىچىك بىر سەھنىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋاللارنى خەلقئارادىكى ئالاقىدار ئورۇن ۋە تەشكىلاتلارغا ئاشكارىلايدىغانلىقى ھەمدە بۇ جىنايەتنىڭ ھېسابىنى ئېلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، لاگېرغا بېرىشنى رەت قىلغان غۇلجا كۆكتالالىق پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ نازارەت ئاستىدا داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدىن قاچقانلىقى ۋە ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن غۇلجادا موڭغۇلكۈرەدىن قورغاسقىچە كەڭ كۆلەملىك ئۆي ئاختۇرۇش بولغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، پەيزۇللا ئۇتۇقمۇ ئەركىن سۇلايمانغا ئوخشاشلا لاگېرغا ئەكىتىلىشنى «قايتىىشى يوق يول» دەپ قارىغان ۋە بېشىغا ھەرقانداق تەھدىت كېلىشىدىن قەتئىينەزەر، قېچىشقا ھەركەت قىلىپ باققان ئىدى. ئۇ 7 كۈن ئىزدەلگەندىن كېيىن قورغاستىكى بىر مازارلىقتا مۆكۈنۈپ ياتقان يېرىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان ۋە ئېتىۋېتىلگەن ئىدى.

يۇقىرىدا كورلادا لاگېرغا بېرىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە سوراقتىكى مەزگىلىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەركىن سۇلايماننىڭ تۈركىيەدىكى ئىنىسى ئەنۋەر سۇلايماننىڭ ئاكىسىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە قاراشلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت