14 ‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئەركىن تەۋەككۈل «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ 12 يىللىق كېسىلگەن

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14‏-ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر دىيارى بويىچە نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تارىخىنىڭ نىسبەتەن ئۇزۇنلۇقى ۋە يېتىشتۈرگەن ياراملىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كەڭ تونۇلغاندۇر. بۇ مەكتەپ 2004-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ» دېگەن نام بېرىلگەن. 2017‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا، بۇ مەكتەپمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زەربە بېرىش تىزىملىكىدە ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان. مەكتەپ مۇدىرى ئەركىن تەۋەككۈل «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 12 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 1994‏-يىلى شىمالىي خىتاي (جۇڭگو) ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ 14‏-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەتكە چۈشكەن ئەركىن تەۋەككۈل، دەسلەپكى يىللاردا ئۆز كەسپىي بىيولوگىيە ساھەسىدىكى ئۈستۈنلۈكلىرى بىلەن دىققەت تارتقان؛ بىر مەزگىلدىن كېيىن كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە رەھبەرلىك ئىقتىدارى جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىمۇ ئالاھىدە كۆزگە چېلىققان. ئۇنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى نوپۇزى، دائىرىلەرنىڭ ئۇنى دەسلەپتە مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، كېيىن مەكتەپ مۇدىرى قىلىپ ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان. كۆپ قېتىملاپ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ئەركىن تەۋەككۈل، 2017‏-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئالاقىدار سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلىشقا ۋە سوراق قىلىنىشقا باشلىغان. بۇ سوراقلار نەتىجىسىدە ئۇ شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە تۇتقۇن قىلىنغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ يەتكۈزۈشىچە، ئەركىن تەۋەككۈلنىڭ دەرس جەريانىدىمۇ، مەكتەپ يىغىنلىرىدىمۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنى مەدھىيەلەيدىغان سۆز-جۈملىلەرنى كۆپ قوللانماسلىقتەك ئىلمىي پوزىتسىيەسى، ئۇنىڭ خىتاي دۆلىتىگە قارىتا ساداقىتىگە گۇمان تۇغدۇرغان بولسا، ئۇنىڭ بىر تۈركۈم ئاتا-ئانىسى تۇتقۇندىكى ئوقۇغۇچىلارغا تەسەللى بېرىشى، «مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە يان بېسىش» دەپ قارالغان ۋە 2018‏-يىلى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ كېسىۋېتىلگەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14‏-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ بىر خادىمى، نۆۋەتتە مەكتەپتە ئەركىن تەۋەككۈل ئىسىملىك بىرسىنى تونۇمايدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ خېلى بۇرۇن مەكتەپتىن ئايرىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 2014‏-يىلى ئاتا-ئانىسى تۇتۇلۇپ كەتكەن بىرقانچە ئوقۇغۇچىنىڭ روھىي كەيپىياتىدىكى چۈشكۈنلۈكنى كۆرگەن ئەركىن تەۋەككۈل، بىر مائارىپچى سۈپىتىدە شۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئىشخانىسىغا چاقىرغان ۋە ئۇلارغا بەزى سىياسىي شاماللارنىڭ ئۇزۇن داۋام قىلمايدىغانلىقى، ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئەسلىدە گۇناھسىز كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ۋە ھامان بىر كۈنى ئاقلىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئىشارەتلىك ھالدا ئۇقتۇرغان.

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى 2017‏-يىلىدىكى سوراق جەريانىدا ھەر خىل تەھلىل ۋە تەرجىمە قىلىنىپ، «مىللىي مەسىلىلەردە مەيدانى ئېنىق بولماسلىق»، «بۆلگۈنچىلەرگە قانات يېپىش»، «ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى قۇترىتىش» دەپ بېكىتىلگەن ۋە كېيىن سىياسىي ئۆگىنىش يىغىنلىرىدا «مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئىپادىسى» دەپ تونۇشتۇرۇلغان.

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت ساقچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى، 14‏-ئوتتۇرا مەكتەپتىن تۇتقۇن قىلىنغان مەكتەپ رەھبىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، «ئەركىن مۇدىر» دەپ جاۋاب بەردى.

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇريار فوندى» تەييارلىغان تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تىزىملىكىدە ئەركىن تەۋەككۈلنىڭ ئىسمى بار بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېتەكچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئەركىن تەۋەككۈل ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىدۇ:

«ئەركىن تەۋەككۈل ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بىيولوگىيە ساھەسىگە ھەسسە قوشقان، مىللىتىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە بىر ئىلمىي خادىملىق مەيدانىنى يوقاتمىغان ھالدا ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىجرا قىلغان بىر كىشى. بۇ خىل تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشقان بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك› بىلەن جازا ئۆتىمەكتە».

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى، ئەركىن تەۋەككۈلنىڭ 12 يىللىق كېسىلگەنلىكى، ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىدىكى بىر خادىم، ئەركىن تەۋەككۈلنىڭ جازا مۇددىتى ۋە ئورنى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى، ئەمما ئۇنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

يۇقىرىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئەركىن تەۋەككۈلنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.