ئانالىزچىلار ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مۇۋەققەت رەئىسلىككە قويۇلۇشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈش ھەققىدە توختالدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021.10.06
ئانالىزچىلار ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مۇۋەققەت رەئىسلىككە قويۇلۇشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈش ھەققىدە توختالدى خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 25-ئىيۇن، جەنۋە.
REUTERS

30-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 13-نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلغان. يىغىندا 2015-يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىك خىزمىتىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان شۆھرەت زاكىرنىڭ ئىستېپاسى قوبۇل قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ مۇۋەققەت رەئىس قىلىپ تەيىنلىگەنلىكى ئېلان قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، شۆھرەت زاكىرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىكىدىن قالدۇرۇپ، ئورنىغا ئەركىن تۇنىيازنىڭ رەئىس قىلىپ تەيىنلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، مەيلى شۆھرەت زاكىر بولسۇن، ياكى ئەركىن تۇنىياز بولسۇن ھەر ئىككىسىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى تەربىيەلەپ ئۆستۈرگەن ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىدىكى «قولچوماقلار» ئىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىشىدە، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قۇرغان لاگېرلىرىنى ئاقلاشتا كۆرسەتكەن بىر يۈرۈش خىزمەتلىرى ئاساس قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى ۋە يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىدەك ئەھۋالنىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىدىمۇ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، شۆھرەت زاكىرنىڭ «ئىستېپا» بەرگەنلىكى ئېيتىلغان، ئەمما نېمە ئۈچۈن «ئىستېپا» بەرگەنلىكى چۈشەندۈرۈلمىگەن.

ئاسىيە خانىم شۆھرەت زاكىرنىڭ ئىستېپا بېرىش سەۋەبى ۋە ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئۇنىڭ ئورنىغا تەيىنلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى.

ئاسىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۆھرەت زاكىر شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن يۇقىرى ئۆرلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىق ئەمەلدارلارنىڭ بىرى.

شۇڭا ئۇنىڭ ئىستېپا بېرىش نامىدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى، يېقىندىن بۇيان شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۈركۈم يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، يېڭىدىن ئالماشتۇرۇشى بىلەنمۇ ئالاقىدار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئاسىيە خانىم يەنە شۆھرەت زاكىرنىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن ئەركىن تۇنىياز ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئاسىيە خانىم ئەركىن تۇنىيازنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى خەلقئارادا دىققەت نۇقتىسى بولۇۋاتقان مەزگىللەردە ئۆتىگەن ۋەزىپىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان «كەسپىي تەربىيە ئورۇنلىرى» نامىدىكى لاگېرلارغا ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالاقىدار ماتېرىيالدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 59 ياشقا كىرگەن ئەركىن تۇنىياز 1983-يىلى «سانجى پېداگوگىكا ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتۇتى» نى پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا بولغان. ئەركىن تۇنىياز 2005-يىلدىن 2008-يىلغىچە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باشلىقى، ۋىلايەتلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارىلىق ۋەزىپىسىدە بولغان. ئۇ، 2008-يىلدىن 2014-يىلغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 2014-يىلدىن 2016-يىلغىچە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى بولغان. 2016-يىلدىن 2021-يىلغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.