يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مول ئېنېرگىيە زاپىسىغا ئىگە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن ئۇزۇن مۇساپىلىك چېگرا لىنىيەسىگە ئىگە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، سودا-تىجارەت ۋە گېئو-سىياسىي جەھەتلەردىكى مۇناسىۋەتلىرىنى كۈنسايىن كۈچەيتىشكە ئۇرۇنماقتا. دەرۋەقە، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە باشقا مۇناسىۋەتلەر جىددىي كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە قىلغان زىيارىتى دىققەت قوزغىماقتا.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتكە يېتىپ بارغان 28-مارت كۈنى، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيايېۋ (Shavkat Mirziyoyev) بىلەن كۆرۈشكەن. ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى زىيارىتىنىڭ 2-بېكىتى بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن ئاۋۋال قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا زىيارەتتە بولغان. ئۆزبېكىستاننىڭ «كۈن ئۆز» خەۋەر تورىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپ نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان ئۆزبېكىستان-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىدىكى زور تەرەققىياتقا قارىتا يۈكسەك مەمنۇنىيەتلىرىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يەنە شاۋكەت مىرزىيايېۋ ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان كۆپ خىل ھەمكارلىق ۋە ئورتاق قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە، يەنى يېڭى تېخنولوگىيە، يېزا-ئىگىلىك، سۇ-ئىنشائات، قاتناش-ترانسپورت، ئارقا سەپ تەمىناتى، مائارىپ، ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسلىھەتچىسى، تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، ئەركىن تۇنىيازنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە تىجارىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ يۇمشاق كۈچىنى ئىشقا سالسا، يەنە بىر تەرەپتىن قەرز تۇزىقىنى قوللىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتىكەن. يەنە كېلىپ خىتاي بىر قىسىم سەزگۈر ۋە غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن چەكلىمە قويۇلغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى رۇسىيەگە كىرگۈزۈشتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆزىگە ۋاسىتىچى بولۇپ بېرىشكە قىستىماقتا ئىكەن. ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ مانا مۇشۇنداق بىر سەزگۈر ۋەزىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئۇ يەنە خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىش سادالىرى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىشىنىڭ، سىياسىي ۋە جامائەت پىكرى نۇقتىسىدىن دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شاۋكەت مىرزىيايېۋ ئەركىن تۇنىياز بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق قۇرۇلۇش تۈرلىرى، بولۇپمۇ ئۆزبېكىستان-قىرغىزىستان-خىتاي تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى (Henryk Szadziewski) ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز پىكرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ يەردە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدە نۇرغۇنلىغان مەنپەئەت ئامىللىرى ۋە ئۆز ئالدىغا غەرەزلەر يوشۇرۇنغان. چۈنكى ھازىر خىتاي ئۆزىنىڭ كۈندىن-كۈنگە چۆكۈۋاتقان ئىقتىسادىنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلايدۇ. ھالبۇكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆز قوشنىسى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا پەرۋا قىلماستىن، خىتاي بىلەن سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتا شېرىك بولۇۋاتىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەيلى خىتاي بولسۇن ياكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەتلا ئۆز مەنپەئەتلىرىنى چىقىش قىلىدۇ، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات-ماماتلىقىنى نەزەردە تۇتمايدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتلىرىنى مۇھىم ئورۇنغا قويمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلار پەقەت ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئۆزلىرىگە ئىقتىسادىي پۇرسەت يارىتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر رايونىغا پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلىشنى مەقسەت قىلمايدۇ. »

ئىگىلىنىشىچە، ئەركىن تۇنىياز بۇ قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىدە، يەنى 26-مارت كۈنى ئاستانادا قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايېۋ بىلەن كۆرۈشكەن. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئەركىن تۇنىياز توقايېفقا قازاقىستاننىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىشتە خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەشتە ئىزچىل ھالدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى ئارىغا سېلىپ كەلگەن. 1997-يىلىدىكى غۇلجا قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمايىل ئەھمەتنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە زىيارەتكە ئەۋەتكەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىشتە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان سىياسىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دەستىكىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئۇ، مەيلى ئىسمائىل ئەھمەت بولسۇن ياكى بۈگۈنكى ئەركىن تۇنىياز بولسۇن، ئۇلارنىڭ پەقەتلا خىتاينىڭ قولىدىكى بىر پېشكا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ پەقەتلا خىتاي تەرىپىدىن قوللىنىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەركىن تۇنىيازغا ئوخشاش يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە دۆلەت زىيارىتىدە بولۇشى، خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن ۋاسىتە بولۇپ بېرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن. بۇ پەقەتلا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارنى چەت ئەلگە چىقىرىپ، ئۇنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «ئاۋاز» ى قىلىپ كۆرسىتىشتەك سىمۋول خاراكتېرلىك تاكتىكىسىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى ئىكەن.