2021-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئەركىن تۇنىياز، 2022-يىلى 27-يانۋار كۈنى رەسمىي رەئىسلىككە تەيىنلەنگەن.
ئەركىن تۇنىياز ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنى شى جىنپىڭنى يادرو قىلغان خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا: «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمىنلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي ساقلايدىغانلىقى» توغرىلىق ۋەدە بەرگەن.
خىتاينىڭ باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەركىن تۇنىياز 1961-يىلى ئاقسۇدا تۇغۇلغان. ئۇ 1983-يىلى 8-ئايدا سانجى دارىلمۇئەللىمىندە خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا ئىزچىل ھالدا ئۆستۈرۈلۈپ كېلىنگەن. 2005-يىلىدىن 2008-يىلى 1-ئايغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان، ئاندىن داۋاملىق ئۆستۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ۋاڭ لېچۈەن، جاڭ چۈنشيەن، چېن چۈەنگو ۋە ما شىڭرۇي قاتارلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرىنچى قول سېكرىتارلىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن ماسلىشىپ، رايوندىكى يوقىرى بېسىملىق تەقىپ سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىشىدا رول ئالغان.
تۈركىيە ھاجى تەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا ئىستراتىگىيە تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەركىن تۇنىيازمۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا رەئىسلىك ۋەزىپىسىدە بولغان باشقا ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىغا ئوخشاشلا ئۇيغۇر خەلقى ئۆز ئىرادىسى بىلەن سايلىغان رەئىس ئەمەس ئىكەن، بەلكى خىتاي كومپارتىيەسى بىر قوللۇق تاللاپ ئۆستۈرگەن، خىتايغا سادىق ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ بىرى ئىكەن.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ يېڭى رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ساداقەت بىلەن ئىشلەپ كەلگەن تارىخى بارلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا يېڭىدىن رەئىس بولۇشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن تۇنىياز ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 2008-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ نۇپۇس-پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتلىرىنى ئالاھىدە ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلەپ كەلگەن ئىكەن.
ئۇنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مەزگىلى دەل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ۋاڭ لېچۈەن، جاڭ چۈنشيەن، چېن چۈەنگو ۋە ما شىڭرۇي قاتارلىقلار پارتكوم سېكرىتارى بولغان دەۋرلەرگە توغرا كەلگەن. ھالبۇكى، ئۇ بۇ مەزگىللەردە خىتاي پارتكوم سېكرىتارلىرىغا يېقىندىن ماسلىشىپ، ئۆزىنىڭ خىتايغا بولغان ساداقىتى بىلەن بالداقمۇ-بالداق ئۆستۈرۈلگەن.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، مىليونلارچە ئادەمنى لاگېرلارغا قاماشتەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى كۈچەيگەن مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئەركىن تۇنىياز، رايوندا «ئاكتىپ خىزمەت كۆرسەتكەن ئۇيغۇر ئەمەلدارىنىڭ بىرى» گە ئايلانغان. ئەركىن ئەكرەمنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا رەئىسلىككە قويۇلغان ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىغا ئوخشاشلا ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇقەررەر ھالدا قۇربانلىق ئوبيېكتى بولۇشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 2019-يىلى 6-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىغىنىغا «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نى باشلاپ كەلگەن ئەركىن تۇنىياز، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلغان. ئۇ بۇ يىغىندا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقان، خىتاينىڭ 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئىرقىي يوقىتىش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۆز ۋاقتىدا خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
ئەينى چاغدا ئەركىن تۇنىياز ب د ت دىكى سۆزىدە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ‹تېرورلۇق› ۋە ‹ئەسەبىيلىك› كە ناھايىتى ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇۋاتقانلىقى، ‹قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى› ئارقىلىق رايوندىكى دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇۋاتقانلىقى، رايوندىكى سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتنىڭ ئېھتىياجى ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭغا ھەرقانداق بىر دۆلەت ياكى ئورگاننىڭ ئارىلىشىش ھەم باھا بېرىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، «ئەركىن تۇنىياز گەرچە 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئاتالمىش ‹خەلق قۇرۇلتىيى› دا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەسمىي رەئىسى قىلىپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا قويۇلغان بىر قوچاق رەئىس، خالاس» دەپ كۆرسەتتى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەركىن تۇنىيازمۇ ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلغان نۇر بەكرىگە ئوخشاشلا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، يامان ئاقىۋەتكە قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» دا 1-فېۋرال كۈنى بېرىلگەن ئەركىن تۇنىيازنىڭ خىتاينىڭ «چاغان» بايرىمىنى تەبرىكەپ قىلغان سۆزىدىن نەقىل كەلتۈردى.
2022-يىلى 27-يانۋار ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن ئەركىن تۇنىياز ئارىدىن 4 كۈن ئۆتكەندە، يەنى 1-فېۋرال كۈنىدىكى خىتاينىڭ «چاغان بايرىمى» دا قىلغان سۆزىدە «رايوننىڭ مۇقىملىقى ئەبەدىي تىنچلىقى» غا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىگەن. ئۇ خىتاينىڭ «چاغان بايرىمى» نى رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ «يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش بايرىمى» دەپ ئاتىغان.