ئىلى ئوبلاستلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رېژىسسورى ئەركىن تۇرسۇن 19 يىل 10 ئاي كېسىۋېتىلگەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.11.21
erkin-tursun-ili-telewiziye-rezhissor.jpg ئىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ تەھرىرى، رېژىسسور ئەركىن تۇرسۇن ئەپەندى سىنغا ئالماقتا.
Oqurmenler Teminligen

بۇنىڭدىن بىر يىل ئاۋۋال رادىيومىز ئىلى ئوبلاستلىق رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ تالانتلىق تېلېۋىزىيە رېژىسسورى ئەركىن تۇرسۇننىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئاز دېگەندە 7 يىلدىن 11 يىلغىچە قاماق جازاسىغا كېسىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى.

2015-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئامېرىكاغا ئوقۇشقا كەلگەن ئارافات ئەركىن تۇرسۇننىڭ ئوغلى بولۇپ، 2016-يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭ غۇلجادىكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈشكە باشلىغان. ئۇ 2018-يىلى 8-ئايلار ئەتراپىدا غۇلجا شەھەرلىك 9-بالىلار باغچىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەيدىغان ئاپىسى گۈلنار تەلئەتنىڭ 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، دادىسى ئەركىن تۇرسۇننىڭ 2018-يىلى 3-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، بىۋاسىتە تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

شۇنىڭدىن باشلاپ ئارافات ئەركىن يۇرتىدا سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغان ئاتا-ئانىسىنىڭ خەۋىرىنى ئېلىش ۋە ئۇنى دۇنيا ئاخباراتلىرىغا ئاشكارىلاش يولىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئاكتىپ پائالىيەتچىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

ئەركىن تۇرسۇننىڭ خىزمەتتىكى نەتىجىلىرى ھەققىدە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئىلگىرى كۆپلىگەن ماقالىلەر بېسىلغان. ئۇ ئالدىنقى يىلى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن بىر پارچە ماقالىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئەركىن تۇرسۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن غۇلجا ناھىيە تۇرپانيۈزى يېزىسىدا بىر مەھەل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ 1990-يىللاردىن تاكى تۇتۇلغانغا قەدەر ئىلى ئوبلاستلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ۋە تەھرىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئىلى تېلېۋىزىيەسىنىڭ «ئۈمىدلىك كۆزلەر» ناملىق ياش-ئۆسمۈرلەر پروگراممىسى تاكى 2017-يىلىغا قەدەر داۋام قىلغان. ئۇ ئىشلىگەن 10 دىن ئارتۇق پروگرامما خىتاي مەملىكەتلىك ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇ بۇلتۇر 7-ئايدا ئىلى ئوبلاستىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن 12 ئاخبارات خادىمىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ئىلگىرى ئوقۇتقۇچى بولغان ئەركىن تۇرسۇن ئۆسمۈر بالىلارنىڭ خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلەردىكى ئىجادچانلىقى ۋە تالانتى ئۇنىڭ ئاخىرى ئىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا رېژىسسور بولۇپ خىزمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولغان.

ئۇ 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ئىلى ئوبلاستلىق تېلېۋىزىيەدە ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلىرى ئۈچۈن «ئۈمىدلىك كۆزلەر» ناملىق مەخسۇس ئۆسمۈرلەر پروگراممىسىنى تەسىس قىلغان. بۇ شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ «تەڭرىتاغ غۇنچىلىرى» ناملىق بالىلار پروگراممىسىدىن كېيىن يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ئىچىدە تۇنجى ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەڭ سۈپەتلىك ئۇيغۇر تىلىدىكى بالىلار پروگراممىسى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ رېژىسسورلۇقىدا يەنە نۇرغۇنلىغان سەر خىل بالىلار تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى، تەسىرلىك بالىلار فىلىملىرى، سەنئەت كېچىلىكلىرى، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ فىلىملىرى بالىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى ۋە ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ يەنە ئەل ئىچىدە خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىدىمۇ نامى بار بولۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئەمدىلا 20 ياشتىن ھالقىغان ئارافات ئەركىن ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئالغاندىن بۇيان نۇرغۇن خەلقئارالىق ئاخباراتلارغا گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇنىڭدىن سىرت ئۇ يەنە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ھەمدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلاردىن ئاتا-ئانىسىنىڭ خەۋىرىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلىش پائالىيەتلىرىنى توختىماي داۋام قىلىپ كەلمەكتە. ئۇ بۇ يىل 26-مارتتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، بىگۇناھ ئاپىسى ۋە دادىسىنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئۇ يەنە بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ۋە يوقاپ كەتكەن باشقا بىر قانچە ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنىڭ مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسى» دىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىز دېرىكىنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

18-نويابىر كۈنى ئارافات بۇ ئورگاندىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە جاۋاب خەت تاپشۇرۇپ ئالغان. خەتتە دېيىلىشىچە، بۇ ئورگان خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا ئەركىن تۇرسۇننىڭ 7 يىلدىن 11 يىلغىچە ئەمەس، بەلكى 19 يىل 10 ئاي كېسىلگەنلىكىنى شۇنداقلا سىياسىي ھوقۇقىدىن 2 يىل مەھرۇم قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئىكەن. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىم ئەركىن تۇرسۇننىڭ جىنايىتىنى «بۆلگۈنچىلىك» ئەمەس، بەلكى «جىنايەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئېلىش، مىللىي كەمسىتىش ۋە مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» دەپ كۆرسەتكەن ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئارافاتنىڭ ئاپىسى ھەققىدە بەرگەن جاۋابىدا بولسا «گۈلنار تەلئەت ھازىر غۇلجىدا ئۆز ئۆيىدە خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ» دەپ يازغان. بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلغان ئارافات ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراقتۇلىرىدا «ئاپام ئەگەر ھازىر ئۆيدە بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئاپام ئىلگىرى نەدە ئىدى دەپ سوراشقا توغرا كېلىدۇ» دەپ ئىنكاس قالدۇرغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 11‏-نويابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىش ھەققىدىكى باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرغان ئىدى. ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم ئارافات ئەركىننى تىلغا ئالغان ئىدى. ئۇنىڭدا يەنە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ رايوندىكى ئائىلە ئەزالىرى ھېچقانداق پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىماي، نورمال ياشىماقتا دەپ كۆرسەتكەن. يېقىندا يەنە «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» ئارافاتنىڭ ئاپىسى گۈلنار تەلئەت خانىمنى ۋە تاغىسى ئەسەت تەلئەتنى سۆزلىتىپ ۋېدىيو تارقاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاپىسى ۋە تاغىسى ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدە يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى قىلماسلىققا ۋە قايتىپ كېلىشكە چاقىرغان. ئەمما دادىسى ئەركىن تۇرسۇننى پەقەتلا تىلغا ئالمىغان.

«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مەزكۇر خەۋىرىدە يەنە ئۇنىڭ ئامېرىكاغا بارغاندىن كېيىن «تېررورلۇق تەشكىلاتى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئەزا بولغان» لىقىنى يازغان.

ئارافات گەرچە «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن ئىككى يىل كۆرمىگەن ئاپىسىنى كۆرۈپ خوش بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئاپىسىنىڭ ئۆرە تۇرالماي يۆلىنىپ تۇرۇپ گەپ قىلىشى ھەمدە چىرايىدىكى سولغۇنلۇقتىن سالامەتلىكىنىڭ ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن.

ئارافات ئەركىن مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرغىچە مەن ھېچ قانداق بىر تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى ئەمەس. مەن پەقەت ھەقسىز زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئاتا-ئانامنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر پەرزەنت. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتا-ئانامنى قويۇۋەتمىسە، خىتاينىڭ زۇلۇمىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا قولۇمدىن كېلىشىچە پائالىيەتلىرىمنى داۋاملاشتۇرىمەن. مېنى ھېچكىم توختىتالمايدۇ.»

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىيومىزغا بايان قىلىشىچە، ئارافات ئەركىننىڭ دادىسى ئەركىن تۇرسۇن ئىشلىگەن «دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل» ناملىق پروگرامما ئامما ئىچىدە كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدا ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقى تىلغا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن پروگرامما قويۇلۇشتىن چەكلەنگەن، ئۆزىمۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغان ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئەركىن تۇرسۇن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ ئەھمىيەتلىكلىكى سەۋەبىدىن ئۇ خەلق ئىچىدە غۇلجىدىكى نۇرتاي ھاجى، ئابلىمىت خالىس ھاجى، غوپۇر ھاجى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە «غۇلجادىكى 4 سەرخىل»، «غۇلجادىكى 4 گۆھەر» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.