ئامېرىكادىكى بىئو-مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتۇرى ئەركىنئاي ئابلىز ئالەمدىن ئۆتتى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.10.25
Erkinay_Abliz-4.jpg ئامېرىكادىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى بولغان دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز 24-ئۆكتەبىر كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.
Social Media

ئامېرىكادىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى بولغان دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز 24-ئۆكتەبىر كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئەركىنئاي ئابلىزنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمى ئۇنىڭ ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ يۈرەك-باغرىنى قانچىلىك لەختە قىلغان بولسا، يېقىنلىرىنىڭ قەلبىنى شۇنچىلىك ھەسرەتتە قالدۇردى.

دوكتور ئەركىنئاي ئابلىزنىڭ ئالدىنقى يىلىدىن بۇيان ئۈچەي راكى بىلەن داۋالىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

ئەركىنئاي ئابلىزنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان تور ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، ئۇ 1976-يىلى بۈگۈر ناھىيىسىدە بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، نيۇ-يورك شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بىلىم يۇرتلىرىدا باكالاۋېرلىق، ماگېستىرلىق ۋە دوكۇرلۇق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئىلىم تەھسىل قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئەركىنئاي ئابلىز ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدە ئىشلەش جەريانىدا مېڭە راكىنى داۋالاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى بىلەن كەسىپداشلىرى ئارىسىدا ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. ئۇ شۇ ساھەدىكى مەخسۇس تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئەركىنئاي ئابلىزنىڭ يەنە خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرناللىرىدا كۆپلىگەن تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغانلىقى مەلۇم.

دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز بىر تەرەپتىن ئىشلەش، بىر تەرەپتىن ئوقۇش ۋە بىر تەرەپتىن يۈرەك پارىسى بولغان قىزىنى يالغۇز بېقىپ قاتارغا قوشۇش قاتارلىق قاتمۇ-قات بېسىملارغا بەرداشلىق بېرىپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەتچىلىك ئىشلىرىغىمۇ ۋاقىت ئاجرىتىپ، بەلگىلىك تۆھپىلەرنى قوشقان.

قىسقا، ئەمما تىنىمسىز كۈرەش ئىچىدە مەنىلىك ئۆتكەن ھاياتىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى راك تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان مەرھۇمە ئەركىنئاي ئابلىزنىڭ جىنازا نامىزى 25-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئامېرىكانىڭ ۋىرگىنىيە شىتاتى فەيرفەكىس شەھىرىدە چۈشۈرۈلدى. ئۇنىڭ مېيىتى شۇ كۈنى ۋىرگىنىيە شتاتىغا جايلاشقان بىر مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدا يەرلىككە قويۇلدى.

كورونا ۋىرۇسى ۋەھىمىسى ۋە يامغۇرلۇق ھاۋاغا قارىماستىن دەپنە مۇراسىمغا قاتناشقان ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكى، ئۇيغۇرلاردىكى جامائەت سۆيەرلىك، قېيىن كۈنلەردە بىر-بىرىنىڭ يېنىدا بولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىلەرنى نامايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.