«2021-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى» دا ئۇيغۇرلار ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 2-ئىيۇن كۈنى «2021-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى» نى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن بۇ دوكلات ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ھەم ئامېرىكانىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشى، ھەم ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ نېەىزلىك كىشىلىك ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تېلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي 2017-يىلى ئاپرىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھالدا رايوندىكى دىنىي ۋە ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەم باستۇرۇشىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ھەمدە قازاق، قىرغىز قاتارلىق باشقا ئېتنىك گورۇپپىلار شىنجاڭدىكى يىغىۋېىلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ھېلىھەم دىنىي گورۇپپىلارنى تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى چەكتىن ئېشىپ كەتتى.»

ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەت ئورنى بولغان مەسچىتلەرنى چىقىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ بۇددىستلار، خرىستىيانلار ۋە تىبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دىنغا ئىشەنگۈچىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت ئىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئانتونىي بىلىنكېندىن كېيىن، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى رېشاد ھۈسەيىن سۆز قىلىپ: «2021-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى» ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلار ھەققىدە توختالغان.

ئۇ سۆزىدە مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ خەلق ئارىسىدا ئېتىقادچى ئاممىغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ دىنى-ئېتىقادىغا دەپسەندىچىلىك قىلىشقا يول ئېچىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىياتىنىڭ بۇنىڭ بىر دەلىلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلگەن.

ئۇ خىتايدىكى دىنى-ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قىلىنغان دەپسەندىچىلىك ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېگەن: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇنىڭ يارقىن بىر مىسالى ئىكەنلىكى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ۋە باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› لىرىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا يۇقىرى تېخنىكالىق ‹چىراي تونۇش سىستېمىسى› دىن پايدىلىنىپ، بارلىق كىشىلەرنى نازارەت ئاستىغا ئىلىپ، شىنجاڭنى ‹ئۈستى ئوچۇق تۈرمە› گە ئايلاندۇرغان. ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان دەلىل-ئىسپاتلار ۋە ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر لاگېرلاردا جان ئۈزگەن، قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان. مىليونلىغان ئائىلىلەر ۋەيران قىلىنغان. يىللاردىن بىرى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ، بالىلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئىز-دىرىكىنى ئالالمىغان. ئۇلار بىر-بىرىنڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى ئېلىشتىن قورقۇپ ياشىماقتا، ھەتتا بىر-بىرى بىلەن قايتا ساق-سالامەت جەم بولالايدىغان ياكى بولالمايدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ.»

24-ماي كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى بويىچە ئىزدىنىۋاتقان تەتقىقاتچى، كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى خىتاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئادرىيان زېنز (Adrian Zenz) نىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدىكى مەخپىي ھۆججەتلەر ئاشكارا بولدى. مەزكۇر ھۆججەتلەر ئىچىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ سۈرەتلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى يوليورۇقلىرى، «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارنىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى قاباھەتلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېچىپ بەردى.

ئانتونىي بىلىنكېن سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە خەلقئارالىق ئورگانلار بىلەن بىرلىشىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رېشاد ھۈسەيىن سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «دىن ئەسلىدە ياخشىلىققا دەۋەت قىلىدىغان كۈچلۈك قورال. ئۇ ئىنسانلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك. ھەر قايسىي ھۆكۈمەتلەر بۇ خىلدىكى دەپسەندىچىلىككە سۈكۈت قىلماسلىقى، كۆرمەسكە سالماسلىقى كېرەك. بىز پۈتۈن دۇنيادىكى دىنىي-ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، 1998-يىلدىكى «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دىنىي ئەركىنلىكىنى قوللايدىغانلىقى ۋە قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە، ھەر يىلى 200 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىكى دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات تەييارلاپ ئېلان قىلىپ كەلمەكتىكەن.