باش شىتابى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى «ئەركىنلىك سارىيى»، خەلقئارادا ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىدىغان نوپۇزلۇق تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات، دوكلاتلارنى ئېلان قىلغاندىن باشقا، خىتاي تۈرمىلىرىگە ناھەق قامالغان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە.
31-ئۆكتەبىر كۈنى مەزكۇر تەشكىلات «سىياسىي مەھبۇسلار خەلقئارالىق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىدىيو ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى دىكتاتور ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان «سىياسىي مەھبۇسلار» نىڭ قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار ئىدى.
ۋەكىللىك 3 يارقىن سىما
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ مەخسۇس تورى ۋە X (تىۋىتتېر) دا ئېلان قىلىنغان «ھەممىسىگە ئەركىنلىك»، خەشتەگلىك قىسقا ۋىدىيوسىدا، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ داۋاملىق ھالدا، ھاكىمىيەتكە تەھدىت دەپ قارالغانلارنى تۇتۇپ، تۈرمىگە تاشلاۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنى ئەركىنلىكىدىن ئۇزۇن مۇددەت مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت ۋەكىللىك مىساللار بېرىلگەن.

خىتايدىكى «سىياسىي مەھبۇسلار» غا ئائىت ۋىدىيودا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلغان پىروفېسسور، فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇت، ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلىنىپ، 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەن دوختۇر گۈلشەن ئابباس، «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامال سىياسىتىگە قارشى قوزغالغان «ئاق قەغەز نامايىشى» نىڭ ۋىدىيوسىنى ئۈندىداردا ھەمبەھىرلىگەنلىكى ئۈچۈنلا 3 يىللىق كېسىۋېتىلگەن ياش ستۇدېنت كامىلە ۋاھىت قاتارلىقلارنىڭ سىمالىرىنىمۇ كۆرەلەيمىز.

«ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ توردا تارقاتقان ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، «ھەممىسىگە ئەركىنلىك» تەشەببۇسى ئۇلارنىڭ يېڭى يولغا قويغان تۈرى بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ياكى دېموكراتىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان شەخسلەر، مەسىلەن، مۇخبىرلار، بىلوگ يازغۇچىلار ۋە باشقا ئاخبارات خادىملىرى، شۇنداقلا ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى زىيالىيلار ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئورۇن ئالغان.
«ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ بۇ تۈرنى يولغا قويۇشىدىكى مەقسىتى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئاتالمىش «سىياسىي مەھبۇس» لارنى جىمىقتۇرۇشتا قوللانغان ئادالەتسىزلىكى ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش ئىكەن.

1973-يىلىدىن بۇيان دۇنيانىڭ ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى يىلدا بىر قېتىم باھالاپ كېلىۋاتقان «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ 2023-يىللىق دوكلاتىدا 195 دۆلەت ئىچىدە، خىتاي دېموكراتىيە ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىش ئەھۋالى ئەڭ ناچار دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «سىياسىي جىنايەتچى» دېگەن قالپاق بىلەن ئەڭ ئېغىر جازالىنىپ كېلىۋاتقان بىر توپلۇق. خىتاينىڭ 2016-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدىن بۇيان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار بىگۇناھ ھالدا لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالدى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا «سىياسىي جىنايەتچى» سۈپىتىدە يەنە قانچىلىك ئۇيغۇرلارنى لاگېردىن تۈرمىلەرگە يۆتكىگەنلىكىنىڭ ئېنىق سانىنى ئىگىلەشمۇ قىيىن بولۇپ كەلمەكتە. پەقەت ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2021-يىل ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ھەر ساھەدىن 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەركىلىرىنى تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قامىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
بۇ ۋىدىيودىكى 3 ئۇيغۇر خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان مىڭلىغان «سىياسىي مەھبۇس» لارنىڭ ۋەكىلى
«ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى سارا كۇك(Sarah Cook) خانىم، «ھەممىسىگە ئەركىنلىك» تەشەببۇسىدا خىتاينىڭ ئاساسلىق نۇقتا قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«ھەممىسىگە ئەركىنلىك» خەشتەگلىك پائالىيەت ۋە تەشەببۇسىمىز يېڭى بىر تۈر، بۇمۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنغان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى تىرىشچانلىقىمىزنىڭ بىرى. بۇ تۈر، مەسىلىنىڭ كۆلىمىنى ۋە ئۇنى ھەل قىلىشتىكى قەدەم-باسقۇچلارنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن، دۇنيا مىقياسىدىكى سىياسىي تۈرمىلەرنىڭ ‹سىياسىي مەھبۇسلار› غا، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ۋە كۆلىمىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. خىتاي بولسا دۇنيادىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى ئەڭ كۆپ تۈرمىگە قامىغان دۆلەت. ئۇ مەھبۇسلار ئوخشىمىغان دىن، مىللەت ياكى ھەر خىل كەسىپتىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتايدا بۇ خىل ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنغانلار سان ۋە كۆلەم جەھەتتە پەۋقۇلئاددە زور بولۇپلا قالماي، خىتايدا ئەركىنلىكى بوغۇلغان بۇ كىشىلەر ھەققىدە ئېنىق ۋە ئىشەنچلىك مەلۇماتقا ئېرىشىشتە ئىنتايىن زور قىيىنچىلىققا ئۇچراپ كەلدۇق.»

سارا كۇك خانىم يەنە راھىلە داۋۇت، گۈلشەن ئابباس ۋە كامىلە ۋاھىت قاتارلىق 3 ئۇيغۇرنى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈشنىڭ سەۋەبى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى:
«خىتايدا سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئۇچۇرىغا ئېرىشىش مۈشكۈل بولسىمۇ، بىز خىتايدىكى مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقى، كۆلىمى ھەم جىددىيلىكى قاتارلىقلارنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، قولىمىزدا بىر قەدەر تولۇق ئۇچۇر ئارخىپى بار ۋە خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا تونۇلغان، باستۇرۇشقا ئۇچراش سەۋەب ۋە ۋاقىتلىرى بىر-بىرىدىن روشەن پەرقلىنىدىغان شەخسلەرنى تاللاپ كىرگۈزدۇق. بۇنىڭدىكى 3 نەپەر ئۇيغۇر ئايالمۇ ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ھەمدە ئۇلارنىڭ چەتئەللەردە ئاۋاز چىقىرىۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار، ئۇچۇرلىرى بىر قەدەر تولۇق. مەسىلەن كامىلە ۋاھىت، خىتايدا يۈزبەرگەن كوۋىد قامالىغا قارشى‹ئاق قەغەز نامايىشى›نىڭ سۈرىتىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلىگەنلىكى ئۈچۈنلا جازالانغان. بۇ ئەڭ يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقە بولغانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا خىتايلاردىن پەرقلىق ھالدا تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچرايدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ۋەكىل قىلىپ تاللىدۇق».
ئۇ يەنە سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدى:
«‹ئەركىنلىك سارىيى› نىڭ تەشەببۇسى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ياكى دېموكراتىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شەخسلەرگە مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، بىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ناھەق تۇتۇلغانلىقى ياكى تۈرمىگە ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز. خىتاي تەرىپىدىن تۈرمىگە قامالغان بۇ 3 ئۇيغۇر خانىم-قىزنىڭ سۈرەتلىرى ۋە ھېكايىلىرى بىلەن، خىتايدىكى «سىياسىي مەھبۇسلار» نىڭ ھەممىسىنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. ‹ئەركىنلىك سارىيى› ئادالەتسىزلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللاشنى ھەر پۇرسەتتە داۋاملاشتۇرىدۇ. بىز بۇ تۈر تەشەببۇسلىرىمىزنىڭ ئامېرىكا ۋە ھەر قايسى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ھەمدە بۇ مەسىلىسىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىق قىلىمىز. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە، ھېچ بولمىغاندا ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈش، تۈرمىدە مۇۋاپىق داۋالىنىش دېگەندەك ئەقەللىي ھەقلىرىدىن بەھرىمەن بولالىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز»

ئەقىدە پولات: بۇ ئىش خىتاي رەھبەرلىرىدىن سورىلىشى كېرەك
پروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ قىزى ئەقىدە پولات، 2019-يىلىدىن باشلاپ ئاپىسىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىپ كەلمەكتە. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئاپىسىنىڭ ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلغانلىقىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن باشقا، خىتاي تۈرمىسىگە ناھەق قامالغان ئانىسى ۋە باشقا بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن ئېلان قىلىنىۋاتقان چاقىرىقلارنىڭ، ئامېرىكا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىدا ئوتتۇرا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن: «ئۇلارنى ياشىتىۋاتقىنى بىر ئۈمىد»
ئۆزىگە قارشى ھەر قانداق شەخسنى «سىياسىي جىنايەتچى» سۈپىتىدە باستۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، دىنىي زاتلار، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار، مۇخبىرلار ۋە ھەقىقەتنى ئىپادە قىلغان ھەر قانداق ئۇيغۇرنى جىمىقتۇرۇپ ئۈچۈن بارغانسېرى ۋاسىتە تاللىماي باستۇرۇش ئېلىپ بارماقتا.
ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالمىغان «ئەركىنلىك سارىيى» غا ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ «ھەممىسىگە ئەركىنلىك» تۈرى چاقىرىقىدا، «خىتاي ھۆكۈمىتىنى دۇنيا بويىچە سىياسىي مەھبۇسلار ئەڭ كۆپ سولانغان دۆلەت دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار، مۇخبىرلار، تورلاردا ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان سىياسىي پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ناھەق سولىنىپ، ئەقەللىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغان كىشىلەردۇر» دېگەنلەر ئەسكەرتىلگەن.