«ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قېلىش ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش» ناملىق يىغىندا خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئورتاق قارشى تۇرۇش تەكىتلەندى

0:00 / 0:00

خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ تونۇلغان رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ۋە ھازىر لوندوندا سۈرگۈندە ياشاۋاتقان ناتان لاۋ «ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قېلىش ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش» ماۋزۇلۇق كىتابىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى مەزكۇر كىتابنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن كىتاب بىلەن ئوخشاش ماۋزۇ قويۇلغان يىغىن چاقىردى. مەزكۇر فوندنىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى مەركىزىدە ئېچىلغان يىغىندا فوند رەئىسى دەيمىن ۋىلسون كىرىش سۆزى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە بۈگۈنكى يىغىننىڭ مەقسىتى ناتان لاۋنىڭ يېڭى كىتابىنى تونۇشتۇرۇشلا بولۇپ قالماي، بەلكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سۈرئەت بىلەن دېموكراتىيەنى، ئەركىنلىكىنى يوق قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت تارتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ «خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى دۈشمەنلەرچە ۋە مەجبۇرىي ئاساستا يۈرگۈزۈپ خوڭكوڭنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەنئەنىسى بولغان قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى يوقاتتى. خىتاينىڭ بۇنى قىلىشتىكى سۈرئىتى ۋە كۆلىمى دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىدىكى ھەرقانداق بىر كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سېلىشى كېرەك ۋە ئەركىنلىك سۆيگۈچىلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشى كېرەك» دېدى.

بۈگۈنكى يىغىنغا خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى رەھبىرى ناتان لاۋدىن باشقا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن، ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى پروگرامما يېتەكچىسى پىما دوما ۋەخىتاي ئۆكتىچىسى، پروفېسسور تېڭ بىياۋ قاتارلىقلار سۆزلىگۈچى بولۇپ قاتناشتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن ناتان لاۋ سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئوقۇغۇچى بولۇشتىن قانداق قىلىپ بىر سىياسىي ئۆكتىچى ۋە پائالىيەتچىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاددىي بىر ئائىلىدىن كەلگەنلىكىنى، دادىسىنىڭ 1970-يىللاردا چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئاچلىقتىن قېچىپ خوڭكوڭغا كەلگەنلىكى، دادىسىنىڭ دەۋرىدىكى ئىنسانلار ئۈچۈن خوڭكوڭ بىر ئۈمىدنىڭ سىمۋولى بولغان بولسا، ئۆزىنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە خوڭكوڭنىڭ زىيانكەشلىك ۋە باستۇرۇشنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ «خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر، ھەقسىزلىكلەر ۋىجدانى بار ھەرقانداق كىشىنى ئۆكتىچىگە ئايلاندۇرىدۇ، مەنمۇ ھەقنى سۆزلىگەنلىكىم ئۈچۈن ئوقۇغۇچىدىن ئۆكتىچىگە ئايلاندىم» دېدى.

ناتخان لاۋ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇشى بىلەن تەڭ، تېز سۈرئەتتە ۋەيران قىلىنغانلىقىنى، شۇڭا كىشىلەرنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولغۇچى ئەمەس، بەلكى ئۇنى داۋاملىق قوغدىغۇچى ۋە ھىمايە قىلغۇچى بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە دۇنيادا مۇستەبىتلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ جىددىي قاراپ، ئۇنىمۇ خۇددى كىلىمات مەسىلىسىگە ئوخشاشلا مۇھىم مەسىلە قاتارىغا كىرگۈزۈپ ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن يىغىندا زۇمرەتئاي ئەركىن سۆز قىلدى. ئۇمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەن ھازىرقىدەك بىر مەزگىلدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئاڭلىتىش، كىشىلەرگە چۈشەندۈرۈش ۋە قوللاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە قارشى ھەرىكەتلەردە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ ناھايىتى زور ئىنكاس قوزغىغانلىقىنى، شۇڭا مۇشۇنىڭدەك ھەمكارلىقلارنى ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

تىبەتلىك پائالىيەتچى پىما دۇما مەيلى ئۇيغۇرلار، مەيلى تىبەتلەر بولسۇن ئۆزىگە ئوخشاش ياش ئەۋلادلارنىڭ ئانا ۋەتىنىنى كۆرەلمەسلىكتەك قىسمەتكە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىغا دىققەت تارتتى. ئۇ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ دېموكراتىيەنى قوغدىشى، خىتايدەك مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە قارشى تۇرۇشتا يەنىمۇ ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەت بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش ئۈچۈن ئافېنادىكى ئولىمپىك مەشئىلىنى يېقىش پائالىيىتىگە بارغانلىقىنى، ئەمما ئۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سوئال-سورىقىغا دۇچ كەلگەنلىكى، ئافېنا ساقچىلىرىنىڭمۇ خىتايغا يېقىندىن ماسلاشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئەركىن دۆلەتلەردە تۇرۇپمۇ خىتاينىڭ زوراۋانلىقىنى يېقىندىن ھېس قىلىش بىزنى قاتتىق ئويلاندۇردى، بۇ ۋەزىيەت ئۆزگەرتىلىشى كېرەك» دېدى.

خىتاي ئۆكتىچىسى تېڭ بىياۋ بولسا سۆزىدە خىتايدىكى ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى چېكىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدائىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، تىبەتلەرنىڭمۇ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقىنى، خىتايدىكى پۇقرالار جەمئىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا كىشىلەرگە قۇلايلىق ۋە ئەركىنلىك ئېلىپ كەلگەن پەن-تېخنىكا خىتايدا ھاكىمىيەتنىڭ قولى بىلەن كىشىلەرنى مۇتلەق قامال ئاستىغا ئالىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇلغانلىقتىن، خىتايدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرگە ئېغىر زەربە بەرگەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ تەشكىللىنىشىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ شۇڭا چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلارنىڭ دېموكراتىك پائالىيەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ كۈرەش قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا سۆز قىلغان پائالىيەتچىلەر بىردەك، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىكتاتورلۇقىنىڭ پەقەتلا خىتايدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن بىر تەھدىت ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ھەربىر كىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ياكى تىبەتلەر ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ئۆزى ئۇچرىغان زۇلۇمدەك كۆرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى. ئۇلار شۇنداقلا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى يەنىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر بىلەن قوللىشى، دېموكراتىك پائالىيەتچىلەرنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى، دېموكراتىك دۆلەتلەر، تەشكىلاتلار، پائالىيەتچىلەر ئورتاق ھەمكارلاشقاندىلا خىتاينىڭ ئەركىنلىككە پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.