ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىلىرى ئۆزلىرى قاتناشقان مۇھىم سورۇنلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى «جازا لاگېرلىرى» دەپ ئاتىماقتا.
23-ئۆكتەبىر كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ماتېۋ پوتتىڭگېر ئەنگلىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بولغان «سىياسىي ئالماشتۇرۇش» ) «Policy Exchange» (نىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقاندا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېرلارنى «جازا لاگېرلىرى» دەپ ئاتىدى. ئۇ پرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدە جازا لاگېرلىرى يولغا قويغانلىقى سەۋەبلىك جازالاۋاتقان بىردىن-بىر ھۆكۈمەتلىكىنى تەكىتلىدى ۋە مۇنۇلارنى دېدى:
«پرېزىدېنت ترامپ يۈرگۈزۈۋاتقان تاشقى سىياسەتكە ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغىنىڭىزدا ئۇنىڭدىكى ئەخلاقىي ئامىلنى ئېنىق كۆرۈۋالالايسىز. . . ترامپ ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا يولغا قويۇلغان جازا لاگېرلىرى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىگە بەدەل تۆلىتىۋاتقان، ئۇنىڭغا قارشى كونكرېت تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقان يەرشارىدىكى بىردىن-بىر ھۆكۈمەتتۇر».
ئۇ ئەنگلىيەدىكى ئاقىللار مەركىزىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقاندا ئالدى بىلەن خىتاي تىلىدا بىر نۇتۇق سۆزلىگەن ئىدى. ئۇ بۇ نۇتقىدىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلسىىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ خىتاي پۇقرالىرىنى ئۆز ھاكىمىيتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان سىياسەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈشكە دەۋەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
مەن دوستلۇق، ئويلىنىش ۋە ئوچۇق-ئاشكارىلىق روھى ئىچىدە، خىتايدىكى دوستلاردىن ھۆكۈمىتىڭلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ۋە باشقا دىنىي ئاز سانلىقلارغا قاراتقان سىياسىتى توغرىسىدىكى ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرۈشۈڭلارنى سورايمەن. سىز ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ. نېمىشقا ‹ئىقتىسادشۇناس› ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرلىرى بۇ ھەپتە مۇقاۋا ماقالىسىدە بۇ سىياسەتلەرنى ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› ۋە ‹ھەربىر شەخس پەقەت بىر ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشىش ھوقۇقى بار دېگەن پرىنسىپقا بۈگۈنكى كۈندە قىلىنىۋاتقان ئەڭ ئېغىر دەپسەندىچىلىك› دەپ ئاتايدۇ؟».
مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ماتېۋ پوتتىڭگېر سۆزىنى يەنە مۇنداق داۋام قىلىدۇ:
«ئۈچ قېتىم تېررورچىلارغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزگە شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئەخلاقىي ئىستراتېگىيەسى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. خىتاي دىپلومات P. C. چاڭ (پىڭ چۈنچاڭ) 1948-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنى تۈزۈشكە ياردەم بەرگەندە دەل مۇشۇنداق خورلاشلارنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان. مەن خىتاي پەلسەپىسى، دىن ياكى ئەخلاق ئۆلچەملىرى بويىچە دۆلىتىڭلاردا يولغا قويۇلۇۋاتقان جازا لاگېرلىرىنى ئاقلايدىغان ھېچقانداق بىر سەۋەب تاپالمىدىم.»
ئالدىنقى ھەپتە يەنى 16-ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرىئېن ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورگانلىرىدىن «ئاسپېن ئىنستىتۇتى» ساھىبخانلىق قىلغان تور يىغىنىدا سۆز قىلغاندىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلغانىدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقانلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ناھايىتى يېقىن بىر ئىش» دەپ ئىزاھلىغان. ئۇ سۆزىدە «شىنجاڭدا ئەگەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېىيىلمىگەن تەقدىردە، ئۇ ھالدا شۇنىڭغا ئىنتايىن يېقىن ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ» دېدى.
روبېرت ئوبرىئېن يەنە ئۇيغۇر لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ چاچلىرىنىڭ بازارغا سېلىنىۋاتقانلىقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈپ، چاچ مەھسۇلاتىرى ياساپ، ئۇنى ئامېرىكاغا ئەۋەتىۋاتىدۇ» دېگەن.
روبېرت ئوبرىئېننىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يېقىن بىر ئىش، دېىيىشى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاپ كەڭ خەۋەر قىلىندى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كېيىنكى قەدەمدە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتەمدۇ؟ دېگەن پەرەزلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقاردى.
ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان جازا لاگېرلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق سورۇنلاردا كۈچلۈك يوسۇندا تەنقىدلەپ كەلدى ۋە باشقا ئەللەرنىڭمۇ شۇنداق قىلىشى ئۈچۈن ئاكتىپ دېپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كەلدى. پرېزىدېنت ترامپ 2019-يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى قۇرۇشتا رول ئوينىغان شەخسلەر ۋە ئورگانلارغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا، پەمىدۇر، چاچ مەھسۇلاتلىرىغا ئىمپورت چەكلىمىسى قويدى. ترامپ ھۆكۈمىتى يەنە بىڭتۇۋەن ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئەمەلدارى ھەم شۇنداقلا جازا لاگىرلىرىنى قۇرۇشتا ئاساسلىق رول ئالغان خىتاي كومپارتىيەسى سىياسى بيۇروسىنىڭ ئەزاسى چېن چۈەنگو قاتارلىق 4 ئەمەلدارغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلدى.