ئاۋسترالىيەدە ھەقىقىي مەنىدىكى ئەركىنلىككە مۇيەسسەر بولغان سۆيۈنگۈل چانىشېف خانىم ئۆتكەن ھايات مۇساپىسىغا نەزەر سالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەدىمكى زامانلاردىكى خىتاي شائىرلىرى قەلەمگە ئالغان «ئېتىلىپ تۈگىگەندە توشقان، قازانغا دومىلىنىدۇ تايغان» دېگەن شېئىر بويىچە ئىش كۆرۈپ كەلگەنلىكىنى يادىغا ئالىدۇ. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نامىدا ئاپتونومىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، ماھىيەتتە بۇ چوڭ ئاپتونومىيە گەۋدىسىنى چەكلەش ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن قازاقلار، قىرغىزلار، موڭغۇللار قاتارلىق سانى ئۇنچە كۆپ بولمىغان مىللەتلەرگىمۇ ئوبلاست ياكى ناھىيە دەرىجىلىك تۆۋەنرەك ئاپتونومىيە قۇرۇپ بەرگەنلىكى ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەر كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان ھادىسىلەردىن ئىدى. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى 1940-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب دولقۇنلىرىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلار ئوتتۇرىسىغا غەرەزلىك ھالدا زىددىيەت ئۇرۇقىنى تېرىغان. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى قازاقلاردىن چىققان بىر قىسىم رەھبىرى كادىرلارنى ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلاردىنمۇ بەكرەك ھوقۇق ئىگىسى قىلىش، شۇ ئارقىلىق بىر-بىرىگە قېرىنداش بۇ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش ئەنە شۇنىڭ بىرى بولغان. يەنە كېلىپ 1950-يىللاردىن تارتىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە «گۇمانلىق» ياكى «خەتەرلىك» دەپ قالپاق كىيگەن كىشىلەرنىڭ خىتايلار نەزىرىدە مەڭگۈ گۇمانلىق ۋە ئىشەنچسىز كىشىلەردىن بولۇپ قالىدىغانلىقىنىمۇ كۆرگەن. ھالبۇكى 2016-يىلىدىن باشلانغان لاگېرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش سۆيۈنگۈل خانىممۇ ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ قىلتىقىغا دەسسەپ بىر-بىرىگە تەتۈر قاراشقا يۈزلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ ئوخشاشلا لاگىرنىڭ بالاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغانلىقىغا شاھىت بولغان.
مۇشۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ خەتىرىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش بەدىلىگە ئۆزلىرىنى سەمرىتىۋاتقانلىقىنى خەلققە بىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتكەن سۆيۈنگۈل خانىم 1960-يىللاردا تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ يېشى ئەمدىلا 20 دىن ئاشقان ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە «شەرقىي تۈركىستان مېھنەتكەش خەلق پارتىيەسى» نى قۇرغان. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارنىڭ تەشكىلاتى پاش بولۇپ قېلىپ ھەممىسى تۈرمىگە چۈشكەن. تۈرمىدە ئۇنىڭغا «مۇستەقىللىق خام خىيالى» دىن ۋاز كېچىش ھەمدە «كومپارتىيەگە توۋا قىلىش» ھەققىدە تەھدىتلىك سوراقلار بولغان بولسىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمىگەن.
سۆيۈنگۈل خانىم ئۆزىنىڭ «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسلىمىسىدە بايان قىلىنغان، شۇنداقلا ئون يىللارغا سوزۇلغان خىتاي تۈرمىسى ۋە ئاتالمىش «خەلق رېجىمى» دا باشتىن كەچۈرگەن ئاچلىق، ئايىغى چىقماس تاياق، روھىي بېسىم ۋە ئۆلۈم ھادىسىلىرى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئۆزىنىڭ ئاشۇ كۈنلەرنى قانداقلارچە ئۆتكۈزەلىگەنلىكىدىن باشقا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە ئوخشاشلا ھەيران. ئەمما ئۇ بۇ توغرىلىق سۆز بولغاندا ئۆزىگە كىچىكىدىن ئائىلە تەربىيىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە سىڭگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ ھاياتلىق مىزانلىرىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىلاھىي ئېتىقادنىڭ غايەت زور مەنىۋىي يۆلەك ۋە ئوزۇق بولغانلىقىنى ئىپتىخارلىق ئىچىدە ئەسلەيدۇ.
سۆيۈنگۈل چانىشېف خانىم ئۆز ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈنلا ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل ۋە شېرىن ئەسلىمىلەر ئەڭ كۆپ بولىدىغان ياشلىق باھارى خىتاينىڭ قاراڭغۇ تۈرمىسىدە خازان قىلىۋېتىلگەن. خىتاي تۈرمىسىدىكى گۇندىپايلار ھەمدە ئاتالمىش «خەلق رېجىمى» نى ئىجرا قىلغۇچىلار ئۇنى كېچە-كۈندۈزلەپ مانا مەن دېگەن ئەر كىشىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان جىسمانىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن بىرگە «سەن مەڭگۈ مۇشۇنداق ئۆتىسەن! سەن ھەتتا توي قىلىپ پەرزەنتلىكمۇ بولالمايسەن!» دەپ تەھدىت سالغان. ئەمما ئاقىۋەت ئۇ ئاشۇ مۇشتۇمزورلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە ئۆز قەدەملىرىنىڭ ئەركىنلىك تۇپرىقىغا يەتكەنلىكىنى كۆرگەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ ياشلىقىدىكى ئاشۇ قىزغىنلىقى سەۋەبىدىن بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرگە ئېچىنمايدۇ.
سۆيۈنگۈل چانىشېف خانىم بۇ يىل سەكسەن ياشقا مېڭىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇ ھېلىھەم شۇنچە تېتىك، شۇنچە روھلۇق. ئۇ ھېلىمۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاجەتلىرىدىن ئۆزى چىقىدىغان ئاقۋاش ئانىلارغا ئوخشاش ھەقىقەتنىڭ ھامان غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا، رەزىللىكنىڭ ھامان گۇم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇنىڭدەك ھەر كۈندىكى نامازلىرىدا «مۇستەقىللىق» ئۈچۈن ئىزچىل دۇئا قىلىدۇ. بىز بۇ قەھرىمان ئانىغا ساقلىق، خاتىرجەملىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەپ زىيارىتىمىزنى ئاياغلاشتۇردۇق.
0:00 / 0:00