ئۇيغۇر ئېلىدە 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا كۆپ ساندا كىشىلەر «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ كېسىلگەن بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىملىرى كەم ئۇچرايدىغان، ھەتتا جازالانغۇچى ئۆزى خىيالمۇ قىلىپ باقمىغان غەيرىي ۋە ئالاھىدە جىنايەتلەر بىلەن كېسىۋېتىلگەن. ئىلى ئوبلاستلىق كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ پىنسىيونېرى ئەسقەر ئازاتبەك ئەنە شۇلاردىن بىرى. ئەسقەرنىڭ قازاقىستاندىكى ھەدىسى گۆھەر خانىم تەمىنلىگەن سوت ھۆكۈمىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ قازاقىستاننىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلخانا خادىمىنى غۇلجادىكى بىرقانچە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنى زىيارەت قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن، «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

ئىلى ئوبلاستلىق كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ پىنسىيونېرى ئەسقەر ئازاتبەكنىڭ قازاقىستاندىكى ھەدىسى گۆھەر خانىمنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، 2016-قازاقىستانغا كۆچۈپ بارغان ۋە قازاقىستان ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتكەن ئەسقەر ئازاتبەك، 2017-يىلى قورغاس چېگرا بازىرىنى ئايلىنىۋاتقان مەزگىلىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا ئەكىتىلگەن. گۆھەر خانىم ئۇشتۇمتۇت غايىب بولۇپ كەتكەن ئىنىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ بىر يىلچە ھەپىلەشكەندىن كېيىن، ئىنىسىنىڭ «جاسۇسلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.
ئىلى ئوبلاستلىق كۆچمەنلەر ئىدارىسى، ئەسقەر ئازاتبەكنىڭ خېلى بۇرۇن پېنسىيىگە چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

گۆھەر خانىم، قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ ئىنىسىنى قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. قازاقىستاننىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى يېقىندا ئۇنىڭغا ئەسقەر ئازاتبەكنىڭ گەنسۇدىكى بىر تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن ۋە ئەلچىخانىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ گەنسۇدىكى مەزكۇر تۈرمىگە بېرىپ، ئەسقەر ئازاتبەكنى زىيارەتنى قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، گەنسۇدا بىرلا ئەمەس بىرقانچە تۈرمىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن مەھبۇسلار بارلىقى، كۆپىنچىسىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن چېتىشلىق مەھبۇسلار ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.
دېيىلىشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئەسقەر ئازاتبەكنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.
قازاقىستاننىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى بىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلخەت ئارقىلىق سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.
گۆھەر خانىم تەمىنلىگەن ئىلى ئوبلاستلىق سوت مەھكىمىسىگە تەۋە بولغان سوت ھۆكۈمنامىسىدە بايان قىلىنىشىچە، ئەسقەر ئازاتبەك غۇلجادا خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، قازاقىستاننىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ خادىمى، قوشۇمچە قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ خادىمى دانىيار سېرىكبايېۋ بىلەن دوستلىشىپ، ئۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ۋىزا ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرغان. ئۇلارنىڭ بۇ دوستلۇقى جەريانىدا دانىيەر سېرىبايوۋ غۇلجاغا كېلىپ ئەسقەر ئازاتبەكنىڭ ھەمراھلىقىدا غۇلجانىڭ چاپچال، نىلقا، تېكەس، موڭغۇلكۈرە ۋە غۇلجا ناھىيەلىرىدىكى بىرقانچە سۇ ئامبىرى ۋە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىنى زىيارەت قىلغان. زىيارەت داۋامىدا دانىيار قۇرۇلۇشنىڭ ئۆزىنى ۋە مۇھىم ئورۇنلارنى سۈرەتكە تارتقان. ئەسقەر ئازاتبەك بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆلىمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ھەققىدە مەلۇماتلار بەرگەن. سوت ھۆكۈمنامىسىدە، بۇ قۇرۇلۇش ھەققىدىكى رەسىم ۋە مەلۇماتلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋە دۆلەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى سۇ ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ ئىسپاتنامىلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن. ھۆكۈمنامىدە يەنە دېيىلىشىچە، ئەسقەر ئازاتبەك دانىار سېرىكبايېۋنىڭ قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىمى ئىكەنلىكىنى ۋە سۇ ئېلېكتر ئىشلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن ھالدا «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتىنى سادىر قىلغان.

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپىنىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ مەزكۇر سوت ھۆكۈمىدىكى مەزمۇنلارغا ئاساسەن پىكىر بايان قىلىشىچە، خىتاي تەرەپ ئەسقەر ئازاتبەكنىڭ چېگرا ئاتلاپ تۇتۇپ كەلگەن ۋە سوراق جەريانىدا كۈتۈلگەن جىنايەتلەرنى تاپالمىغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى سىياسىي ھاۋا بويىچە ئۇنى جازاسىز قويماسلىق؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ چېگرا ئاتلاپ تۇتۇپ كەلگەنلىكىدەك جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا توقۇلما بىر جىنايەتنى ئارتقان. سۇ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ جەمئىيەتكە ئاشكارا مۇئەسسەسە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بەختىيار ئەپەندى، بۇ دېلونىڭ 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇننىڭ ماھىيىتىنى، يەنى ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يەنە بىر مىسال ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.