ئەسرا سەزەر خانىم: «ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ مەسىلىسى خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلاندى»

0:00 / 0:00

مۇساپىرلار مەسىلىسى دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىمۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. يېقىندا ئەنقەرەدە نەشر قىلىنغان، تۈركىيەدىكى مۇساپىرلارنىڭ مەسىلىسى بايان قىلىنغان «ئىجتىمائىي پەنلەردە كۆچۈش» ناملىق كىتابدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر خانىم-قىز مۇساپىرلارنىڭ مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

بۇ كىتابقا تۈركىيە تىراكيا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى ئەسرا سەزەر خانىم يازغان «شەرقىي تۈركىستانلىق خانىم-قىزلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشى» ماۋزۇلۇق تەتقىقات ماقالىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن. بۇ ماقالە «كۆچۈش بىلەن خەۋپسىزلىك ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، شەرقىي تۈركىستانلىق خانىم-قىزلارنى كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان ئامىللار ۋە رايوندىكى ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، شەرقىي تۈركىستانلىق خانىم-قىزلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشى ۋە خۇلاسە» قاتارلىق 5 قىسىمدىن تەركىب تاپقان.

ماقالىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر خانىم-قىزلارنىڭ تۈركىيەگە مۇساپىر بولۇپ كۆچۈپ كېلىشىدىكى ئامىللار، ئۇلار تۈركىيەدە دۇچ كېلىۋاتقان قېيىنچىلىقلار ۋە بۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى بايان قىلىنغان. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ كىتابقا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى توغرىلىق ماقالە يازغان ئەسرا سەزەر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەسرا سەزەر خانىم مۇنداق دېدى: «مەن شەرقىي تۈركىستانلىق خانىم-قىزلارنى تۈركىيەگە كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان ئامىللارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خانىم-قىزلار دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر دەپسەندىچىلىكلەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. شەرقىي تۈركىستان خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىگە دۇچار بولىۋېتىپتۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ۋە مىللىي مائارىپىنى چەكلەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىسكەنجە، ئۆلۈم جازاسى، ئىقتىسادىي چەكلىمە يۈرگۈزىۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە پىكىر ئەركىنلىكى بوغۇلىۋېتىپتۇ. كېيىنكى يىللاردا خىتاي پۈتۈن كۈچى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۇپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋېتىپتۇ.»

ئەسرا سەزەر يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى، جازا لاگېرلىرىدا ئىسكەنجە ۋە باسقۇنچىلىققا ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە تۇغماس قىلىنىشتەك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىگە ئۇچرىغان. مەن ماقالەمدە بۇلارنى مىساللار ۋە ئىسپاتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتىم.»

ئەسرا سەزەر خانىم ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا «ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك» دېگەن تېما ھەققىدىمۇ توختالغان. ئۇ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى خانىم-قىزلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى كۆرۈنۈشتە يەرلىك مەسىلىدەك كۆرۈنسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارالىق بىر مەسىلىگە ئايلاندى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا نامايىش ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىش كېرەك. بۇلاردىن سىرت شەرقىي تۈركىستاندىكى خانىم-قىزلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى ئىسپاتلارنى يىغىپ دوكلات تەييارلاپ، بۇ ھەقتە دوكلاتلار تەييارلىنىشى كېرەك. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاياللار تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاكتىپ ئاڭلىتىشى كېرەك. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئاكتىپ پايدىلىنىپ، پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە بۇرۇيالىساق، خىتاي بۇ زۇلۇملىرىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

ئەسرا سەزەر خانىم ماقالىسىدا تۈركىيەدىكى مۇساپىر ئۇيغۇر خانىم-قىزلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر خانىم-قىزلارنىڭ ئىش تېپىشى، سالامەتلىك سۇغۇرتىلىرىدىن ھەقسىز پايدىلىنىشى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى قېيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تۈركىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇلارنىڭ ۋەتەنداشلىق رەسمىيەتلىرىنى تېز بېجىرىپ بېرىشى كېرەك. تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۈرىيەلىك خانىم-قىزلار ئۈچۈن كەسىپ ئۆگىنىش، تىل ئۆگىنىش كۇرسلىرى ئاچقاندەك، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر-خانىم قىزلىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق كۇرسلارنى ئېچىشى كېرەك. ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنى ھەر جەھەتتىن تۈرك جەمئىيىتىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشى كېرەك. ئۇيغۇرلار تۈركلەر بىلەن تىل، ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن ئوخشاش قېرىنداش مىللەت بولغاچقا، تۈركىيە جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرىشى باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئاسان بولىدۇ.»

ئەسرا سەزەر خانىمنىڭ بۇ ماقالىسىغا ماتېرىيال يىغىشىغا ياردەم قىلغان ئىستانبۇلدىكى «يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندى، ئەسرا سەزەر خانىمنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ھەققىدە ئۇزۇن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بۇ ماقالىنى يازغانلىقىنى، بۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ پەقەتلا پائالىيەت ساھاسىگىلا ئەمەس، بەلكى ئىلمىي تەتقىقات ساھاسىگىمۇ كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.