ئېتىقادلار بىرلەشمىسى ياشلار ئالاقە ئۇيۇشمىسى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسى ھەققىدە تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا دىنىي تەشكىلاتلار ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىۋاتقان بىر مەزگىلدە لوندوندىكى ئېتىقادلار بىرلەشمىسى ياشلار ئالاقە ئۇيۇشمىسىمۇ بۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان. مەزكۇر ئۇيۇشما ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەنگلىيە ۋە ياۋروپادىكى ياشلارغا تېخىمۇ كەڭ ئاڭلىتىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن 19-نويابىر تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ئاڭلىتىش، ئەنگلىيە پارلامېنتى ۋە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە قانداق سىياسەت قوللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە كىشىلەرگە ئۇچۇر بېرىش، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنى تېزدىن ھەرىكەت قوللىنىشقا ئۈندەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىندا ئالدى بىلەن رەھىمە خانىم 1997-يىلى يۈز بەرگەن «غۇلجا ۋەقەسى» ۋە 2017-يىلدىن باشلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق يېقىنقى دەۋردە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن سىياسىي ئاپەتلەرنى، جۈملىدىن خىتايدىكى قورقۇنچلۇق سىياسەت ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە پاجىئەلەرنى بايان قىلدى. رەھىمە خانىم بۇ يىغىنغا خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غەنى بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە 150 پارلامېنت ئەزاسى ئىمزا قويغان «يەھۇدىي خەۋەرلىرى ئىلتىماسنامىسى» نى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە سۇنۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايىتىگە قارشى ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بولغان ئەنگلىيە شىركەتلىرىنى ئېنىقلاش ۋە ئۇلارغا چەكلىمە قويۇش ئۈچۈن پارلامېنتتا قانۇن ماقۇللىتىشقا ھەمدە ئەنگىلىيەدىمۇ ئامېرىكىدىكىگە ئوخشاش ماگنىتىسكى قانۇنىنى يولغا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىغىنغا قاتناشقان تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن باستۇرۇشىنىڭ تېز سۈرئەتلىك، كەڭ كۆلەملىك ۋە قەبىھلەرچە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىرىنچى باسقۇچ ساقچى دۆلىتى قۇرۇش باسقۇچى بولۇپ، خىتاي 2014-يىلدىن 2016-يىلغىچە ئۇيغۇر رايونىدا ساقچىلارنى بىراقلا كۆپەيتكەن ۋە ھەممە يەرگە نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئورناتقان؛ ئىككىنچى باسقۇچ، لاگېرغا سولاش باسقۇچى بولۇپ، خىتاي 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە ئۇيغۇرلارنى كەڭ-كۆلەمدە لاگېرلارغا قامىغان؛ ئۈچىنچى باسقۇچ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيە باسقۇچى بولۇپ، خىتاي 2019-يىلدىن تا ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىپ خىتايلاشتۇرۇش، تۇغۇتنى چەكلەش قاتارلىق سىياسەتلەر بۇنىڭغا كىرىدۇ». ئۇ خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنىڭ ھەقىقەتەن قەبىھلىك، ۋەھىشىيلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارادىن خىتايغا چوقۇم كۈچلۈك بېسىم بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ جىنايەتنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئاتايلى ياكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتايلى، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇنى ئېنىق باھالىشى ۋە ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك».

بۇ يىغىنغا يەنە ئەنگلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئۆكتىچى ئەمەلدارى ستىفېن كىننوك ئەپەندى قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ رايون ھالقىغان ئىنسانلىق مەسىلىسى، ۋىجدان مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يەردە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئىنسانلارنىڭ سانى ھەققىدە ئەمەس، بەلكى ھاياتى ھەققىدە گەپ قىلىۋاتىمىز. گەرچە ئۇلار بىزدىن يىراق يەردە ياشاۋاتقان بولسىمۇ ئىنسانلىق قىممىتى، قىممەت قارىشى، ھەق-ناھەق تۇيغۇسى ۋە ئومۇمىي بىرلىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئارىلىقنىڭ يىراقلىقى ھېچقانداق سەۋەب بولالمايدۇ. بۇ ھازىر خەلقئارا مەسىلىدۇر، دۇنيانىڭ ۋىجدانىنى ئازابلايدىغان مەسىلىدۇر. بىز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئېنىق تونۇپ، بۇ جىنايەتنى توسۇشقا ھەرىكەتلىنىشىمىز لازىم؛ ئېغىزىمىزدا دەپلا قويماي، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشىمىز لازىم؛ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى، دېموكراتىك ئەللەردىن بولغان ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قىستىشىمىز لازىم». ئۇ يەنە بۇ يىغىندا ئۆزىنىڭ ھەرىكەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالدى بىلەن ئەنگىلىيە پارلامېنتى ئەزالىرىنى، بولۇپمۇ كونسېرۋاتىپ پارتىيە ئەزالىرىنى ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇشقا ۋە ماگنىتىسكى قانۇنىنى ماقۇللىتىشقا سەپەرۋەر قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككىنچى قەدەمدە، مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى زامانىۋى قۇل قىلىپ ئىشلىتىشىگە قارشى قانۇن تۇرغۇزۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى خەلقئارا بىرلىكىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئەزالىرى ئەنگلىيە دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرىگە بىرلەشمە مەكتۇب سۇنۇپ، ئەنگلىيەنىڭ «كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنى جازالاش خەلقئارا نىزامنامىسى» بويىچە، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىدا جىنايىتى ئېغىر بولغان چېن چۈەنگو، جۇ خەيلۇن، سۇن جىنلوڭ، پېڭ جىيارۇ، ۋاڭ مىڭشەن، خو ليۇجۈن قاتارلىق ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەن ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان.

رەھىمە خانىم ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرۇلۇق رەسمىي قارار چىقارمىغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەتكە كېلىۋاتقان بېسىمنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ماگىنىتىسكى قانۇنىنى ماقۇللاشنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەتتىن يەنە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جىنايەتنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇپ، خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى شۇنىڭغا ئاساسەن بېكىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل لوندوندا قۇرۇلغان ئېتىقادلار بىرلەشمىسى ياشلار ئالاقە ئۇيۇشمىسى (فۇين) ياشلاردىن تەشكىل تاپقان ئېتىقادچى ئامما ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلغان خەلقئارالىق سەھنە بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ھەر خىل دىن ۋە ئېتىقادتىكى ياشلار ۋەكىللىرى ئىكەن.