خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىش شەرتلىرىنى رەت قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-03-18
Share
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىش شەرتلىرىنى رەت قىلغان ھۆججەت سۈرەت - بېيجىڭدىكى ياۋروپا بىرلەشمىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان خىتاي قاراۋۇلى_2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى
AFP

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىشىكىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە كەڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق زىيارەتكە ئالدىنقى شەرت قوشۇپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ كەلدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «ھەقىقىي مەنىدىكى» تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى يەنە رەت قىلغان.

  مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىش شەرتلىرىدە كېلىشەلمىگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن 2019-يىلدىن بۇيان ياۋروپا دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى تەكشۈرۈشى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كەلگەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتچىسى 17-مارت رادىيومىزغا بەرگەن باياناتىدا،«كۈتكەن تەلەپلىرىنى چىقىش قىلغان ھەقىقىي مەنىدىكى زىيارەتكە داۋاملىق تەييار» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ مىڭ 16-مارت  «ياۋروپا سىياسەت مەركىزى» ئۇيۇشتۇرغان تور يىغىنىدا خىتاينىڭ زىيارەت مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئاقلاپ، خىتاينىڭ «پەقەت بىر تەلەپنىڭ سىرتىدا، بارلىق تەلەپلەرنى قوبۇل قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتچىسى 17-مارت رادىيومىزغا بەرگەن يازما باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ زىيارەتتىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى شەرھلەپ، بۇ تەلەپلەردە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئۇ ياۋروپا  ئىتتىپاقى كۈتكەن تەلەپلەرنىڭ «كونكرېت ئورۇنلارغا كىرىش، بۇ ئورۇنلارغا كىرىشنىڭ كونكرېت شەرتلىرىنى، شۇنىڭدەك ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ  ئېرىشكۈچىسى  ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى. ئۇ باياناتتا ئۇلار كىرىشنى تەلەپ قىلغان كونكرېت ئورۇنلارنىڭ ئىسمى ۋە بۇ ئورۇنلارغا كىرىشنىڭ كونكرېت شەرتلىرىنى تىلغا ئالمىغان. بىراق ياۋروپا باش ئەلچىلىرىنىڭ « زىيارىتى ھېچقانداق قىياس ياكى بىر تەرەپلىمىلىك بولمىغان، پەقەت پاكىتنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئىشەنچلىك مۇنبەرلەردىن ئالغان ئەمىلى ۋە ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا تايانغان ھەقىقىي مەنىدىكى زىيارەت بولغاندا قوبۇل قىلىدۇ» دېگەن. 

خىتاينىڭ بىريۇسسېلدىكى باش ئەلچىسى «ياۋروپا سىياسەت مەركىزى» دە قىلغان سۆزىدە تۈرمىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ئىما قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى باش ئەلچىلىرىنىڭ «خىتاي قانۇنىغا ئاساسەن جىنايەت بېكىتىلگەن، قاماقتىكى بىر جىنايەتچى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغانلىقى، بۇنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن. 2014-يىلى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ ھازىر قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان پۈتۈن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان 

«جەۋھەر ئىلھام: بىر ئۇيغۇرنىڭ دادىسىنى ئەركىنلىككە چىقىرىش كۈرىشى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، يەنى ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھام  17-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن خىتاي قانۇنلىرى بويىچە ئېيتقاندىمۇ مېنىڭ دادام زىيارەت قىلىنىشقا لاياقەتلىك بولۇشى، ئۇنىڭ زىيارەت قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك ئىدى. بىراق 2017-يىلدىن بېرى مېنىڭ ئائىلەمدىن ھېچكىم ئۇنى زىيارەت قىلالمىدى. مانا ھازىر ئۇلار ياۋروپا  ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ ئۇنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويمىغان. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كونكرېت مەسىلىدىكى جاۋابىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ ئائىلەمدىن ۋە دۇنيادىن يوشۇرىدىغان بىر نەرسىسى بارمىدۇ؟ دەپ ئويلاۋاتىمەن». 

ئۇ يەنە دادىسىنىڭ خىتاي قانۇنىغا خىلاپلىق قىلمىغانلىقى، ئۇنىڭ ھېچقاچان «جىنايەتچى» ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ خاتا قامالغانلىقى، ھېچقاچان «بۆلگۈنچىلىك»، «ئاشقۇنلۇق ۋە نەپرەتكە قۇتراتقۇلۇق» قىلمىغانلىقى، ئۇنىڭ «تىنچلىقپەرۋەر، سۆيۈملۈك» ئادەم ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ كىشىلەرگە ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىدە ياتماسلىقى،  «جىنايەتچى» دەپ ئاتالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ  ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىنىڭ رايوندا ئەركىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلدى. 

جەۋھەر ئىلھام مۇنداق دېدى: «  مېنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە جاۋابىم شۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى خاتالىقىنى تۈزىتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاق ئەمەلدارلىرىنىڭ دادامنى زىيارەت قىلىشى، ئۇيغۇر رايونىدا ھېچقانداق تەقىب ۋە نازارەتكە ئۇچرىماي، سەھنە ئويۇنلىرىنى كۆرسەتمەي ئەركىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويسۇن. شۇنىڭدەك يەنە ئائىلەمنىڭ دادامنى  ئەركىن يوقلىشىغا، خىتايدىكى باشقا ھەرقانداق <جىنايەتچىلەرگە>يول قويغاندەك ئۇنىڭمۇ ئائىلىسىنىڭ ھەر ئايدا ئۇنى يوقلىشىغا كاپالەتلىك قىلسۇن. تېخىمۇ توغرىسى دادامنىڭ تۈرمىدىكى ئوقۇغۇچىلىرىنى قويۇپ بەرسۇن». 

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى رەت قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ياۋروپا ئىتتىپاقى 17-مارت چارشەنبە 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشى تۈپەيلى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. بىراق گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ مەسلىھەتچىسى ياسنا كاۋسېۋىچنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ مەسىلىدە يەنىلا «ئاكتىپ ۋە كەسكىن ئەمەس» ئىكەن. 

ياسنا كاۋسەۋىچ 17- مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىنتايىن پاسسىپ. ئۇ تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىشى كېرەك بولسىمۇ، بىراق يېتەرلىك قىلمايۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۇ بۇ جەھەتتە تەشەببۇسكار ئەمەس. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەيلى ياۋروپا كومىسىسيەسى بولسۇن ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بارلىق ئەزا دۆلەتلەر بولسۇن ھەممىسىدىن رازى ئەمەس».

 ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ھەرگىز خىتاينىڭ قويغان شەرتلىرىنى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك ئىكەن.  ئۇ، ئەگەر خىتاينىڭ شەرتلىرى قوبۇل قىلىنسا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مەن ئۇلارنىڭ خىتاي قويغان شەرتلەرنى ھەرگىز قوبۇل قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ شەرتلىرىنى قوبۇل قىلسا، خىتاي ئۇلارغا پوتېمكىن يېزىلىرىدەك ياساپ قويغان جايلىرىنى كۆرسىتىپ قويۇپ قايتۇرۇۋېتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا سىز رايوندىكى رېئاللىقنى ئەمەس، ئۇلار كۆرسىتىشنى خالايدىغان جايلارنى، پەردازلاپ قويغان ئورۇنلارنى كۆرسىىز، خالاس» دېدى. 

جەۋھەر ئىلھامنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوشۇرىدىغان يېرى بولمىسا، بۇ ئورۇنلار ئۇنىڭ ئۆزى دېگەندەك ھەقىقەتەن نورمال مەكتەپ بولسا، بۇ ئورۇنلارنى كۆپچىلىككە ئېچىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بۇ ئورۇنلار، ئاتالمىش بۇ <كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى> ھەقىقەتەن كەسپىي مەكتەپلەر بولسا ئۇلار بۇنى يوشۇرماسلىقى، بۇ ئورۇنلارنى خىتايدىكى ھەرقانداق بىر مەكتەپكە ئوخشاش كۆپچىلىككە ئېچىۋېتىشى، ھەممە ئادەم رۇخسەت ئالماي، پەردازلىماي، چەكلىمىگە ئۇچرىماي، ساقچىلارنىڭ توسۇشىدىن خالى ئەركىن بارالايدىغان بولۇشى لازىم». 

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتچىسى 17-مارت رادىيومىزغا ئەۋەتكەن باياناتىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئىپادىسىنى ئاقلاپ، «شىنجاڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىلىق ئېنىق ۋە ئىزچىل سۆزلەپ، سىياسىي قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى، نازارەت، دىنىي -ئېتىقادقا  بولغان چەكلەشلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئىپادىلەپ كەلدۇق. شۇنىڭدەك يەنە خىتاينى ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا مەجبۇرىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىشقا، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا، جۈملىدىن ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىپ كەلدۇق» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت