ئەخمەت بوزئوغلان: بىزنى خىتاي كونسۇلى «ئەكېتىمىز» دەپ تەھدىت سالدى؛ تۈرك كونسۇلى «قۇتۇلدۇرىمىز» دەپ ئىلھام بەردى! (4)

0:00 / 0:00

ھىندونېزىيە تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇس ئەخمەت بوزئوغلان، مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا، ئۆزلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈش جەريانىدا خىتاي ۋە تۈرك كونسۇلى بىلەن قىلىشقان گەپلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى ئۇيغۇر رايونىدىن چاقىرتىپ كەلگەن ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە سوراق قىلىپ، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ ئەكېتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان؛ تۈرك كونسۇلى بولسا ئۇلارنى يېمەك-ئىچمەك ۋە پۇل بىلەن يوقلاش بىلەن بىرلىكتە، ئۇلارنى ئامال قىلىپ تۈركىيە ئەكېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىلھام بەرگەن. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

سوئال: مۇشۇ دېلويىڭلار ھەققىدە ئۆزىڭىز نازۇك ياكى سىرلىق دەپ قارايدىغان قايسى نۇقتىلار بار؟

جاۋاب: مەن ھېچكىمگە ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەن، ھېچكىمنى بىلمىگەن ۋە ھەرقانداق بىر گۇرۇپپىغا قاتناشمىغان ئەھۋال ئاستىدا يەنە مېنى 8 يىللىق كېسىۋېتىشى مەن ياتقان تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيران قالدۇردى. مەن بۇ ئىشقا خىتاينىڭ قول تىقىشى ۋە خىتاي تەرەپنىڭ ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى بۇ ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ قارايمەن.

سوئال: خىتاي تەرەپ بىرەر جىنايەت ھېكايەسىنى توقۇپ سىلەرگە ئارتقاندەكمۇ ياكى قانداق؟

جاۋاب: ھېكايە توقۇمىغان، ئەمما سوراق جەرياندىكى ھەر بىر تەپسىلاتقا بىرنەرسىلەرنى قېتىم، كۆپتۈرۈپ ئىشنى چوڭايتىۋەتكەن.

سوئال: نېمىگە ئاساسەن بۇنداق دەيسىز؟

جاۋاب: خىتاي تەرەپ بىزنى سوراق قىلغاندا قايتىپ كىرىپ كەتسەڭلار ھېچنېمە قىلمايمىز، ئاتا-ئاناڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمىز، تۈركىيەلىك ئەمەسلىكىڭلارنى ئېتىراپ قىلساڭلارلا بولدى دەپ بىزنى ئالدىدى؛ بىز ئۆزىمىزنى تۈركىيەلىك دەپ چىڭ تۇرغاندىن كېيىن، تۈركىيەگە كەتسەڭلارمۇ تۈرمىگە كىرىسىلەر، بۇ يەردە قالساڭلارمۇ تۈرمىدە ياتىسىلەر، چۈنكى سىلەر تېررورىست. بىز سىلەرنى قانداقلا قىلىپ بولۇپ بولمىسۇن ئەكىرىپ كېتەلەيمىز دەپ تەھدىت سالدى ۋە ھەتتا تىللىدى.

سوئال: سورىغانلار ساقچىلارمۇ كونسۇلخانا خادىملىرىمۇ؟

جاۋاب: ئۈچ قېتىم سوراق قىلدى، ھەممىسىدە چاقىرتىپ ئەكەلگەن ئۇيغۇر ساقچىلاردىن ئىككىسى، كونسۇلخانا خادىملىرىدىن 2-3ئى بىرلىكتە سورىدى. ھەر قېتىملىق سوراق بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتتى.

سوئال: ئۇلار ئاساسلىقى نېمىلەرنى سورىدى؟ كىملەرنى سىلەرنى يولغا سالدى دېگەندەك گەپلەرنى قىلدىمۇ؟

جاۋاب: قايتۇرۇپ ئەكېتىشنىڭلا گېپىنى قىلدى، بىز ئۆزىمىزنى تۈركىيەلىك دەپ چىڭ تۇرغانلىقىمىز ۋە كۆپىنچە سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەي تۇرۇۋالغانلىقىمىز ئۈچۈن كۆپ تېمىدا سوئال سورىشىغا مۇمكىنچىلىك بولمىدى.

سوئال: سوتتا سىلەردىن تۈركىيەنىڭ ئىستىقلال مارشى سورالغانلىقى ۋە سىلەرنىڭ جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىڭلار ھەققىدە گەپلەر بار، بۇ توغرىمۇ؟

جاۋاب: شۇنداق، ئىستىقلال مارشى سورالدى، بىز بىر قىسمىنى ئوقۇپ بېرەلىدۇق، تولۇق دەپ بېرەلمىدۇق.

سوئال: سوتتا تۈرك كونسۇلى بارمۇ نەق مەيداندا؟

جاۋاب: بار، ھەر قېتىملىق سوتتا بار.

سوئال: ئۇلار سىلەرگە ھېسداشلىق پوزىتسىيەسىدە بولدىمۇ ياكى گۇمانىي كۆزدە قارىدىمۇ؟

جاۋاب: ئۇلار بەك چوڭ ھېسداشلىق قىلدى؛ ھەر قېتىملىق سوتتا پۇل، يېمەك-ئىچمەك ئېلىپ كىرىپ بىزنى يوقلىدى؛ ھەم «سەبرە قىلىڭلار، سىلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭىزلارغا ياردەم قىلىمىز» دېدى.

سوئال: خەۋەرلەردە يەنە، يەنە بىر نەچچە ئۇيغۇرنىڭ ھىندونېزىيەدىكى رادىكال گۇرۇپپىلارغا قېتىلغانلىقى ۋە ئۇلار بىلەن ھىندونېزىيە ساقچىلىرىغا قارشى جەڭلەرگە قېتىلىپ، نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە گەپ بار. بۇلاردىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟

جاۋاب: مەن سىز گېپىنى قىلغان كىشىلەرنى ۋە ئۇ ئەھۋاللارنى بىلمەيمەن.

سوئال: سىز بىلىدىغان ۋە سىز بىلەن بىر مەيداندا تۇتۇلغان 3 سەپەردېشىڭىزنىڭ ئەھۋالىمۇ سىز بىلەن ئوخشاشمۇ؟

جاۋاب: شۇنداق، ئۇلار بىلەن مالايشىيادا تونۇشقان، بىرگە سەپەر قىلغان؛ ئۇلار بىلەن پىكىرىمىز، يولىمىز ئوخشاش ئىدى.

سوئال: ھازىر سىزنىڭ قانچىلىك مۇددىتىڭىز قالدى؟

جاۋاب: ئىككى يىل 4 ئاي قالدى.

سوئال: ئالدىنقى 3 سەپەردېشىڭىزنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئەھۋالىغا قاراپ، قايتۇرۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق بىر ئىشنى زۆرۈر دەپ قاراۋاتىسىز؟

جاۋاب: بىلىشىمچە تۈرمە باشلىقلىرى 3 دوستۇمنى قايتۇرۇشنىڭ ئالدىدا تۈرمە خىزمەتچىلىرىگە بۇ ئىشنى سىرتقا بىلدۈرمەسلىكنى ئۇقتۇرغان؛ قايتۇرۇشنى مەخپىي ئېلىپ بارغان؛ شۇڭا قايتۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ئەھۋالىم سىرتقا چىقىپ كەتسە پايدىلىق دەپ قارايمەن، ئۇنىڭدىن باشقا، مۇددىتىم توشقانغا يېقىن تۈركىيە ياكى ياۋروپادىن بىرەرى كېلىپ ئىشىمغا ئارىلاشسا ئامان قالىمەن دەپ پەرەز قىلىمەن.

سوئال: بەلكىم مۇشۇ تېمىدىكى زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ نۇقتىدا دەيدىغان بىر گەپ-سۆزىڭىز بارمۇ؟

جاۋاب: مېنىڭ بىخەتەرلىكىم ئۈچۈن باش قاتۇرۇۋاتقان بارلىق ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن.

سوئال: ئەمىسە سىزنى سۆزلەشتىن توختاتقۇچە يەنە بىرئاز سۆزلىشەيلى.

جاۋاب: خاپا بولمايسىز، ۋاقتىم توشۇپ قېلىپتۇ.

يۇقىرىدا ھىندونېزىيەدىكى ئۇيغۇر مەھبۇس ئەخمەت بوزئوغلاننىڭ سوراق ۋە سوتلىنىش جەريانىدا خىتاي تەرەپنىڭ ئۇلارنى ئەكېتىمىز دەپ تەھدىت سالغانلىقى، تۈركىيە تەرەپنىڭ بولسا قۇتقۇزىمىز دەپ ئىلھام بەرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.