سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

تۈركىيە كېلەچەك پارتىيەسى رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ 11-يانۋار كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.

11-يانۋار كۈنى كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ ئەنقەرە مەركىزىدىكى زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر كۆرسىتىلگەن كۆرگەزمە ئېچىلدى. مەزكۇر رەسىملەر يىغىن ئەھلىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى.

Axmet-Dawutoghlu-BeijingOlimpikBoyqut-20220111-03.jpeg

يىغىندا ئالدى بىلەن كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىزمەتلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى سەراپ يازىجى خانىم، پارتىيەنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پېشقەدەم دىپلومات ئۈمىد ياردەمچى ئەپەندى، تۈرك دۇنياسىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا باشتا غەرب ئەللىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە قارشى تەدبىرلەر ئېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار بىلەن قان قېرىنداش بولغان تۈركىيەنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.

Kelechek-partiyesi-muawin-reisi-selchuq-ozdagh.jpeg
كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى سۆزدە.

ئارقىدىن «كېلەچەك» پارتىيەسى رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ سۆز قىلدى. ئۇ، ئالدى بىلەن مۇنۇلارنى دېدى: «ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بولغان قىممەتلىك ئۇيغۇر، قازاق قېرىنداشلىرىم، ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى، قىممەتلىك مۇخبىرلار ۋە پارتىيەمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى، ھەممىڭلارغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئەسلىدە بۇنداق يىغىنلاردا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان تېمىلار ھەققىدە سۆزلەشسەك ياخشى بولاتتى، لېكىن ھازىر خىتاي شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم، بېسىم، يۈرىكىمىزنى داغلىماقتا. بىز كېلەچەك پارتىيەسى دۇنيانىڭ قەيىرىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بولسا ئۇنىڭ قارشى تۇرۇۋاتىمىز. خىتاي ھازىر دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرى قۇرۇپ، دىنىي ئىبادەتنى چەكلەپ، قېرىنداش ئائىلە نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە خىتايلارنى جايلاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەدەنىي، دىنىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىغا ھۇجۇم قىلماقتا. خىتاي ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا. بۇنداق بىر پەيتتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىچە سۈكۈتتە تۇرۇشى بىزنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرماقتا».

Axmet-Dawutoghlu-BeijingOlimpikBoyqut-20220111-02.jpeg

ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئاخبارات باياناتىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، كانادا، ۋە لىتۋا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى كۆپ ساندا دۆلەت ۋە كۆپ ساندا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى بىرلەشمە خەتلەرگە قول قويدى. بۇنداق بىر پەيتتە پرېزىدېنت رەجەپ تاييپ ئەردوغان نېمىشقا سۈكۈتتە تۇرىدۇ؟ بىز كېلەچەك پارتىيەسى ھەر دائىم قەيەردە بىر ئېزىلگەن مىللەت بولسا ئۇلارغا ياردەم قولىنى ئۇزىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىمىز».

كېلەچەك پارتىيەسى ئىككى ئايدىن بۇيان تۈركىيە پارلامېنتىدا بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىدىغان بىر قارار ماقۇللىتىش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا كۆپ ساندا چەتئەللىك ۋە تۈرك مۇخبىرلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى دىققەت تارتتى.

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە كومىتېتى باش كاتىپى ئابدۇلخەمىت ئەپەندى كېلەچەك پارتىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكانىڭ بايدېن ھۆكۈمىتى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىشى سەۋەبلىك بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە، كانادا، يېڭى زېلاندىيە ۋە ئاۋسترالىيەمۇ بۇ سەپكە قوشۇلغانىدى. ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسوننىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىپ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئەۋەتمەيدىكەن. بۇلاردىن كېيىن بۇ ھەقتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان بېسىم كۈنسايىن كۈچەيمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بايقۇت قىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.