8-مارت دۇنيا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 3-ئاينىڭ 4-كۈنى تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ زالىدا «شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى. يىغىنغا سابىق باش مىنىستىر، «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ، مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ، ھەبىبە چىفتچىئوغلۇ خانىم، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەدا خانىم، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە ئىستانبۇل، كونيادىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.
يىغىن رىياسەتچىسى مەلىكە قارا خانىم يىغىننىڭ باشلىغانلىقىنى جاكارلاپ مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك يىغىن ئەھلى، ‹شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش› ماۋزۇلۇق يىغىنىمىزغا خۇش كەلدىڭلار. شەرقىي تۈركىستاندىكى خانىم-قىزلارنىڭ تارتىۋاتقان دەرتلىرىنى، ھېس-تۇيغۇلىرىنى، خىتاي زۇلۇمىنى دۇنياغا ئاڭلىتالمايۋاتقنلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. ھۆكۈمىتىمىز سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە پارتىيەمىزنىڭ ئاياللار خىزمىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ھەبىبە چىفتچىئوغلۇنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر يەرگە جەم بولدۇق. بۈگۈنكى يىغىندا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دەرت-پەرياتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇمىز.»

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «يۈسۈپ خاس ھاجىب يازغان ‹قۇتادغۇ بىلىك› ناملىق ئەسەرى بىلەن سىياسىتىمىزنىڭ ئۇلى سېلىنغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىم، ئۇيغۇر ئايال قەھرىمانلىرىدىن نوزگۇزۇم، ئىپارخان، مايىمخان ۋە رىزۋانگۈل خانىملارنىڭ يۇرتداشلىرى، قىممەتلىك ئۇيغۇر خانىم-قىزلار، قىممەتلىك مېھمانلار، ھەممىڭلارغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن. بىز پارتىيە رەھبەرلىرى يىغىنىدا دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئېزىلىۋاتقان ئاياللار قەيەردە؟ دەپ ئويلىدۇق. ئەڭ كۆپ ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، ئېزىلىۋاتقان ئاياللارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ يىلقى ئاياللار بايرىمىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئاتىدۇق. يىغىنىمىزغا قاتناشقانلىقىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.»
ئۇ ئېچىلىش نۇتۇقىدا ھازىر ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا سۈكۈتتە تۇرىۋاتقانلارنى تۈرك مىللىتىنىڭ، تارىخنىڭ ۋە خۇدانىڭ ئەپۇ قىلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىق ئاياللار توغرىسىدا يىغىن چاقىردىڭلار دېسەڭلار، چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا ھەممە كىشى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ، لېكىن ئەڭ كۆپ بەدەلنى ئۇيغۇر ئاياللار ئۆتەۋاتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇڭا ھازىر تۈركىيەدە بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ سۈكۈتتە تۇرىۋاتقانلارنى مىللەت، تارىخ ۋە خۇدا ئەپۇ قىلمايدۇ.»
ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ نۇتۇقىدا ئۇيغۇر خانىم-قىزلار دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇم توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلىشچە، خىتاي 18 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر ئاياللارنى دورا ئارقىلىق تۇغماس قىلىۋېتىپتۇ. مەزكۇر دوكلاتتا بەزى يەرلەردە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ 85 پىرسەنت تۇغماس قىلىۋېتىلگەن. بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىندىشى بولغان بىز دېمەيۋاتىمىز، بەلكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دەۋاتىدۇ. ھازىر 2 مىليون ئۇيغۇر لاگېرلاردا، ئاياللار سىستېمىلىق تاجاۋۇزغا ئۇچراۋاتىدۇ.»
«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ ئەپەندى خىتاينىڭ بۇنداق قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشىدىكى مەقسەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشىدا ئىككى مەقسىتى بار. بىرى بۇ يەردەكى نۇپۇسنى ئازايتىش، ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىزلارنى باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرنى يوق قىلىش. دوكلاتلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس كۆپىيىشى بەكلا تۆۋەن ئىكەن. ئۆلۈم نىسبىتى بەكلا يۇقۇرى ئىكەن. بۇلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئايال بار يەردە كىشىلەر بولىدۇ، تىل بولىدۇ، مەدەنىيەت بولىدۇ، دىنىي-ئېتىقاد بولىدۇ. ئاياللار بولىمىسا، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بولمايدۇ. شۇڭا خىتاي ئۇيغۇر ئاياللارغا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئككىنچىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنى يوق قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ھەر دائىم ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقتۇق. لېكىن بۈگۈن تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقانلار ئاۋازىنى چىقارمايۋاتىدۇ. بىز ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىمىز.»
4-مارت كۈنى «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش» ماۋزۇلۇق يىغىندا ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان نۇزۇگۇم خانىم-قىزلار جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيەت ئەزاسى مەدىنە مۇھەممەت خانىم، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىۇڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ ئايالى سارە خانىم ۋە شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى خانىم-قىزلار دۇچار بولىۋاتقان ھەر خىل زۇلۇملارنى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئەنقەرە ئۈنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جوغراپىيە فاكۈلتىتېدە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان ئۆمەرجان نۇرىنىڭ قىزى سۇبھىنۇر، «دادام قەيەردە؟» دېگەن لۇزۇنكىنى كۆتۈرگەن ھالدا كۆز ياشلىرى ئاستىدا دادىسىنىڭ خوتەندە تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئىز-دىرىكىنى ئالالمىغانلىقىنى ئاڭلاتتى.

يىغىن ئاخىرىدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نامىدىن ھەدىيەلىك بويۇم تەقدىم قىلىندى.
يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئۇزاتتۇق. يىغىندىكى دوكلاتىدا لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كىشىلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن مەدىنە مۇھەممەت خانىم يىغىننىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
يىغىنغا كونيادىن كېلىپ ئىشتىراك قىلغان زۆھرە ھەسەن خانىم ئۆزلىرىنى يالغۇز، ئىگە چاقىسىز ھىس قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ بەكلا خۇرسەن بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
گۈلقىز دۆلەت خانىم يىغىندىن ئالغان تەسىراتى توغرىسىدا توختالدى.
«كېلەچەك» پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن بۇيانقى 2 يىل مابەينىدە ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، ئۇلار بۇندىن كېيىنمۇ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.