مۇقەددەس رامزان ئېيىنىڭ كىرىشى بىلەن تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىشى، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇلارنى تىلغا ئېلىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە يەنىلا سۈكۈتتە تۇرۇشى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. سابىق باش مىنىستىر، كېلەچەك پارتىيەسى رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ 19-ئاپرېل كۈنى تۈركىيەدىكى بىر شەخسى تېلېۋىزىيە قانىلىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ مەزلۇم خەلقى بولغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىگە چىقماي سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشنىڭ تۈركىيە تارىخىغا چۈشكەن داغ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ، مەزكۇر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ مەزلۇم ئېزىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ئالدىدا پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ تۈركىيە تارىخىغا چۈشكەن داغ ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسى نومۇس قىلىشقا تېگىشلىك».
مەلۇم بولغىنىدەك تۈركىيەدىكى بۇرۇنقى «ئىشچى» پارتىيەسى، ھازىرقى «ۋەتەن» پارتىيەسى رەئىسى دوغۇ پەرىنچەك داۋاملىق ھالدا تېلېۋىزىيەلەردە بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر رايونىدا لاگېر يوقلۇقىنى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ پارتىيە بىلەن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى، ھازىر پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى قوللىماقتا. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى كېيىنكى 4 يىلدا خىتاينى ئەيىبلەپ باقمىدى. ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا دوغۇ پەرىنچەكنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «دوغۇ پەرىنچەكنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى تېررورچى دەۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدۇ؟ ئۇ بۇ ھەقتە بايانات بەردىمۇ؟ مەن ئەردوغاندىن شۇنى سورىماقچىمەنكى، ئەردوغان ئەتە چىقىپ بايانات بەرسۇن، شەرقىي تۈركىستانلىقلار دوغۇ پەرىنچەك دېگەندەك تېررورچىمۇ؟ ياكى مەخمۇت قەشقەرىنىڭ ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ يۇرتىدا ئانا تىلىدا سۆزلىشىپ، دىنىي ئېتىقادى بىلەن ئەركىن ياشاشنى تەلەپ قىلىۋاتقان سەمىمىي مۇسۇلمانلارمۇ؟ ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇنىڭغا پوزىتسىيە بىلدۈرسۇن. نېمىشقا ھازىرغىچە بۇ ھەقتە گەپ قىلمايدۇ؟»»
كېلەچەك پارتىيەسى رەئىسى، ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەپەندى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقاندا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى، بۈگۈن نېمە ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى سوراپ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى 2 يىل ئىچىدە رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاغزىدىن شەرقىي تۈركىستان دېگەن سۆزنى ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ 2009-يىلى مەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقاندا، ھۆرمەتلىك ئەردوغان ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دېگەنىدى. مەن ئۇ مەزگىللەردە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ بۇ ھەقتە ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بارغان ئىدىم. ئەردوغان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دېگەن بولسىمۇ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز بۇزۇلمىغانىدى. ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن كىشى بۈگۈن ئۇنىڭدىن يۈز ھەسسە چوڭلۇقتا ۋەھىمىلىك بىر ۋەقە بولۇۋاتىدۇ، ھازىر مۇقەددەس رامزان ئېيىدا تۇرۇپتىمىز، خىتاي ئەرلەرنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، ئاياللارنىڭ يېنىغا خىتاي ئەرلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ھۆرمەتلىك پرېزىدېنت ئەردوغان نېمە ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرۇۋالىدۇ؟، بۇ دوغۇ پەرىنچەكنىڭ تەسىرى بىلەن بولغان بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن».
تۈركىيە ئىيى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاكشەنەر ۋە ئەنقەرە شەھىرىنىڭ جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن بولغان شەھەر باشلىقى مەنسۇر ياۋاشنىڭ 5-ئاپرېل تىۋېتتىردا «بارېن ۋەقەسى» نىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلىشى، خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ تەھدىت قىلىشىغا ئۇچراپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە دىپلوماتىك بىئاراملىق پەيدا قىلغان ئىدى. تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 6-ئاپرېل خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى ليۇ شاۋبىننى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تىۋېتتىردا ئېلان قىلغان باياناتىدىكى سۆزلەرگە بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەپەندى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇنىڭغىمۇ پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئەنقەرە شەھەر باشلىقى مانسۇر ياۋاش بىلەن ئىيى پارتىيەسى رەئىسى مەرال ئاقشەنەرنى ئوچۇق ئاشكارا ھالدا تەھدىت قىلدى. بۇ دۇنيادا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىش. ھۆكۈمەت تۈرك خەلقى ئالدىدا سەت تۇرمىسۇن دەپ خىتاي ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىپ قويدى. ئەتىسى كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، بىزنىڭ يول-يورۇقىمىز بىلەن ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىمىز تۋېتتىر ئارقىلىق بايانات بەردى، بىز ئۇلارنىڭ يېنىدا، دېدى. پرېزىدېنت ئەردوغان بۇنىڭدىمۇ سۈكۈتتە تۇرۇۋالدى. نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدۇ؟»
كېلەچەك پارتىيەسى 2019-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقماقتا. مەزكۇر پارتىيە 4-مارت كۈنى «شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ھازىرقى تراگېدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. كېلەچەك پارتىيەسى ھازىر تۈركىيە بويىچە «خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختاتسۇن» تېمىسىدا ئىمزا يىغىش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكتە، ئۇلار 1 مىليون ئىمزا يىغىپ، تۈركىيە پارلامېنتى بىلەن ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن.