ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى 2009-يىلىدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قىزغىن تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە. مەزكۇر تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كىيىن ئۇيغۇر خەلقى ۋە زىيالىيلىرى تەرىپىدىن قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە قوغداشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىن مەرھۇم ئىمىن تۇرسۇن، يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ۋە باشقىلارنىڭ قوللىشى بىلەن خەلق تەرىپىدىن كەڭ قوبۇل قىلىنغان.
بۇ يىلقى دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىنمۇ داغدۇغۇلۇق ئالقىشلاندى. ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۆكتىچى پارتىيەلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرىپىدىنمۇ ئالقىشلاندى.
تۈركىيە كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ۋە تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ ۋە كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى سەلچۇق ئۆزداغ قاتارلىقلار 5-ماي كۈنى تىۋىتتېر ئارقىلىق ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىگەن بولۇپ، ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ مۇنداق دېگەن: «شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىتاي زۇلۇمى سەۋەبلىك تەبرىكلىيەلمىگەن دوپپا بايرىمىنى-ئەركىن تەبرىكلەيدىغان كۈنلىرىنىڭ كېلىشنى تىلەش بىلەن بىرلىكتە ئۇنى تەبرىكلەيمەن».

بۇ قېتىملىق بايرام تەبرىكنامىسى سابىق باش مىنىستىر ئەھمەد داۋۇتئوغلۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن كىلەچەك پارتىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاستىلىرىدا كەڭ تارقالغان بولۇپ، كىلەچەك پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن تونۇلغان مائارىپچى دوكتور سەرۋەت ھالىجى خانىم تىۋىتتېر ئارقىلىق مۇنداق دېگەن:
«زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەبرىكلەش ئىمكانىيىتى بولمىغان، 2009-يىلىدا ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش مەقسىتىدە بېكىتكەن دوپپا بايرىمى مۇبارەك بولسۇن! شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ قىزغىن تەبىرىكلەيدىغان كۈنلەرگە ئاز قالدى.»
تۈركىيەنىڭ ئاق پارتىيە يېتەكچىلىكىدىكى مەۋجۇت ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى دۆلەت تەرىپىدىن دىققەتكە ئىلىنمايۋاتقان بولسىمۇ، ئىيى پارتىيەسى، كىلەچەك پارتىيەسى ۋە داۋا پارتىيەسى قاتارلىق ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ ئىزچىل قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
غازى ئۇنىۋېرىستېتى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ماگېستىر ئاسپىرانتى مەھمۇد ياسىن ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دوپپا بايرىمىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى قوغداش ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىشتىكى رولى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋە «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان لاگېر قۇربانلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
مەزكۇر بايرام خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىغا قارشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتايغا قايتۇرغان ئىنكاسى ۋە جاۋابى دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە.
ئامىرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى تاھىر ئىمىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى شەكىللەنگەن دەۋرنىڭ تارىخى ۋە ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈشى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.
ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى دۇكىنى ئىچىۋاتقان تىجارەتچى ۋە شائىر ئامىنە سەدەف خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىغا بولغان قىزىقىشى ۋە تەلىپىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىدە ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش خاھىشىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
پروگراممىمىزنىڭ ئاخىرىدا شائىر ئامىنە سەدەف خانىم دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن قەلەمگە ئالغان شېئىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
دوپپا
ئامىنە سەدەف
ھەر رەڭگىگە پۈتۈلگەن
پاجىئەلىك بىر قىسمەت
ياكى باردۇر گۈللىرىدە
سېھىرلىك بىر مۇھەببەت
ھەر خىلىغا مۇجەسسەم
تارىختىكى رىۋايەت
بادام دوپپا
چىمەن دوپپا
گۈل دوپپا
گۈل قوللاردىن كەشتىلەنگەن ئۇز دوپپا
شان-شەرىپىڭ، ئىززىتىڭنى يۇقاتتۇق
بۈگۈن سەنمۇ بىزگە ئوخشاش خار دوپپا
دوپپا تىككەن قوللار بۈگۈن باغلاقتا
دوپپا كىيگەن باشلار كەتتى قاياققا
سەن بىلەن تەڭ يۇقاتتۇق بىز ئۆزلۈكنى
تەمتىرەشتە يۈرۈيمىز بىز ھەر ياقتا
دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك كىملىكىگە بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتكەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىزچىل قارشى ئېلىنمىغان. 2013-يىلدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىغا قارشى چاقىرىق ۋە ھەرىكەتلىرى كۈچىيىشكە باشلىغان. چوڭ تىپتىكى دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى پائالىيەتلىرى چەكلەنگەن.
2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ تەبرىكلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن چەكلەنگەن بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك كىملىكىگە ئائىت ھەرقانداق پائالىيەت ۋە ئامىلنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا بەل باغلىغانلىقىنى ئېيتماقتا.