خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزگەنلىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن بىردەك بېكىتىلگەن بىر پەيتتە تۈركىيەدە 5-ئاينىڭ 3-كۈنى باشلىنىپ، 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاخىرلىشىدىغان «خىيالىمدىكى خىتاي» ماۋزۇلۇق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىماقتا. تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى، «كېلەچەك» پارتىيەسى رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ باش بولۇپ، كۆپ ساندا سىياسەتچى، زىيالىي، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سىزغان رەسىملەرنى تارقاتماقتا.
«كېلەچەك» پارتىيەسى رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ فارۇق نازمى ئىسمىدا بىر ئوقۇغۇچى «خىيالىمدىكى خىتاي» ماۋزۇلۇق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىگە ئەۋەتىش ئۈچۈن سىزغان كۆك بايراققا سالام بېرىۋاتقان بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ رەسىمىنى ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ئادرېسىدىن تارقاتتى.
ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ رەسىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە مۇنۇلارنى يازغان: «مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆسمۈرلىرىمىز ئارىسىدا رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. بىزنىڭ خىيالىمىز شەرقىي تۈركىستان. سۆيۈملۈك ئۆسمۈرلەر! سىلەر ئاتا يۇرتۇڭلاردىكى قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشىنىڭ رەسىمىنى سىزىپ مەزكۇر مۇسابىقىگە ئەۋەتىڭلار».
«كېلەچەك» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى تۋتتېر ئارقىلىق شۇنى تارقاتتى: «ھۆرمەتلىك مىللىي مائارىپ مىنىستىرى زىيا سەلچۇق ئەپەندى ‹خىيالىمدىكى خىتاي› نامىدا رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپسىز، بۇ رەسىمدىكى سوئالنى خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىدىن سوراپ، بەرگەن جاۋابىنى تۈرك خەلقى بىلەن ئورتاقلىشالامسىز؟ سىزنىڭ ئىلىم ئادىمى سىياسەتچى ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرۈپ باقايلى».
ئۇ، بۇ يازما بىلەن بىرلىكتە قولىدا ‹قېرىنداشلىرىم قەيەردە؟› دېگەن خەتنى كۆتۈرۈۋالغان قىزنىڭ سىزغان رەسىمىنى تارقاتقان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەزى كىشىلەر خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەتلا بېشى سىزىلغان رەسىمنى، يەنە بەزىلەر خىتاي بايرىقىدىن كىيىم كىيگەن بىر ئادەمنىڭ بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاغزىنى تۇتۇۋالغان قىياپىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى يوقلۇقى ئىپادىلەنگەن رەسىمنى ئورتاقلاشقان.
يەنە بەزىلەر، «خىيالىمدىكى خىتاي» دەپ تېما قويۇپ، خىتاي بايرىقىدىن ياسالغان دارغا ئېسىلغان ئۇيغۇرلار، تۈركىيە بىلەن خىتاي دوست بولۇۋاتقاندا خىتاي تەرىپىدىن قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار، مەسچىتلەرنى چېقىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنى تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سولاۋاتقان خىتايلار قاتارلىقلار تەسۋىرلەنگەن تۈرلۈك رەسىملەرنى ئورتاقلاشتى. ئايشە زاۋكى ئىسىملىك قىز سىزغان «خىيالىمدىكى خىتاي» ماۋزۇلۇق رەسىمدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈرمىلەرگە سولىغانلىقى، دارلارغا ئاسقانلىقى تەسۋىرلەنگەن تەسۋىرلەنگەن. يەنە بەزى رەسىملەردە بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تاملىرىغا خىتايچە «ھەر جەھەتتىن تاجاۋۇز قىلىپ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلايلى» دېگەن شوئارلار يېزىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.
بۇلاردىن سىرت تۈركىيە يازغۇچلار ئۇيۇشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنى «خىيالىمدىكى خىتاي» ناملىق رەسىم سىزىش كۆرگەزمىسىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقى مەخسۇس ھۆججەت تارقىتىپ بىلدۈرگەن ‹خىيالىمدىكى خىتاي› ناملىق رەسىم سىزىش پائالىيىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى بەزى دۆلەتلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتكەن بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەنىڭ بۇنى كۆرمەسكە سېلىپ بۇنداق بىر مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشىنى ئىزاھلاپ بەرگىلى بولمايدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىغا پۈتۈن دۇنيا ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركلەر بىلەن دىنى، تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئوخشاش بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە ‹خىيالىمدىكى خىتاي› ناملىق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىدە ئېقىۋاتقان كۆز يېشى بىلەن ئېقىۋاتقان قاندىن باشقا نېمىلەرنى سىزغىلى بولىدۇ؟ خاتالىقتىن قايتىش بىر پەزىلەتتۇر. مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ خاتالىقىدىن دەرھال قايتىشى كېرەك. ئەگەر بۇ خاتالىقتىن قايتمىسا تۈرك تارىخىغا قېرىنداشلىرىغا خىتاي قىلغان زۇلۇمغا ئورتاق بولغان دەپ يېزىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيەدىكى خىتايپەرەسلەر، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇمنى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر زۇلۇم يوق بولسا نېمە ئۈچۈن خىتاي خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنى رايونغا كىرگىلى قويمايدۇ؟»
تونۇلغان ژۇرنالىست ئوسمان ئوقتاي ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزى كۆرمەيدۇ، قۇلىقى ئاڭلىمايدۇ. ئۇيغۇرلار شۇنداق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتسا بۇنى ئۆتكۈزۈشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇنىڭغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. مېنىڭ ئەتە بۇ ھەقتە بىر ئوبزورۇم ئېلان قىلىنىدۇ».
تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى تۈركىيەدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە مائارىپ مىنىستىرلىقىغا خەت يازغانلىقىنى، مەزكۇر مۇسابىقىگە قارشى نارازىلىقنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ، تۈركىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە شېئىر يېزىش مۇسابىقىسى بىلەن «خىيالىمدىكى شەرقىي تۈركىستان» نامىدا رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئەنقەرەدىكى خەلقئارا ئىلىم ۋە كۈلتۈر ۋەخپى 2016-يىلىدىن بۇيان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا «خىيالىمدىكى خىتاي» ماۋزۇلۇق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. خىتاي تەرەپ، بۇ مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ، خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە شىئەن قاتارلىق شەھەرلىرىگە ئاپىرىپ زىيارەت قىلدۇرۇپ كەلگەن. بۇ يىلقى ئېكسكۇرسىيەدە ئوقۇغۇچىلارنى شىئەندىكى مەسچىتلەرنىمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرىدىغانلىقى يېزىلغان. بۇ پائالىيەتنىڭ بۇرۇن ئانچە نارازىلىققا ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم بۇنچىۋالا نارازىلىققا ئۇچرىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.