تۈركىيە «كېلەچەك پارتىيەسى» نىڭ رەئىسى، سابىق تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ 6-ئىيۇل كۈنى پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىنىدا سۆزلەپ، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى، ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى ۋە تۈركىيە پارلامېنتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىشى» نى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئەردوغان ھۆكۈمىتىدىن 12 سوئال سورىدى.
ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن ھۆكۈمەتتىن تۆۋەندىكى سوئاللارنى سورىغان: «21-ئەسىر دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى جازا لاگېرلىرىغا تاشلىغان، نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتلار ئوتتۇرىغا قويغاندەك شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان، دىنىي ئىبادەتلىرىنى پۈتۈنلەي چەكلەۋاتقان خىتايغا قارىتا تاشقى سىياسىتىڭىز نېمە؟ باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش تۈركىيە پارلامېنتى نېمە ئۈچۈن خىتاينى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلمايدۇ؟ مىللەتچى بىز دېگەنلەر قەيەردە؟ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن سىياسەتچىلەر قەيەردە؟»
تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتى 2002-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان پەلەستىن مەسىلىسى، روھىنگا ۋە سۈرىيە مەسىلىسىدە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، 10 يىل بۇرۇن ئۈرۈمچى قەتلىئامىغا قارشى خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىگەندىن كېيىن ھازىرغىچە سۈكۈتتە تۇرماقتا. ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ سۆزىدە ئەردوغاندىن «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان خىتايغا نېمىشقا سۈكۈت قىلىپ تۇرىسەن؟» دەپ سوراپ مۇنداق دەيدۇ: «›ھەي خىتاي! جازا لاگېرلىرى قۇرۇپ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتىسىلەر‹! دېيىشىڭلارغا توسالغۇ بولۇۋاتقان نەرسە زادى نېمە؟ پرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ ‹ھەي! زالىم خىتاي! ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىسلام دۈشمەنلىكى سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتىسەن، بۇ سىياسىتىڭنى توختات‹! دېيىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان زادى نېمە؟ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خىتاي ئەلچىسىنى چاقىرىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشىنى تەلەپ قىلىشىغا نېمە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ؟»
ئەردوغان ھۆكۈمىتى پەلەستىن، سۈرىيە، ئىراق مەسىلىلىرىدە ئىزچىل ھالدا ب د ت نى، ئىسلام كونفېرەنسىيەسى تەشكىلاتىنى مەزكۇر مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئۇنداق چاقىرىق قىلىپ باقمىدى. ھەتتا ئەردوغان ئۆتكەن يىلى نيۇ-يوركتا چاقىرىلغان ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغانىدى. ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بۇ ھەقتىمۇ ئەردوغاندىن سوئال سورىغان.
ئۇ، مۇنداق دېگەن: «تۈركىيەنىڭ ئىسلام كونفېرەنسىيەسى تەشكىلاتى باشلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا يىغىن ئېچىشقا چاقىرماسلىقىدىكى سەۋەب نېمە؟ تۈركىيە ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتمەيدۇ؟
ئەسلىدە بۇلارنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى ئېنىق. خىتاي بىلەن رۇسىيە توغرىسىدا ھۆكۈمەت ئارغامچىنىڭ ئۇچىنى يوقىتىپ قويدى. بۇ دۆلەتلەر بىلەن تۈركىيەنىڭ گېپى ئۆتىدىغان تاشقى سىياسەت ئېلىپ بارالمايۋاتىدۇ. 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىدلىپتا 33 تۈرك ئەسكىرى شېھىت بولدى. تۈركىيە ۋەقەدىن كېيىنلا بۇنىڭدا رولى بولغان رۇسىيەگە باردى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرىۋېلىۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ غورۇلۇق، مۇستەقىل بىر تۈركىيە تاشقى سىياسىتى بار دېيىش مۇمكىن ئەمەس».
تۈركىيەنىڭ سىياسىي تارىخىغا قارىغاندا ئوڭچى پارتىيەلەرنىڭ كۆپى ئۆكتىچى پارتىيە مەزگىلىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنى تەنقىد قىلىدۇ. لېكىن، ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىنلا ئوخشاشلا سۈكۈتتە تۇرۇۋالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ قۇرغان «كېلەچەك پارتىيەسى» ھاكىمىيەتنى ئىگىلىسە ئۇيغۇر سىياسىتى قانداق بولار؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بەزى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىيە سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان پېشقەدەم ئۇيغۇر پائالىيەتچى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى تۈركىيەدە ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ سايلامدىن بۇرۇنقى گېپى بىلەن سايلامدىن كېيىنكى گېپىنىڭ ئوخشىماسلىقىنىڭ بىر سىياسىي كۈلتۈرگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، پەقەت ئۇيغۇر مەسىلىسىدىلا ئەمەس باشقا مەسىلىلەردىمۇ شۇنداق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى مۇدىرى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈرك سىياسەتچىلەرنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيەلىرىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.
ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى، ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، باش مىنىستىر قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن مەزگىلدىمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كونكرېت بىر ئىش قىلمىغانلىقىنى، ھازىر بۇنداق دېيىشىنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ 2009-يىلدىن 2016-يىلغىچە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، باش مىنىستىر قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ، 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى قەشقەرگە ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا ماخمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسىنى، ھېيتگاھ مەسچىتىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىككى ئالىمىنى يېتىشتۈرگەن قەشقەرنىڭ، قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغان مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، ئەردوغاننىڭ 2012-يىلدىكى ئۈرۈمچى زىيارىتى، تۈركىيەنىڭ شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنى نۇقتا قىلغان خىتاي سىياسىتىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان تۈرك سىياسىيونى.
ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ 2019-يىلى ئەردوغاننىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى تۈركىيە «كېلەچەك پارتىيەسى» نى قۇرغان ۋە ئۇنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانىدى.
0:00 / 0:00