تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەركىن ئالپتېكىننى دوختۇرخانىدا يوقلىدى

0:00 / 0:00

تۈركىيە كېلەچەك پارتىيەسى رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق قۇرغۇچى رەئىسى ئەركىن ئاپتېكىن ئەپەندىنى دوختۇرخانىدا يوقلىدى.

كېلەچەك پارتىيەسى رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ، مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ، سېلىم تىمۇرچى ۋە مۇستافا گۈزەل قاتارلىق رەھبەرلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت 23-سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي فاكۇلتېتى دوختۇرخانىسىدا يېتىۋاتقان د ئۇ ق نىڭ سابىق قۇرغۇچى رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىننى دوختۇرخانىدا يوقلاپ ھال سورىدى. مەزكۇر ھال سوراشتا دوختۇرخانىنىڭ مۇدىرى، ئەركىن ئالپتېكىننى داۋالاۋاتقان دوختۇرلارمۇ كەلدى.

كېلەچەك پارتىيەسى رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ، مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ، سېلىم تىمۇرچى ۋە مۇستافا گۈزەل قاتارلىق رەھبەرلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت د ئۇ ق نىڭ سابىق قۇرغۇچى رەئىسى ئەركىن ئاپتېكىن ئەپەندىنى دوختۇرخانىدا يوقلىدى. 2021-يىلى 23-سېنتەبىر، تۇركىيە.
كېلەچەك پارتىيەسى رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ، مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ، سېلىم تىمۇرچى ۋە مۇستافا گۈزەل قاتارلىق رەھبەرلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت د ئۇ ق نىڭ سابىق قۇرغۇچى رەئىسى ئەركىن ئاپتېكىن ئەپەندىنى دوختۇرخانىدا يوقلىدى. 2021-يىلى 23-سېنتەبىر، تۇركىيە.

ئالدى بىلەن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ دوختۇرى ۋولقان قوزلۇجا ئەپەندى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەتكە ئەركىن ئالپتېكىننىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تورغىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى. گېرمانىيەگە بېرىپ داۋالىنىشنى داۋام قىلماقچى، يېقىندا بالنىستىن چىقسا بولىدۇ».

ئارقىدىن ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ۋە سالامەتلىك تىلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ دەۋاسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «سىز شۇنداق ياخشى بولۇپ كېتىپسىز، سىزنى كۆرۈپ بەك خۇرسەن بولدۇم. بىز ھەر دائىم سىلەرنى قوللايمىز. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بىزنىڭ ئۆز دەۋايىمىزدۇر. شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئاتايۇرتىمىز، مەدەنىيىتىمىزنىڭ بۆشۈكى، بىز كېلەچەك پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە تىرىشىۋاتىمىز، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىمىز».

ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى كېلەچەك پارتىيەسى رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنلىرىغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن ئۇيغۇر دەۋاسى ۋە تۈركىيەدىن كۈتكەنلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى سېپىدا يېتىشكەن ئادەملىرىمىز ئاز ئىدى. ھازىر بىر قانچە تىل بىلىدىغان تالانتلىق يېتىشكەن ياشلار دەۋا سېپىمىزگە قوشۇلدى. بىز خەلقئارادا تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئالىي مەنپەئەتىنىمۇ نەزەردە تۇتقان ھالدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئالىي مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. بۇنى خەلقىمىزگىمۇ ھەر دائىم تەكىتلەۋاتىمىز. تۈركىيە دۆلىتى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، 1949-يىلى كوممۇنىست خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن كەشمىر ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن لىدىرىمىز مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى كۆپ ساندا ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى قوبۇل قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن رەھمەت ئېيتىمەن. لېكىن بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىماقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشقا تىرىشماقتا. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تۈركىيەمىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك».

ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بالىلىق چاغلىرىدا ئەركىن ئالپتېكىننىڭ دادىسى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننى كۆپ قېتىم كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 20-ئەسىردىكى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم رەھبەرلىرىدىن بىرىدۇر. مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئەيسا ئەپەندى دادامنىڭ يېنىغا كېلىپ-كېتەتتى، ئۇنى ئۆز تاغامدەك كۆرەتتىم. ئۇ، بوسنىيەلىكلەرنىڭ لىدىرى ئىززەت بېگوۋىچكە ئوخشايتتى. ئۇ، ئېغىر-بېسىق، ئەمما قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئادەم ئىدى. ئەيسا ئەپەندى ئاددىي-ساددە، ئەمما غۇرۇرلۇق كىشى ئىدى. مەرھۇمنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى زور، ئاللا ياتقىن جايىنى جەننەتتە قىلسۇن».

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ ئەنقەرەدە بالنىستا يېتىپ قالغاندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇنى يوقلاش ئۈچۈن 18-سېنتەبىر كۈنى ئەنقەرەگە كەلگىنىدە تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دولقۇن ئەيسا ھەققىدە «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت» دېگەن ئىچكى قارار چىقىرىپ، ئۇنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىنى ئىككىنچى قېتىم چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ گېرمانىيەگە قايتۇرۇۋەتكەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى مەسئۇللىرى دولقۇن ئەيسا نامىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنى دوختۇرخانىدا زىيارەت قىلىپ ھال سورىدى. مەزكۇر ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ يىل 83 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 15-سېنتەبىر كۈنى ئۇنىڭ سالامەتلىكى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ قېلىپ، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي فاكۇلتېتىنىڭ دوختۇرخانىسىدا بالنىستا ياتقانىدى. ھازىر ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغان.