ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ:» 39دۆلەت تەرىپىدىن ئىمزا قويۇلغان باياناتتا تۈركىيەنىڭ ئىمزاسى بولماسلىقى ئەڭ چوڭ ئەيىبلىك ئىش بولۇپ تارىخقا يېزىلىدۇ«

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2020-10-12
Share
exmet-dawutoghlu-sozde-1.jpg تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شۇنداقلا «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەپەندى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 11-ئۆكتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Arslan

تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىسىتىرى شۇنداقلا «كېلەچەك «پارتىيەسى رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ باياناتقا ئىمزا قويغان 39 دۆلەتنىڭ ئارىسىدىن تۈركىيەنىڭ ئورۇن ئالمىغانلىقىنى تارىخىي بىر ئەيىبلىك ئىش دەپ باھا بەردى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ب د ت نىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنى قوللاپ خىتايغا قارشى باياناتقا ئىمزا قويغان 39 دۆلەتنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالمىغانلىقىنى تەنقىد قىلىش ھەر قايسى ساھەلەردە داۋام قىلىۋاتىدۇ.

تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شۇنداقلا تۈركىيە كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ 10-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى مەرسىن شەھرىدە ئېچىلغان پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتاي يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى ۋە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى دۆۋلەت باھچېلىغا خىتاپ قىلىپ: «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمغا نېمە ئۈچۈن سۈكۈت قىلىسىلەر؟ «دەپ سوئال قويدى.

تۈركىيە، 6-ئۆكتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75-نۆۋەتلىك ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىتېتىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنىدا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىرغانىدى. بىراق ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ باياناتقا ئىمزا قويغان 39 دۆلەتنىڭ ئارىسىدىن تۈركىيەنىڭ ئورۇن ئالمىغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «ب د ت نىڭ يىغىنىدا 39 دۆلەت تەرىپىدىن خىتايغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ ئىمزا قويۇلغان باياناتتا تۈركىيەنىڭ ئىمزاسى بولماسلىقى سىلەر ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئەيىبلىك ئىشنىڭ بىرى ھېسابلىنىپ تارىخقا يېزىلىدۇ».

ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزگە قارشى ياڭراق چىققان ئاۋازىڭلار ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا كەلگەندە نېمىشقا كېسىلىپ كېتىدۇ؟ ھەممىمىزگە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئۆگەتكەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئامانىتىگە نېمە ئۈچۈن ئىگە چىقالمايسىلەر؟»

ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە دۆۋلەت باھچېلىغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتكە ۋە ئۇ ھۆكۈمەتنى قوللۇغۇچىلارغا شۇنى خىتاب قىلىمەنكى، شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلارغا قارشى ئىزچىل سۈكۈتتە تۇرۇش، 1940‏-يىللاردا ئەزەربەيجاندىن قاچقان قېرىنداشلىرىمىزنى بورالتان كۆۋرۇكىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاپشۇرۇپ بېرىش ۋە شۇ ھامان ئۇ يەردە شېھىت قىلىنغان ۋەقەگە ئوخشاش سىلەرنىڭ يۈزىڭلارغا‏ چۈشكەن بىر قارا داغ بولۇپ قالىدۇ «. ئەخمەت داۋائۇتئوغلۇ سۆزىدە يەنە پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە دۆۋلەت باھچېلى ئەپەندىلەردىن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك سوئال سوراپ مۇنداق دېدى: «ھازىر، ئەردوغان ئەپەندى ۋە باھچېلى ئەپەندىدىن سوراش بىزنىڭ ھوقۇقىمىز، جاۋاب بېرىش ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى.

بۇلغارىيەمۇ ئىمزالىغان ئۇ باياناتقا سىلەرنىڭ ئىمزا قويۇشىڭلارغا توسالغۇ بولغان ئامىل زادى نېمە؟ قايسى ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن خىتايغا قارشى سۈكۈتتە تۇرىسىلەر؟ دۇنيا بەشتىن چوڭ ئىدىغۇ؟ خىتاي ئۇ بەش دۆلەتنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بەلكىم ئۇنتۇپ قالدىڭلار. قېنى ئۇ مەزلۇملارنىڭ ئاۋازى ئەردوغان؟ تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەرنىڭ ھامىسى بولغان باھچېلى قېنى؟ شەرقىي تۈركىستاننى قانچە پۇلغا ساتتىڭلار؟ سىلەرنىڭ دەپتىرىڭلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ جېنى قانچە پۇل؟ «دېگەندەك سوئاللارنى قويدى ۋە «تۈركىيەنى قوغداش ئاتا يۇرتىمىزنى، مەخمۇت قەشقىرىنىڭ يۇرتىنى قوغداش بىلەن ساقلىنىدۇ! يۈزىڭلار بولسا چىقىپ سۆزلەڭلار!» دەپ قاتتىق رەۋىشتە تەكىتلىدى.

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا 11-ئۆكتەبىر كەچتە نەق مەيدان پروگراممىسى تارقاتقان «ئاكىت ت ۋ «نىڭ پروگرامما رىياسەتچىسى خالىس ئۆزدېمىر ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنى قوللاپ خىتايغا قارشى باياناتقا ئىمزا قويغان 39 دۆلەتنىڭ قاتارىدىن تۈركىيەنىڭ ئورۇن ئالماسلىقى تارىخقا چۈشكەن بىر داغ بولۇپ يېزىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنى قوللىغان ئۇ 39 دۆلەتنىڭ ئىچىدە پەقەت كوسۇۋا بىلەن ئالبانىيەدىن باشقا ھېچبىر ئىسلام دۆلىتى ئورۇن ئالمىدى. بىزنىڭ تۈركىيەمۇ ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى بىراق 39 دۆلەتنىڭ قاتارىدا باياناتقا ئىمزا قويمىدى. نېمە ئۈچۈن ئىمزا قويمىدى ؟ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بېرىشى كېرەك. چۈنكى تۈركىيەدە 50 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەسىلىدە كۆڭلى بەك يېرىم بولدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ بۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشى كېرەك. چۈنكى تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ۋەتىنى، تۈركىيەنىڭ ئۇلارغا قارىتا تارىخى مەسئۇلىيتى بار «.

نېمە ئۈچۈن تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ 39 دۆلەت ئىمزا قويغان باياناتقا ئىمزا قويمىدى؟ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ھاجىبايرام ۋەلى ئۇنىۋېرىسىتېتى قانۇنشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئادۋوكات ئىلياس دوغان ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي قەرز بېرىش دىپلوماتىيەسى يولى ئارقىلىق كۆپلىگەن ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئەمەلىي جەھەتتە ئۆزىگە باغلىدى. تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە ئاۋاز چىقارماسلىقىدا بۇنىڭ تەسىرى بولۇش ئېھتىمالى بار دەپ قارايمەن. تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئىككى تۈرلۈك ئىشنى قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. بۇ تارىخىي بىر مەجبۇرىيەت، تۈركىيەنىڭ ب د ت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان باياناتى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر قەدەم، بىراق بۇنى داۋام قىلىشى كېرەك. يەنى پەقەت يېزىلغان بىر تېكىستنى ئوقۇپ قويۇش بىلەنلا كۇپايە قىلماستىن تۈركىيەنىڭ تىنچ بىر شەكىلدە خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇ مەسىلىگە دىققىتىنى تارتىشى، كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە قوللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. چۈنكى ئۇ يەردە بىر جىنايەت سادىر بولىۋاتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە بۇ مەسىلىدە سۈكۈت قىلماسلىقى لازىم «.

تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشى ۋە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىشى تۈپەيلىدىن خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا-تىجارەت مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن خىتايدىن نۇرغۇن مەنپەئەتلەرنى كۈتىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ تۈركىيەگە سېلىۋاتقان مەبلىغنىڭ كۆپىيىشى، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپلەپ تۈركىيەگە كېلىشى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ تىجارىتىنىڭ كۈچلىنىشى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىمۇ كۈچلىنىدۇ بۇنداق ئەھۋالدا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتلىرىگە سەلىبىي ۋەزىيەتمۇ پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا تۈركىيەدىكى تەشكىلاتلار ھەم ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئۇلارغا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلاتلارنى سۇنۇش ئارقىلىق مەلۇماتقا ئىگە قىلىش ھەم تۈرك خەلق ئاممىسىغا شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنى كۆپلەپ ئاڭلىتىش ئارقىلىق خەلقنىڭ قوللاش ۋە ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك «.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.