ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا داۋام قىلىمىز»

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە يېڭى قۇرۇلغان ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ 15-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ھەيئىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئۆز پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن ھەم ئاۋازى بولۇشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

13-نويابىر كۈنى سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇ، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ، كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ۋە ئۈمىد ئەپەندىلەر ئەنقەرەدىكى پارتىيەسىنىڭ مەركەزلىرىدە ئۇيغۇر ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىگە بەكلا ئېچىنىدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇر ھەيئىتى بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇلار يەنە ئۇيغۇر ھەيئىتىدىن ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدى.

ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا تۈركىي خەلقلەر كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنى، بۇ كومىتېتتىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇل خادىمى جۇلىيا مىللساپ خانىم، د ئۇ ق نىڭ باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ۋەكىلى مەمەت ئېلى ئەپەندىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ قوبۇل قىلغانلىقىنى، كۆرۈشۈشتە ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ «پارتىيەمىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتىدۇ، بۇندىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازى بولىدۇ،» دېگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ 2015-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە 7-8 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر تايلاند ۋە مالايسىيادىن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن ئىدى. ئەمما بۇ ۋاقىتتا 100 نەپەرگە يېقىن ئۇيغۇر بېشىغا قارا خالتا كېيدۈرۈلۈپ تايلاندتىن خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى. ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر ھەيئەتكە ئۇيغۇرلار تايلاندتىن ئېلىپ كېتىلگەن ئاشۇ كۈنى كېچىسى ئۆزىنىڭ ئۇخلىيالمىغانلىقىنى، كۆز يېشىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

13-نويابىر كۈنى سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇ ئەپەندى پارتىيەسىنىڭ باشقا رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ھەيئىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى بىلىدىغانلىقىنى، بۇنى ھەر خىل سورۇنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئارقىدىن ئۇ ئۇيغۇر ھەيئەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز پارتىيەسىدىن كۈتكەن تەلەپلىرىنى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسى توغرىسىدا سوئال سورىغان. بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى تەمەل قاراموللائوغىغا ئۇزاتتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە كۆڭۈل بۆلۈش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. چۈنكى زۇلۇم ئىنسانىيەتكە ياراشمايدۇ. بىز خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى قوبۇل قىلالمايمىز. بىز داۋاملىق ھالدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى بۇنىڭغا تارتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ھازىر خىتاي ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن قەدىمدىن تارتىپ كۈچلۈك مۇناسىۋىتىمىز بار. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىللەتنىڭ ئېتنىك ۋە دىنىي كىملىكىگە قاراپ زۇلۇم قىلىشىغا چىداپ تۇرالمايمىز، بىز بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا داۋام قىلىمىز.»

13- ۋە 15-نويابىر كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلار توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. سائادەت پارتىيەسى، يېڭىدىن رەھاھ پارتىيەسى بىلەنمۇ ئۇچراشقانلىقىنى، «ئاقىت» تېلېۋىزيەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقانلىقىنى ۋە كۆرۈشۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ۋەكىلى مەمەت ئېلى ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا ئەنقەرە شەھەر باشلىقى مانسۇر ياۋاش ئەپەندى، ئىستانبۇلنىڭ شەھەر باشلىقى ئەكرەم ئىمامئوغلۇ ۋە تۈركىيە تاشقى سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ھۈسەيىن ياغچى ئەپەندىلەر بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەھبەرلىرىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت 11-نويابىر كۈنى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كامىل ئايدىن ئەپەندى، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت كامىل ئەرئوزان ئەپەندى، دەۋا پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇراخمان بىلگىچ ئەپەندى ھەمدە شۇ كۈنى ئاخشىمى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەسى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلۇ قاتارلىق پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.