يازغۇچى ۋە دراماتۇرگ ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ ئىجادىيەت يولىدىن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020.08.14
exmetjan-hashiri-2.jpg تونۇلغان يازغۇچى ۋە دراماتۇرگ ئەخمەتجان ھاشىرى ئەپەندى.
RFA/Oyghan

تارىختىن مەلۇمكى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلانغان بولۇپ، بىر ئەسىرنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن تالانتلىق ۋە مەشھۇر شائىرلار، يازغۇچىلار، دراماتورگلار يېتىلىپ چىقتى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، 50-60-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن بىر تۈركۈم ياش يازغۇچىلارنىڭ قازاقىستانغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا يېڭى نەپەس بەرگەن ئىدى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى دەسلەپتە سوۋېت ئىتتىپاقى تۈزۈمىدە ياشاپ، ئىجاد ئەتكەن بولسا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن مۇستەقىل قازاقىستاندا ئۆز ئىجادىنى داۋام قىلدى. ئەنە شۇنداق ئەدىبلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئادەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، بەزىلىرى ھېلىغىچە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. شۇلارنىڭ بىرى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچى قازاق ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ، ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان 82 ياشلىق يازغۇچى ۋە دراماتۇرگ ئەخمەتجان ھاشىرىدۇر.

ئىگىلىشىمىزچە، ئەخمەتجان ھاشىرى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بولۇپمۇ پروزا ۋە دراماتۇرگىيە ساھەلىرىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان ھەم ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن شەخس ئىكەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتلاردىن كۆپلىگەن مەشھۇر ئۇيغۇر، قازاق، رۇس ئەدىبلەر بىلەن يېقىندىن ئارىلاشقان، ھازىر بولسا، پۈتكۈل قازاقىستان بويىچە ئىسمى ھۆرمەتكە بۆلۈنگەن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئەخمەتجان ھاشىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرىنىڭ، بولۇپمۇ 1960-1980-يىللار بولۇپ، بۇ دەۋرىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بارلىق ساھەلەر بويىچە ھەر تەرەپلىمە راۋاجلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇ يىللار بىز ئۈچۈن ئالتۇن يىللار بولدى. ھەر يىلى دۆلەت تەرىپىدىن نەشرىياتلاردىن كىتابلار كەينى-كەينىدىن چىقىپ تۇرىدىغان. بىزنىڭ كۆپ تىللىق، بىر ئۈنلۈك ئاۋازىمىزنىڭ ئىچىدە مەشھۇر، مىللەتپەرۋەر، ئىستېداتلىق، ئالتۇن قەلەم ئىگىلىرىنىڭ ئاۋازى ئاجايىپ ئاڭلىنىدۇ. مىڭلىغان قازاق، رۇس، ئۆزبېك، قىرغىز، تۈرك ۋە باشقا مىللەتلەر ياشلىرى پارلاق ھاياتتا بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز ياراتقان ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ئىلھاملانماقتا.»

ئەخمەتجان ھاشىرى ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىر-يازغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قۇدرەتلىك مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىدە، ئەل بولۇپ، تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھېزىمەت ئابدۇللىن، زىيا سەمەدى، جامال بوساقوف، ئىلىيا بەختىيا، خېلىل ھەمرايېف كەبى ئاتاقلىق ئەدىبلىرىنىڭ ئۆلمەس مىراسى بىلەن يەنە ئۇزۇن ۋاقىت ئىلھاملىنىدىغانلىقىنى، مەغرۇرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەخمەتجان ھاشىرى ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە بولۇپمۇ ھېكايە ژانېرىنىڭ چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ پروزىنىڭ چوڭ ھەجىملىرى بولغان پوۋېست ۋە رومان ژانىرلىرىغا مۇراجىئەت قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «چوڭ، مۇقەددەس، مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، روھۇم كۆتۈرۈلۈپ، روھىي غەزىنەم قايتىدىن يەنە تولۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن پوۋېست-رومانلارنىڭ بېشىدا تۇرۇپ، كۆپ پوۋېستلارنى يازدىم. شۇلارنىڭ ئىچىدە خەلق ئىچىدە كۆرۈنۈشكە يول ئاچقان ئەسىرىم‹نۇر ئانا› بولدى. ھازىر دۇنيادا ئەڭ چوڭ نەرسە دوستلۇق، قېرىنداشلىق، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق مەسىلىلىرى. شۇنىڭغا قاراپ، مەن. ‹يالغۇز يالپۇز› رومانىمنى يازدىم. شۇ رومان ئاساسىدا قازاق بىلەن ئۇيغۇرنىڭ دوستلۇقىنى كۆرسەتتىم. مۇشۇ مېنىڭ چوڭ ئۇتۇقۇم بولدى.»

ئەخمەتجان ھاشىرى كېيىنكى ۋاقىتلاردا «نۇر ئانا» پوۋېستىنىڭ قازاقىستانلىق تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن يۇقىرى باھالانغانلىقىنى، شۇنىڭدەك «ئىدىقۇت» ۋە «بارچۇق ئارتتېكىن» رومانلىرىنىڭمۇ ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن ياخشى قارشى ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئەنە شۇ يۇقىرىدا ئاتالغان رومانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا سالماقلىق تۆھپە قوشالايدىغان ئەسەرلەردىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەخمەتجان ھاشىرى ئۆزىنىڭ دراماتۇرگىيەسى ساھەسىدە يەتكەن ئۇتۇقلىرىغا توختىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «دەسلەپكى دراماتۇرگىيە ساھەسىدىكى يولۇمنى ئاچقان سەھنە ئەسىرىم ‹ئۆلمەس بولۇپ تۇغۇلغانلار›. ئۇنى مەشھۇر رېژىسسور بەيتىن ئوماروف سەھنىلەشتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە ‹ئىدىقۇت› ئەسىرىممۇ خەلققە ياخشى تونۇلغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى. يەنە كېلىپ ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ 3-خەلقئارا تىياتىرلار فېستىۋالىنىڭ ساھىبى ئاتالدى ۋە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا ‹ئالاش› ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېرىلدى.»

يازغۇچى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىغا توختالدى: «ئاجايىپ ياخشى دەپ ئېيتالمايمەن. سەۋەبى ھازىر ۋەزىيەت ۋە ھايات شۇنداقمېكىن، ياخشى ئەسەرلەر يېزىلمايۋاتىدۇ. يېزىلىدىغان نەرسە ناھايىتى جىق. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تارىخىنىمۇ قوزغايدىغان ۋاقىتلار كەلدى. يازغۇچىلىرىمىز تارىخلارغا چوڭقۇر چۆكەلمەيۋاتىدۇ. بىر ۋاقلاردا ھېزمەت ئابدۇللىن ‹ئوتلۇق چەمبەر› دەپ ئۇيغۇر ئورخۇن قاغاناتى ھەققىدە رومان يازغانىدى. شۇنىڭ روھىمۇ، مەنمۇ ‹ئۇيغۇر ئورخۇن قاغاناتى› دېگەن رومان يېزىپ تۈگەتتىم.»

ئەخمەتجان ھاشىرى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كېلەچىكى بولغان ياشلارنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايانلىرى.

ئۇ يەنە ھازىر ئىلگىرىكىدەك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يازغۇچىلار ئۈستىدىن كونترول يوق بولسىمۇ، ئەمما ھەر بىر يازغۇچىدا ۋىجدان كونترولىنىڭ بولۇش ھاجەتلىكىنى، بۇنىڭغا بولۇپمۇ ياشلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.