ئەدەبىي تەرجىمان، ئىلمىي مۇدىر ئەخمەتجان جۈمەنىڭ ئىككى يىل «تەربىيەلەش» تە ياتقاندىن كېيىن 14 يىللىق كېسىلگەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021-04-30
Share

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇريار» فوندى تۇرغۇزغان تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تىزىملىكىدە توققۇزاق 1‏-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى، ئەدەبىي تەرجىمان ئەخمەتجان جۈمەنىڭ نامى 70-قاتاردىن ئورۇن ئالغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بىر يىلغا يېقىن سوزۇلغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئەخمەتجان جۈمەنىڭ 2 يىل «تەربىيەلەش» تە ياتقاندىن كېيىن 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى. ئەخمەتجان جۈمە رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى مەمەتجان جۈمەنىڭ ئىنىسىدۇر.

«ئۇيغۇريار» فوندىنىڭ تۇتۇلغان زىيالىيلار تىزىملىكىدە توققۇزاق 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئابلاجان مەمەت، ئىلمىي مۇدىرى ئەخمەتجان جۈمە، جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى ساجىدىگۈل ئايۇپ ۋە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئابلىكىم توختى قاتارلىقلارنىڭ ئىسىملىرى ئورۇن ئالغان. مەزكۇر فوندنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر مەكتەپ2017-يىلى باشلانغان لاگېر تۇتقۇنىدا ئەڭ دەسلەپكى ۋە نۇقتىلىق نىشانلاردىن بىرى بولغان ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نەزىرىدە توققۇزاقنىڭ مېڭىسى دەپ قارالغان بۇ مەكتەپكە قارىتا تۇتقۇن باشلانغاندا، قارا خالتا ئەڭ ئاۋۋال ئەخمەتجان جۈمەنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، قارا خالتا ئەخمەتجان جۈمە ئۈچۈن ناتونۇش بىر «باش كىيىم» ئەمەس؛ ئۇ 2006- ۋە 2009-يىللىرىمۇ بىر قېتىمدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئەينى چاغدا ئىلمىي خىزمەتلىرى ۋە مەكتەپكە قوشقان تۆھپىسى سەۋەبلىك مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئارىلىشىشى ۋە كاپالىتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن. يەنە ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئەخمەتجان جۈمەنىڭ ئەنە شۇ كەچمىشىگە ئاساسەن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىشتە سابىق تۇتقۇنلار قاتارىدا تۇتۇلغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان توققۇزاقتىكى بىر ساقچى خادىمى ئەخمەتجان جۈمەنىڭ ئۆيىدىن «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە ئائىت بىر كىتاب چىققانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەنە شۇ كىتاب سەۋەپلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ شۇ كىتابنىڭ نامىنىمۇ دەپ بېرەلمىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، سابىق قەشقەر پېداگوكگىكا ئىنستىتوتىنىڭ سىياسىي مائارىپ كەسىنى پۈتتۈرگەن ئەخمەتجان جۈمە توققۇزاقنىڭ ئوپال «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئىككى يىل «تەربىيەلەنگەن». ئۆزىنىڭ مەزكۇر «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئىككى يىل ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى بايان قىلىغان مەزكۇر خادىم ئەخمەتجان جۈمەنىڭ «تەربىيەلەش» تىكى مەزگىلىدىكى ئاتالمىش «ئۆزگىرىش» ئىپادلىرىنى مەدھىيەلەش بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ 2019-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئەخمەتجان جۈمە بىلەن دوستلۇق، يۇرتداشلىق ۋە سەپداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان پائالىيەتچى ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەخمەتجان جۈمە ياراملىق بىر ئوقۇتقۇچى بولۇشتىن باشقا يەنە ئىجتىمائىي پائالىيەرلەردىكى ئاكتىپلىقى ۋە تەشكىلاتچىلىقى بىلەنمۇ تونۇلغان ئىكەن.

مەزكۇر ساقچى خادىمى ئەخمەتجان جۈمەنىڭ تۇتۇلىشىغا يەنە بەزى بىر تەشكىلاتچىلىق ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ قالغانلىقىدەك ئاتالمىش «خاتالىقى» نىڭمۇ سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەخمەتجان جۈمە ئەدەبىي تەرجىمە، مائارىپ تەتقىقاتى ساھەسىدە كەسپداشلىرى ئارىسىدا ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىكەن. ئۇنىڭ «مەن ۋە دۇنيا»، «مەن ۋە تارىخ»، «مەن ۋە جەمئىيەت» قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇشلۇقلىرى ئالدىنقى يىلى ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىنغان. قىسمىتى سەۋەبلىك ئۇنىڭ بىر تەرجىمە رومانى نەشىرگە بېرىلىشىكىمۇ ئۈلگۈرمىگەن.

يەنە مەلۇم بولۇشىچە، ئىككىچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتى رەھبەرلىرىدىن ئابدۇكېرىم ئابباسوپنىڭ قىزى تەرىپىدىن دادىسىغا بېغىشلاپ يېزىلغان «چەكسىز مۇھەببەت» ناملىق كىتاب ئەخمەتجان جۈمە ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئابدۇقادىر جۈمەنىڭ قەلىمىدە بىرلىكتە تەرجىمە قىلىنغان. مەزكۇر كىتاپ 2013-يىلى 7-ئايدا، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت ۋە فوتو سۈرەت نەشىرياتى ھەمدە شىنجاڭ ئېلېكترون نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت