ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى 4 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ۋە ئۆتكەن يىلى «قارچۇغا بالىسى» قاتارلىق ھېكايە توپلاملىرىنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىش ئورنى ۋە مەكىتتىكى يۇرتىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، يۇقىرىقى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر، مەكىتتىكى جىيەنى مىسىردا ئوقۇغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا پۇل ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇپ تەكشۈرۈلگەن. تەكشۈرۈشنىڭ ئاخىرى، ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە بېرىپ تاقىلىپ، ئۇ بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بىر مەخپىي سوت بىلەن كېسىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى خىزمەت ئورنى بولغان تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيەسى ۋە سېرك ئۆمىكى ئەختەم ئۆمەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەختەم ئۆمەر تۇتۇلۇشنىڭ ئالدىدا، يەنى 2017-يىلى 2-ئايدا ئۇنىڭ مەكىت تۈمەنتالدىكى ئاكىسى ئەنۋەر ئۆمەر ۋە جىيەنى ئىسكەندەر ئەنۋەر تۇتقۇن قىلىنغان. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە، يەنى شۇ يىل 3 -ئايدا ئەختەم ئۆمەر تۇتۇپ كېتىلگەن.
تۈمەنتالدىكى بىر كەنت كادىرى ئەختەم ئۆمەرنىڭ كىملىكى ۋە ئاقىۋىتىدىن خەۋەرسىزلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئەنە شۇ يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئۇنىڭ ئاكىسى ۋە جىيەنىنىڭ ئاقىۋىتىدىنمۇ خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەختەم ئۆمەر تۇتقۇن قىلىنىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن، يەنى 2020-يىل يازدا ئۇنىڭ بىر قىسىم كىتابلىرى كۆيدۈرۈلگەن. كۆيدۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ «قارچۇغا بالىسى» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىمۇ بار بولۇپ، بۇ كىتابنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى ھەققىدە ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى مۇنۇنلارنى بايان قىلدى.
دېيىلىشىچە، ئۇنىڭ مەزكۇر ھېكايىسى يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىننىڭ «ياۋا كەپتەر» ناملىق ئەسىرى بىلەن ئوخشاش تېمىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىكى ئەركىنلىك ئارزۇسى ۋە كۈرەشچانلىق روھى تەسۋىرلەنگەن. بۇ ھېكايە «جۇڭگو مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغانلىقى ئۈچۈنلا، ئەينى چاغدا دائىرىلەرنىڭ تەنقىدىدىن ئۇزاق قالغان. 2017-يىلى ئۇيغۇر ئىلىدا نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە «ئارقىغا قاراش» دولقۇنى قوزغالغاندا، بۇ كىتاب، بۆلگۈنچىلىك مەزمۇندىكى كىتابلار قاتارىدا يىغىۋېلىنغان، ئاپتورى جاۋابكارلىققا تارتىلغان.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەختەم ئۆمەرنىڭ «قارچۇغا بالىسى» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى كۆيدۈرۈلگەن جايلاردىن بىرى پەيزىئاۋاتنىڭ مىشا يېزىسى بولۇپ، شۇ كۈندىكى كىتاب كۆيدۈرۈش يېزىلىق پارتكوم سىياسىي قانۇن ئىشخانىسى بىلەن يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مىشا ساقچىخانا خادىمى، شۇ كۈنكى كىتاب كۆيدۈرۈشكە مەسئۇل بولغان ئىككى ساقچى خادىمىنىڭ كىملىكلىرىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ مەزكۇر كىتابنىڭ نېمە ئۈچۈن كۆيدۈرۈلگەنلىكى ۋە قايسى ئورگاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن كۆيدۈرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئەمما مىشادا ئەختەم ئۆمەرنىڭ كىتابى كۆيدۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ ئاخىرىدا يەنە ئەختەم ئۆمەرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىدىنمۇ دەلىللىدى.
يۇقىرىدا، يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ۋە «قارچۇغا بالىسى» قاتارلىق كىتابلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.