ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 27-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2022.12.20
ۋاپاتىنىڭ 26 يىللىق خاتىرە كۈنىدە مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ياد ئېتىلمەكتە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا. تۈركىيە، ئىستانبۇل
RFA/Ekrem

18-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى مەرھۇم  ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 27- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر مۇئەللا ئۇيدۇ يۈجەل خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دوكتۇر ئۆمەر قۇل سۆز قىلىپ، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ھايات ئىش – ئىزلىرى توغرىسىدا توختالدى.

دوكتۇر ئۆمەر قۇل مۇنداق دېدى: «مەرھۇم رەھبىرىمىز ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1901 – يىلى شەرقىي تۈركسىتاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق يېڭىسار ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن، 1995 – يىلى 12 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۆيىدە ۋاپات بولغان. 94 يىللىق ھاياتىنى دەۋاسى ۋە تۈركپەرۋەرلىك ئۈچۈن ئاتىغان بىر شەخستۇر. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن دېگەن ھامان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئەقىلگە كېلىدۇ ۋە  ياكى شەرقىي تۈركىستان تىلغا ئېلىنغان ھامان ئۇنىڭ ئىسمى ئېسىمىزگە كېلىدۇ. ئۇ ياش ۋاقتىدا دۈشمىنىنىڭ تىلىنى ئۆگەنگەن، ئۇ خىتاي تىلىنى ئۆگىنىش بىلەن ئۇنىڭ ھاياتى ئۆزگەرگەن، ئۇ خىتايچە بىلگەنلىكى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ ۋەزىپە ئورۇنلايدىغان خىتاي ئەمەلدارلارغا تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن، ئۇ تەرجىمانلىق قىلىش جەريانىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتانلىقلارغا قىلغان زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىكلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان نەپرەت بولغان ھەم شۇنداقلا ئۇنىڭ مىللەتپەرۋەر بولۇشىغا خىتاينىڭ ناھەقچىلىكلىرى تۈرتكە بولغان».

دوكتۇر ئۆمەر قۇل ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ گومىنداڭ دەۋرىدە خىتاينىڭ لەنجۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلاردىن پەرقلىق بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغۇزغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر قۇل سۆزىدە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى 1949 – يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندا،  ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە مەسئۇد سابىرى بايقۇزى قاتارلىق ئۈچ ئەپەندى، يۇرت چوڭلىرى بىلەن بىر قانچە قېتىم يىغىن ئېچىپ، قارشىلىق كۆرسىتىش كېرەكمۇ ياكى چەتئەلگە ھىجرەت قىلىش كېرەكمۇ دېگەن مەزمۇندا مۇنازىرە ۋە مۇزاكىرە قىلىش نەتىجىسىدە، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا  بۇغرا يازغاندەك، «ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلىش» نى قارار قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىدە. 1940-يىل.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا(ئوڭدا) ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن(سولدا)

ئۆمەر قۇل  ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە  مۇھەممەد ئىمىن  بۇغرا باشچىلىقىدىكى مىڭلىغان كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر كارۋاننىڭ 1949 – يىلى 9 – ئاينىڭ 13 - كۈنى يولغا چىقىپ ھىمالايا تاغلىرىنى ئېشىپ، مىڭ بىر جاپا – مۇشەققەت بىلەن ھىجرەت قىلغانلىقىنى، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئېگىز داۋانلاردا نەپەس ئالالماي ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، سوغۇقتا پۇت – قوللىرىنىڭ مۇزلاپ ئۈششۈپ كەتكەنلىكىنى ۋە ھەر خىل كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئاخىرىدا 1850 كىشىنىڭ مىڭ بىر جاپا مۇشەققەت بىلەن كەشمىرنىڭ سىرىناگار شەھىرىگە يېتىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، يەنە ئۇ يەردە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ھىندىستان ھۆكۈمىتىدىن پاناھلىق تەلەپ قىلغاندا ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇلارغا پاناھلىق بەرمەستىن باشقا دۆلەتكە دەرھال كېتىش بىلەن ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، ئۇلار سەئۇدى ئەرەبىستاندىن پاناھلىق تەلەپ قىلغان بولسىمۇ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى، ئەڭ ئاخىرىدا تۈركىيە بىلەن ئالاقە قىلىپ، پاناھلىق تەلەپ قىلغانلىقىى ۋە 1952 – يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى كابىنت مىنىستىرلار قارارى بىلەن ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە كەلتۈرۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، مەرھۇم مۇھەممەد ئىمىن  بۇغرا  توغرىسىدا توختالدى.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتۇر مۇھىتتىن جان ئۇيغۇر، مەسئۇد سابىرىي بايقۇزىنىڭ ھايات ئىش – ئىزلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

مۇھەممەد ئېلى ئوغلى ئەپەندى، ئۈچ ئەپەندىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى تارىخىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

مۇراسىمدا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبە مەسئۇللىرىدىن بۈلەنت ماشائوغلى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى مەرھۇم ئالىپ ئارسلان تۈركەش باشبۇغنىڭ يېقىن دوستى ۋە سەپدىشى ئىدى، مەن مەرھۇمنىڭ قولىنى سۆيۈش شەرىپىگە نائىل بولغانتىم، ئاللاھ مەرھۇمغا رەھمەت قىلسۇن، ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن».

8d238f5f-b457-4dad-aaa8-f187f644017d.jpg
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئالىپ ئارسلان تۈركەش بىلەن كۆرۈشمەكتە

مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر مۇئەللا ئۇيدۇ يۈجەل خانىم، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «دەۋا ئادىمى بولۇش ئۈچۈن بەدەل تۆلەش كېرەك، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بولسا دەۋاسى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن كىشى ئىدى، ئۇ بىزگە بۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋردە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى، بۇ كۈرەشتىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەسلىكىمىزنى ھاياتى بويىچە بىزگە ئۆگىتىشكە تىرىشقانىدى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان مۇھىم شەخسلەردىن بىرى ئىدى».

Eysa-yusup-Alptekin-Ailisi-02.jpeg
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، خانىمى ۋە 3 پەرزەنتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۆيىدە

بۇ خاتىرىلەش مۇراسىمىنى، مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىسى، ئۇماي ئانا تۈرك دۇنياسى ئاياللار بىرلىكى قاتارلىق جەمئىيەت ۋە ۋەخپىلەر بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مۇراىسمغا ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈرك دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

ئىگىلىنىشىچە، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1901-يىلى قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1995-يىلى 17-دېكابىر كۈنى 94 يېشىدا ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.