ۋاپاتىنىڭ 26 يىللىق خاتىرە كۈنىدە مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ياد ئېتىلمەكتە

0:00 / 0:00

17-دېكابىر كۈنى 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر «3 ئەپەندىلەر» دىن بىرى بولغان مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 26 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر.

2021-يىلى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، مەسئۇت سابىرى بايقۇزى، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىندىن ئىبارەت ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر «3 ئەپەندىلەر» دىن بىرى بولغان مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن تەۋەللۇتىنىڭ 120 يىللىقى، شۇنداقلا 2021-يىلى 17-دېكابىر كۈنى مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىنىڭ 26 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۈگۈن باياناتلار ئېلان قىلىپ، مەرھۇمنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك كۈرەش تارىخىنى ئەسلەشمەكتە ۋە ئۇنى ھۆرمەت بىلەن ياد ئەتمەكتە.

مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ گېرمانىيەدە ياشايدىغان ئوغلى ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى بۈگۈن ئاتىسى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 26 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئاتىسىنىڭ ئۆزىدە چۇڭقۇر ئىز قالدۇرغان بەزى گۈزەل پەزىلەتلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىدە. 1940-يىل.
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىدە. 1940-يىل.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 1994-يىلى ۋەتەننى تەرك ئېتىپ تۈركىيەگە ھىجرەت قىلغان مەزگىللىرىدە، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن دىدارلاشقان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغان شەخسلەردىن بىرىدۇر. ئۇ بۈگۈن مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىنىڭ 26 يىللىق خاتىرىسى ھەققىدە توختالغاندا، ئۇنىڭ ئەينى زاماندا ئۆزىگە تەسىر قىلغان ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئىپادە قىلدى. ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن نۇرغۇنلىغان تارىخىي ۋەقەلەرنى مەرھۇمنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەدە 1993-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ خىزمىتىدە بولغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ خۇسۇستا پىكىر بايان قىلغاندا، ئەينى يىللىرى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن «پانتۈركىستلەرنىڭ چەت ئەلدىكى كاتتىبېشى» دەپ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ تولىمۇ مىللەتپەرۋەر، ئاددىي-ساددا ۋە گۈزەل خىسلەتلىك بىر زات ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كېلىشىدە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ قوشقان تۆھپىسىنىڭ ئالاھىدە زورلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەلۇم بولغىنىدەك، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن 1901-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپ، 1995-يىلى 17-دېكابىر كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقىچە بولغان ئۇزۇن بىر زاماندا، شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە خىتايغا قارشى تۈرلۈك كۆرەشلەر بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماي، 1949-يىلى «ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلغان» دىن باشلاپ، بولۇپمۇ 1954-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەندىن ئېتىبارەن تۈرك دۇنياسى، ئەرەب دۇنياسى ۋە غەرب دۇنياسىدا پۈتۈن ئىمكانلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئاساس سالغان ۋە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ۋەتەنپەرۋەر زاتلاردىن بىرى ئىدى. ئۇنىڭ 94 يىللىق ئۆمرىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق كۈرىشىگە بېغىشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.