17-دېكابىر شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 26 يىللىقى خاتىرىلەندى.
بۇ مۇراسىمنى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى، شەرقىي تۈركسىتان ياشلار ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مۇراسىمغا ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە تۈرك دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى. مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.
مۇراسىمدا ئىستانبۇلدا ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن پروفېسسۇر مۇئاللا ئۇيدۇ يۈجەل، دوكتۇر ئۆمەر قۇل، ئۇيغۇر تەتقىقاتچى دوكتۇر ئابدۇلھەمىد ئاۋشار قاتارلىقلار سۆز قىلدى. ئۇلار سۆزىدە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ھاياتى ۋە كۈرەش مۇساپىسىنى خاتىرىلەپ ئۆتتى.
مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتۇر مۇھىتىددىن جان ئۇيغۇر سۆز قىلىپ، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ھەققىدە مۇنداق دېدى: «مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، مەسئۇد سابىرى بايقۇزى ۋە مەھمەت رىزابېكىن پاشا قاتارلىق شەخسلەرنىڭ ھاياتىنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى چۈشىنىش كېرەك.»
ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپىنىڭ رەئىسى جاھىد داك ئەپەندى سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەيسا ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە يولغا چىققان ئىنسانلارنىڭ، غازىلارنىڭ، شېھىتلەرنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن. ئۇلار بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولغۇچە، شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ھەقىقىي ھۆرلۈك ۋە ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرگۈچە، كۈرەشلىرىمىزنى ھارماي-تالماي داۋام قىلىمىز.»
مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسۇر دوكتۇر مۇئاللا ئۇيدۇ يۈجەل خانىم، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن توغرسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «دەۋا ئادىمى بولۇش ئۈچۈن بەدەل تۆلەش كېرەك. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بولسا بەدەل تۆلىگەن كىشى. ئۇ بىزگە بۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋردە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى، بۇ كۈرەشتىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەسلىكىمىزنى ھاياتى بويىچە بىزگە ئۆگىتىشكە تىرىشقان ئىدى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئورنىنى تولدۇرىۋالغىلى بولمايدىغان مۇھىم شەخسلەردىن ئىدى.»
مۇئاللا ئۇيدۇ يۈجەل خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «تارىخىدىن سۆز ئېچىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك تارىخىدا تۇتقان ئورنى ئالاھىدە مۇھىمدۇر، بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلار تارىختا قۇرغان دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي تەشكىللىنىش ۋە مەدەنىيەت يارىتىش جەھەتتىكى تۆھپىلىرى زور بولۇپ، تۈركلەرگە يول ئاچقان ناھايىتى مۇھىم بىر خەلقتۇر.»
مۇراسىمدا يەنە ئۇيغۇر تەتقىقاتچى دوكتۇر ئابدۇلھەمىد ئاۋشار سۆز قىلىپ، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا توختالدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن بىر ئابىدە ئىدى. ئۇ دەۋردە ئەيسا ئەپەندى ياشىمىغان بولسا ئىدى، بەلكى شەرقىي تۈركسىتان دەۋاسى ئۇنتۇلۇپ كېتەتتى. يەنى ئۇ 1949-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە بولغان يېرىم ئەسىرگە يېقىن جەرياندا شەرقىي تۈركسىتان دەۋاسىنى ھارماي-تالماي جانلاندۇرغان شەخس ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرامۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر بۈيۈك شەخسىيەت، ئۇ مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ئەيسا ئەپەندىگە ئوخشاشلا مۇھىم شەخسلەردىن بىرى ئىدى. ئۇ 1965-يىلى ۋاپات بولغىچە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بىرلىكتە، چەت ئەللەردە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن شەخسلەردىن بىرى ئىدى. بۇ جەھەتتىن بىزنىڭ ئۇلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتەك ۋىجدانىي بۇرچىمىز بار.»
ئىگىلىنىشىچە، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن 1901-يىلى قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپ، تاكى 1995-يىلى 17-دېكابىر كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقىچە بولغان ئۇزۇن بىر زاماندا، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ھارماي-تالماي كۈرەش قىلغان. ئۇ 1949-يىلى «ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلغان» دىن باشلاپ، بولۇپمۇ 1954-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقاندىن باشلاپ، تۈرك دۇنياسى، ئەرەب دۇنياسى ۋە غەرب دۇنياسىدا پۈتۈن ئىمكانلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئاساس سالغان ۋە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ۋەتەنپەرۋەر زاتلاردىن بىرى ئىدى. ئۇ 1995-يىلى 17-دېكابىر كۈنى 94 يېشىدا ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان ئىدى.