ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن خەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ب د ت نىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.12.20
ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن خەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ب د ت نىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلغان ئالدىنقى رەتتە، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن، خانىمى، ئوغلى ئىلغار ۋە قىزى گۈلتەن. كەينىدىكى رەتتە، (سولدىن ئوڭغا) ئەيسا ئەپەندىنىڭ ياردەمچىلىرىدىن پولات قادىر، تۇردى ئاخۇنباي ۋە ئۈچ ئوغلى مۇرات، ئەركىن، ئارسلان.
RFA/Erkin Tarim

17-دېكابىر كۈنى، 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئېلى تارىخىدا «3 ئەپەندى» دەپ تونۇلغان مەشھۇر شەخسلەردىن بىرى بولغان مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 26 يىللىق خاتىرە كۈنى ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم ئەيسا ئەپەندىنىڭ تونۇلغان تۈركولوگ، دىپلومات گۇننار ياررىڭغا يازغان 4 پارچە خېتىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تورىدا ئېلان قىلدى. بۇ خەتلەر شىۋېتسىيە لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىدا ساقلىنىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان كوللېكسىيونى» دا بولۇپ، بۇ خەتلەر ئىچىدە گۇننار ياررىڭنىڭ ئۇيغۇر سىياسىيونلار، تۈركولوگلار ۋە جامائەت ئەربابلىرىغا يازغان خەت-چەكلىرىمۇ مەۋجۇت ئىكەن.

(سولدىن ئوڭغا) ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، دالاي لاما ۋە مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ئەپەندىلەر.
(سولدىن ئوڭغا) ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، دالاي لاما ۋە مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ئەپەندىلەر.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «شەرقىي تۈركىستان كوللېكسىيونىدىكى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنگە ئائىت مەكتۇپلار ھەققىدە» ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ ئاپتورى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم ئالدى بىلەن شىۋېتسىيەدە ساقلىنىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان كوللېكسىيونى» ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «شىۋېتسىيە لۇنت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ‹ياررىڭ كوللېكسىيونى› دەپ ئاتالغان ناھايىتى چوڭ بىر توپلام بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ‹شەرقىي تۈركىستان كوللېكسىيونى› دەپ يەنە بىر تارماق ئارخىپ بار. بۇ ئارخىپ ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ قول يازما ئارخىپى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 560 پارچىدىن ئارتۇق قول يازما ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ناھايىتى مۇھىم تارىخىي فوتو-سۈرەتلەر، بىر قىسىم مەكتۇپلار ساقلانماقتا. بۇ مەكتۇپلارنىڭ ئۆزىلا ‹خەت-چەك ئارخىپى› دەپ ئاتىدىغان بولۇپ زور كۆلەمنى ئىگىلەيدىغان يەنە بىر ئارخىپ ئامبىرىدۇر. بۇ مەكتۇپلارنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى چوڭ بولۇپ، 245 ئارخىپ ساندۇقىدا ساقلانماقتا».

زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم بۇ خەت-چەكلەرنىڭ ئىچىدە تونۇلغان دىپلومات، تۈركولوگ گۇننار ياررىڭ ئەپەندىنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بەزى ئۇيغۇرلار بىلەن جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ لىدىرى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن يېزىشقان 8 پارچە خەت-چەكنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنۇلارنى دېدى: «بۇلارنىڭ ئىچىدە گۇننار ياررىڭ ئەپەندىنىڭ دۇنياغا داڭلىق دىپلوماتلار، تۈركولوگلار ۋە سىياسىيونلار بىلەن يېزىشقان خەت-چەك ئالاقىلىرىمۇ ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ۋە تۈركولوگىيە بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ۋە چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار بىلەن بولغان خەت-چەك ئالاقىلىرىگە ئائىت ماتىرىياللارمۇ ساقلانماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بولغان خەت-چەك ئالاقىلىرى 8 پارچە ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدىكى رەخمەتۇللا تۈركىستانى ئەپەندى بىلەن يېزىشقان 20-30 پارچە خەت-چەكلىرى بار ئىكەن».

ئەيسا ئەپەندىنىڭ تونۇلغان تۈركولوگ، دىپلومات گۇننار ياررىڭغا يازغان 4 پارچە خېتىنىڭ بىرى.
ئەيسا ئەپەندىنىڭ تونۇلغان تۈركولوگ، دىپلومات گۇننار ياررىڭغا يازغان 4 پارچە خېتىنىڭ بىرى.

زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان كوللېكسىيونىدىكى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنگە ئائىت مەكتۇپلار» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ئەيسا ئەپەندىنىڭ تونۇلغان تۈركولوگ گۇننار ياررىڭ ئەپەندىگە يازغان 4 پارچە خېتىنى ۋە ئاۋازلىق كاسېتىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى ئاۋاز كاسېتا 1977-يىلى ئەيسا ئەپەندىنىڭ گۇننار ياررىڭغا ئەۋەتكەن ئاۋاز خاتىرىسى بولۇپ، بۇ، ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئۆزى ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىش پىلانى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ ئاۋاز ئارخىپىدا كۆپرەك ئەيسا ئەپەندىنىڭ پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان.

ئىككىنچى پارچە خەت جەمئىي ئۈچ بەت بولۇپ، 1958-يىلى 2-سېنتەبىر كۈنى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن تەرىپىدىن نيۇ-يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىزمەت قىلىۋاتقان گۇننار ياررىڭغا يېزىلغان خەت ئىكەن. ئۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىزدىنىپ، گۇننار ياررىڭغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭمۇ ئافرىقا مەسىلىسىگە ئوخشاش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىشكە تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى يازغان. بۇلاردىن باشقا ئۇ خېتىدە ئۆزىنىڭ ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان كۇتۇپخانىسى» قۇرۇش پىلانى بارلىقىنى، گۇننار ياررىڭنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان كىتابلىرىدىن ئەۋەتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ خېتىدە، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا ئېغىر زۇلۇم سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ، ئەركىن دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭمۇ قىزىل خىتاينىڭ ۋە رۇسىيەنىڭ تەرىپىنى تۇتقانلىقىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلانغانلىقى ھەم ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى، بۇ قىلمىشنىڭ خىتاي زۇلمىدىنمۇ بەتتەر ئېغىر كەلگەنلىكىنى يازىدۇ.

ئۈچىنچى پارچە خەت، 1958-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى يېزىلغان بولۇپ، ئەيسا ئەپەندى بۇندىن بىر ئاي بۇرۇن گۇننار ياررىڭنىڭ خېتىنى ۋە گۇننار ياررىڭ ئەۋەتكەن ئۆزى يازغان كىتابلارنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى مەمنۇنلۇق بىلەن بايان قىلىدۇ.

ئەيسا ئەپەندى خېتىدە ئۆزىنىڭ گۇننار ياررىڭدەك دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان، دۇنيا جامائىتىنىڭ تىنچلىقى ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان، شەرقىي تۈركىستانغا، جۈملىدىن ئۆز يۇرتى يېڭىسار ناھىيەسىگە بارغان، شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش يولىدا، جاپالىق ئەمگەك سىڭدۈرگەن كىشى بىلەن تونۇشقانلىقىدىن ئۆزىنى ناھايىتى تەلەيلىك ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

تۆتىنچى پارچە خەت، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ 1960-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى گۇننار ياررىڭغا يازغان خېتى بولۇپ، خەت بىلەن بىرلىكتە ئىككى فوتو-سۈرەتمۇ ئەۋەتىلگەن. كەينىدە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان چۈشەندۈرۈشى بار سۈرەتنىڭ بىر پارچىسى پولات قادىرى ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئائىلىسىدىكەرنىڭ بىرگە چۈشكەن ئائىلەۋىي سۈرىتى بولۇپ، يەنە بىرى دالاي لاما، مۇھەممەدىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئۈچەيلەن چۈشكەن سۈرەت ئىكەن. بۇ مەكتۇپتا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن مۇھەممەدىمىن بۇغرا ئىككىسىنىڭ 4-ئايدا يېڭى دېھلىدە ئېچىلغان مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ئىتتىپاق تۈزۈش مەقسىتىدە ئافرىقا-ئاسىيا يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ۋە ئىستانبۇلغا قايتىش سەپىرىدە دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆتكەنلىكى، كۆرۈشۈش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن تەرىپىدىن نيۇ-يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىزمەت قىلىۋاتقان گۇننار ياررىڭغا يېزىلغان خەتلەرنىڭ ھەممىسىدە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىشكە تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. لېكىن ئۇنىڭ تەلەپلىرى ھېچقاچان ب د ت دا كۈنتەرتىپكە كەلمىگەنىدى. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئەينى زاماندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ب د ت دا كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىنمىدى؟ ئەنقەرەدىكى ھاجەتتە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ كەسپى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئەينى زاماندىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ بۇنىڭغا يول قويمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ خەتنى ئاشكارىلىغان شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم بۇ خەت-چەكلەرنىڭ ئەينى زاماندىكى بەزى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۇيغۇر تارىخىدىكى بەزى شەخسلەر ھەققىدە ھەقىقىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.