ئۆمرىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئاتىغان ئەيسا ئەپەندىنىڭ ۋەتىنى ۋە كەشمىردىكى ھايات سەپىرى

0:00 / 0:00

20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئەربابلاردىن بىرى، 95 يىللىق ئۆمرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىگە ئاتىغان مۇھىم شەخسلەردىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ۋاپاتىنىڭ 25-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى. ئۇيغۇر سىياسىيونلار، تارىخچىلار مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتەكىننىڭ كۆرەش ھاياتىغا يۇقۇرى باھا بېرىشتى. ئۆتكەنكى پروگراممىمىزدا ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ھاياتى، ئەيسا ئەپەندىنىڭ ياشلىق چاغلىرى، ئەنجان ۋە تاشكەنتتىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالغان ئىدۇق. بۈگۈنكى ئاڭلىتىشىمىزدا ئەيسا ئەپەندىنىڭ 1945-يىلى 10-ئايدا ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى، 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ھىندىستاننىڭ كەشمىرگە قېچىق چىقىش جەريانى ۋە ئۇ يەردىكى پائالىيەتلىرىدى ھەققىدە توختىلىمىز.

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندى 1932-يىلى ئۇزۇن ۋە مۇشەققەتلىك سەپەردىن كېيىن خىتاينىڭ پايتەختى نەنجىڭگە يېتىپ بېرىپ، 1945-يىلىغىچە نەن جىڭ ۋە لانجوۋ قاتارلىق جايلاردا ۋەتىنى ئۈچۈن كۆرەش قىلغان. 1945-يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 1947-يىلى مەسئۇت ئەپەندى رەئىسلىكىدە قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن بۇ توغرىلىق مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: ‹مەسۇت ئەپەندى 1947-يىلى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىدۇ. ئەيسا ئەپەندى بولسا شۇ ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلىنىدۇ. شۇ چاغدا مۇھاممەد ئىمىن بۇغرانىڭمۇ قوللىشى بىلەن بۇلار تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى قىلىشقا تىرىشىدۇ. بىرىنچىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى، بولۇپمۇ تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدىكى ئىشسىزلارنىڭ سانىنى ئازايتىش، سەھىيە خىزمەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مىللىي تىلدىكى مەكتەپلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش ۋە مىللىيلەشتۈرۈش. ئىككىنچىدىن ‘شىنجاڭ’ دېگەن مۇستەملىكە نامىنىڭ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستان دېگەن نامنى قوللىنىش. ھۆكۈمەتنىڭ تىلىنى مىللىيلەشتۈرۈش، رەسمىي ئالاقىلاردا خىتاي تىلىنى ئەمەس ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىش، مەكتەپلەردە مىللىي تارىخنىڭ ئورنىغا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي تارىخىنى ئوقۇتۇش، شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاق، قىرغىز، تاتار، ئۆزبەك قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش. شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كۆچمەنلەرنى يۆتكەشنى پۈتۈنلەي توختىتىش. خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئوتتۇرىسىدا پويىز يولى ياساشقا قەتئىي رۇخسەت قىلماسلىق. شەرقىي تۈركىستاندىكى يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشى دېگەنگە ئوخشاش تەلەپلەر بىلەن مىللىي سىياسەت ئېلىپ بارغان ئىدى. ›

Eysa-yusup-Alptekin-Ailisi-02.jpeg
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىم ئائىلىسى بىلەن بىرگە.

ئەيسا ئەپەندىنىڭ مۇھاممەد ئىمىن بۇغرانىڭ باش تەھرىرلىكىدە «ئالتاي نەشرىياتى» نى قۇرۇپ، يۇقۇرىدىكى سىياسىتىنى ئۇيغۇر خەلقىغە ئاڭلىتىشقا تىرىشقان. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مىللىي سىياسەت ئاساسىدا ئەيسا ئەپەندىنىڭ مۇدىرلىكى، مۇھاممەد ئىمىن بۇغرانىڭ باش تەھرىرلىكىدە ئالتاي نەشرىياتىنى قۇرۇپ، «ئەرك، يالقۇن، يۇرت، ئالتاي» دېگەندەك گېزىت-جۇرناللارنى نەشىر قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ گېزىت ۋە جۇرناللار ئارقىلىق يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان ماددىلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە كەڭ-كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنىشقا باشلايدۇ. «ئەرك» گېزىتىنىڭ باش بېتىگە يېزىلغان ‘ئىرقىمىز تۈرك، دىنىمىز ئىسلام، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان’ دېگەن سۆز بۈتۈن خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ، خەلقنىڭ دىلىغا سىڭىپ كەتكەن. مەن ئۇ چاغلاردا 12 ياش ئىدىم، بىزنىڭ ئۆيدىكى مۇزاكىرىگە شۇ ۋاقىتتىكى ياش زىيالىلاردىن ئابدۇررەھىم ئۆتكۈر، ھاجى ياقۇپ قاتارلىقلار قاتنىشاتتى. ئۈچ ئەپەندىنىڭ بۇ خىزمەتلىرى خەلق ئارىسىدا ئۇلارغا بولغان سۆيگۈنى كۈچەيتىدۇ. بۇلارنىڭ بۇ پائالىيىتىگە قارشى كومۇنىست سوۋەت ئىتتىپاقىنىڭ تەشۋىقاتىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ. "

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ «ئەسىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن كۈرەش» ناملىق ئەسلىمىسىدە ئېيتىلىشىچە، 1949-يىلى گۇئومىنداڭغا قارشى جەڭدە غەلىبە قىلغان كومۇنىست خىتاي ئارمىيەسى گەنسۇدىن ئۇيغۇر دىيارىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان گۇئومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باش قوماندانى سوڭ شىلىيەن بىلەن 1948-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن بورخان شەھىدى تەسلىم بولغانلىقىنى ئېلان قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ ئەپەندىلەر دەپ ئاتالغانلاردىن ئەيسا ئەپەندى بىلەن مۇھاممەد ئەمىن بۇغرا چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە قارار بېرىپ، 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىققان. مەسۇت سابرى ئەپەندى بولسا ئۈرۈمچىدە قېلىپ قېلىشقا قارار بېرىدىكەن. ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئوغلى ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى بۇ جەريان توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

دادىسى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى كۆچمەنلەر بىلەن بىرلىكتە 1949-يىلى ئېگىز تاغ-داۋانلارنى ئېشىپ 1949-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ھىندىستاننىڭ لاداخ شەھرىگە يېتىپ كېلىپ پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى بۇ سەپەردە 50 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇنىڭ ئىچىدە سىڭلىسى يارقىن خانىمنىڭمۇ بارلىقىنى، ھىندىستان ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتكە كېتىش شەرتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ پانالىقىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ لىدىرى ئەيسا ئەپەندى بىلەن مۇھاممەد ئىمىن بۇغرا مۇساپىر ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن دۆلەتكە ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، پانالىقىنى ھىچقانداق دۆلەت قوبۇل قىلمىغان، پەقەتلا تۈركىيە 1852 كۆچمەننى قوبۇل قىلغان. ئۇلار 1954-يىلى تۈركىيەگە يېتىپ بارغان. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

بىزنىڭ ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، شېڭ شىسەي گۇئومىنداڭ تەرەپكە ئۆتكەندىن كېيىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مەسۇت ئەپەندى ۋە مۇھاممەد ئىمىن بۇغرا قاتارلىقلارنىڭ 1945-يىلى 10-ئايدا ۋەتىنىگە قايتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىمۇ نەنجىندىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئائىلىسى 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، ئۇزۇن مۇشاقەتلىك سەپەر ئارقىلىق 1954-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئەيسا ئەپەندى 1960-يىلى ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنى، 1985-يىلى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنى قۇرغان. ئەيسا ئەپەندى 1995-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋاپات بولغۇچە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يولىدا تىنىمسىز كۈرەش قىلغان.