ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1901-يىلى قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا بېسىپ كىرگەن 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن. 1954-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئەيسا ئەپەندى 1960-يىلى ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنى، 1985-يىلى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنى قۇرغان. ئەيسا ئەپەندى 1995-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋاپات بولغۇچە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يولىدا تىنىمسىز كۈرەش قىلغان. ئۇ، تۈركىيەدە داۋاملاشتۇرغان يېرىم ئەسىرلىق مۇستەقىللىق دەۋاسى جەريانىدا كۆپ قېتىم خەلقئارا يىغىنلارغا قاتناشقان دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىنى ئايلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقان.
1965-يىلىدىن 1995-يىلى ۋاپات بولغۇچە ئارىلىقتا ئۇزۇن يىل ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ يېنىدا ئىشلىگەن ھامۇتخان گۆكتۈر ئەپەندى ئەيسا ئەپەندىنىڭ تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تونۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئەسلىمىلىرىدە يېزىلىشىچە، 1970-يىلىنىڭ كىرىشى بىلەن ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت دەرىجىدىن تاشقىرى ئىككى چوڭ دۆلەت ۋە ئۇلار يېتەكچىلىك قىلغان دۇنيادىكى ئىككى چوڭ دۆلەتلەر گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت تېخىمۇ كۈچەيگەن. دەل مۇشۇ مەزگىلدە، يەنى 1970-يىلى ئاپرېلدا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئوغلى ئارسلان ئالپتېكىننىڭ ھەمراھلىقىدا ئامېرىكىغا زىيارەت ئېلىپ بارىدۇ. بۇ زىيارىتىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رەئىسى جون ۋىلليام مەككورمەك بىلەن كۆرۈشىدۇ شۇنداقلا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مۇھىم ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا خەت سۇنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ياپونىيە ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە زىيارەت ئېلىپ بېرىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى ئاڭلاتقان بولسىمۇ خەلقئارا تازا تەسىر قوزغىيالمايدۇ. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1978-يىلى بىر قاتناش قازاسىدا كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسىدىن ۋاز كەچمىگەن. 1980-يىلى ئىستانبۇلدا نەشرىيات مەركىزىنى قۇرغان. 1985-يىلىغا كەلگەندە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنى قۇرۇپ، ئۆز دەۋاسىنى داۋاملاشتۇرغان. ھازىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۆمەر قانات ئەپەندى 1980 يىلىدىن تارتىپ 7 يېرىم يىل ئەيسا ئەپەندىنىڭ يېنىدا ئىشلىگەن. ئۇ، ئەيسا ئەپەندى بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ تۈركىيەگە چىققاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تەۋرەنمەستىن تىنىمسىز كۈرەش قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندى گېزىت-ژۇرنال چىقىرىش، دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈش، مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە خەت يېزىش ئارقىلىق ئۆز دەۋاسىنى ئېلىپ بېرىپلا قالماستىن كۆپ ساندا ماقالە ۋە كىتاب يېزىپ قالدۇرغان. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ يازغان كىتابلار ئۇيغۇر تەتقىقاتىدا مەنبە بولۇپ ئىشلىتىلمەكتە. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندى 1954-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن كۈندىن 1995-يىلى ۋاپات بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيەنىڭ بارلىق دۆلەت رەئىسى ۋە باش مىنىستىر ۋە كۆپ ساندا مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان ۋە تۈركىيەدىكى كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلغان. بۇ ئۇچرىشىشلاردا ئەيسا ئەپەندىنىڭ يېنىدا بولغان ئۆمەر قانات ئەپەندى ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئۆزىنى تەسىرلەندۈرگەن ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرىنىڭ ناھايىتى سىپاھى ۋە سالاپەتلىك لىدېر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1985-يىلىدىن كېيىن خىتاينىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى بىلەن تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن ئوقۇشقا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپىيىشكە باشلىدى. 1990-يىلىدىن كېيىن تۈركىيەگە كەلگەنلەرنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەد ئەپەندىمۇ بۇلاردىن بىرى. ئۇ 1993-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە ئەيسا ئەپەندىنىڭ يېنىدا ئىشلىگەن. ئۇ، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بولغان ئەسلىمىلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1995-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى. ئۇنىڭ جىنازا نامىزى فاتىھ مەسچىتىدە ئوقۇلغاندىن كېيىن، مېيىتى تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئادنان مەندەرەس، سابىق دۆلەت رەئىسى تۇرغۇت ئۆزاللار دەپنە قىلىنغان توپقاپى مازارلىقىغا دەپنە قىلىنغانىدى. ئۇنىڭ جىنازا مۇراسىمىغا تۈركىيەنىڭ دۆلەت رەئىسى سۇلايمان دەمىرەل ۋە بەزى مىنىستىرلار گۈلچەمبىرەك ئەۋەتكەن ۋە قاتناشقان بولۇپ، تۈركىيەدىكى چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرى نەق مەيداندىن خەۋەر بەرگەنىدى. بۈگۈنكى كۈنگىچە تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدىكى باغچىلارغا، كوچىلارغا ۋە مەكتەپلەرگە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئىسىم فامىلىسى بېرىلدى.