«ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ شەخسىي ئارخىپلىرى كاتالوگى» نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوتسېنتى دوكتور ئۆمەر قۇل تەييارلىغان «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ شەخسىي ئارخىپلىرى كاتالوگى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى.

ئىستانبۇلدىكى «دوغۇ كۇتۇپخانىسى» نەشرىياتىدىن چىققان بۇ كىتاب، 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەردىن بىرى بولغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئارخىپىنى رەقەملەشتۈرۈش (digitization) شەكلىدە نەشر قىلىنغان. مەزكۇر كىتابنىڭ باش تەھرىرى ئۆمەر قۇل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىتاب-20ئەسىردىكى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇستەقىللىق كۈرىشى تەتقىقاتى ئۈچۈن زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ئىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆمەر قۇل ئەپەندى، بۇ كىتابنى تەييارلاش پىكرىنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ شەخسىي ئارخىپلىرىنى رەقەملەشتۈرۈش، ھەم كىتاب ھالىتىدە نەشر قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئۇزۇن زاماندىن بۇيان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن سۆزلىشىپ كېلىۋاتاتتۇق. چۈنكى مەن دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا بۇ ئارخىپلاردىن بىرئاز پايدىلانغان ئىدىم. مەن بۇ جەرياندا، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ھەممە نەرسىنى ئارخىپلاشتۇرۇپ ماڭغان بىر كىشى ئىكەنلىكى كۆردۈم. ئۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا گېزىتلەردە چىققان خەۋەرلەردىن تارتىپ بىر يەردىن كەلگەن خەتنىڭ كونۋېرتلىرىغىچە ئارخىپلاشتۇرۇپ ماڭغان ئىكەن. بىز بۇ ماتېرىياللارنى رەقەملەشتۈردۇق ھەم كىتاب قىلىپمۇ نەشر قىلدۇردۇق».

دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى مەزكۇر كاتالوگنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ كاتولوگنىڭ ئىچىدە 13 مىڭ 192 بەتلىك ئارخىپ بار. بۇ ئارخىپلار ئىچىدە گېزىت، شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا يېزىلغان ئوبزورلار، باياناتلار، زىيا سەمەدى ھەققىدىكى ئارخىپلار، پولات تۇرپانى ھەققىدىكى ئارخىپلار، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنگە كەلگەن خەت-چەكلەر، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىغا يوللانغان خەتلەر، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا چىققان خەۋەرلەر بار. بۇلاردىن سىرت، شەرقىي تۈركىستاندىن پاكىستان ۋە ھىندىستانغا قېچىپ چىققان قازاقلار تۈركىيەگە كېلىش ئۈچۈن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنگە يازغان نۇرغۇن خەتمۇ بار. 1964-يىلىدا قەيسەرىگە ئەكىلىپ جايلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار، 1970-يىللاردا پامىردىن تۈركىيەنىڭ ۋان ۋىلايىتىگە ئەكىلىپ يەرلەشتۈرۈلگەن قىرغىزلار توغرىسىدىكى ماتېرىياللارمۇ بار».

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ شەخسىي ئارخىپلىرى كاتالوگى
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ شەخسىي ئارخىپلىرى كاتالوگى (RFA/Erkin Tarim)

«ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن شەخسىي ئارخىپلىرى كاتالوگى» ناملىق كىتابنىڭ باش تەھرىرى دوتسېنت دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بۇ ئەسەرنىڭ ئىلمىي قىممىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ لىدەرلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئېلىپ بارغان، بارلىق پائالىيەتلەرنى ئارخىپلاشتۇرۇپ ماڭغان شەخستۇر. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى دەۋا توغرىسىدىكى 13 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئارخىپتىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىدە ئايدىڭلاشمىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز تەييارلىغان بۇ ئارخىپ مۇندەرىجىسى ناھايىتى مۇھىم دەپ ئويلايمەن. »

ھازىر 87 ياشقا كىرگەن، گېرمانىيەنىڭ ۋۈرزبۇرگ شەھىرىدە ياشايدىغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى دادىسى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئارخىپى توغرىسىدا تەييارلانغان كىتابنىڭ نەشردىن چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مەزكۇر ئەسەرنىڭ دوتسېنت ئۆمەرقۇل ئەپەندى ۋە كەسىپداشلىرىنىڭ ئەجرى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە رەھمەت ئېيتتى. بۇ ئارخىپلارنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىسىدە ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، خالىغان كىشىلەر پايدىلانسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ كاتالوگنى تەييارلاش خىزمىتىگە قاتناشقان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوكتورانتى رەھىمە بۇ ئەسەرنى تەييارلاش جەريانىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ، بۇ ئارخىپلارنى كۆرگەندىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلمىنىڭ 100 يىلدىن بۇيان ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى، ئۆز ۋاقتىدا چەت ئەلگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلار بىلەن 2014-2015-يىللاردا تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنىڭ ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1901-يىلى قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا بېسىپ كىرگەن 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن؛ 1954-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئەيسا ئەپەندى 1960-يىلى ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنى، 1985-يىلى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنى قۇرغان. ئەيسا ئەپەندى 1995-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋاپات بولغۇچە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يولىدا تىنىمسىز كۈرەش قىلغان. ئۇ، تۈركىيەدە داۋاملاشتۇرغان يېرىم ئەسىرلىك مۇستەقىللىق دەۋاسى جەريانىدا كۆپ قېتىم خەلقئارا يىغىنلارغا قاتناشقان؛ دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىنى ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقان.