ئەزەربەيجان «تۇران» پارتىيەسى رەئىسى جاھاندار بايئوغلۇ ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۆز پارتىيەسىنىڭ ئېزىلىۋاتقان تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش، ئۇيغۇرلا دۇچ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ باستۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى مىللىي جەھەتتىن يوقىتىش سىياسىتىنى ئەزەربەيجان خەلقى ۋە باشقا خەلقلەرگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى؛ ئۇ تېلېفون زىيارىتىمىز داۋامىدا «سىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەقتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى دەپ ئۆتتىڭىز، كونكرېت نېمىلەرنى قىلىۋاتىسىز قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۈگۈن ئېزىلگەن تۈركىي خەلقلەر، ئىراندا، جەنۇبىي تۈركىستان دەپ ئاتالغان ئافغانىستاندا، خىتاي بېسىۋالغان شەرقىي تۈركىستاندا ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدە ياشىماقتا. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۆرۈشى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندا كۆپ قېتىم مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان بىر خەلق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بارلىق تۈركلەرنىڭ ئورتاق مىراسى بولغان مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىب قاتارلىق مۇھىم شەخسلەرنىڭ مەقبەرىسى شەرقىي تۈركىستاندا. ئۇلارنىڭ روھى شات بولۇشى ئۈچۈن بۈگۈن ئېغىر ۋەزىيەتتە قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھەق ۋە ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىشىمىز كېرەك. بىز يېڭى قۇرۇلغان پارتىيە بولۇش سۈپىتىمىز ئەزەربەيجاندا ۋە تۈرك دۇنياسىدا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز، ھەر خىل يوللار بىلەن خىتايغا نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈۋاتىمىز».
جاھاندار بايئوغلۇ ئۆزىنىڭ بۇندىن 5 يىل بۇرۇن قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرنى ئايلانغانلىقىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇرپانغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇنىڭدىن 5 يىل بۇرۇن ئۈرۈمچىگە باردىم. ئۇ، يەردىن مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلۇپ ئۆزكەن، مەقبەرىسى بار قەشقەرنىڭ ئوپال يېزىسىغا باردىم. يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ قەشقەردىكى مەقبەرىسىنىمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلدىم. مەن ئۇ يەردە بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن ئۇچراشتىم، ئۇلاردىكى مىللىي روھنى كۆردۈم. مەن ئۇ يەردە فاشىست كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. خىتاي دائىرىلىرى بىزنىڭ تۇرپاندىكى قەدىمىي شەھەرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشىمىزغا رۇخسەت قىلمىدى. بىز شەرقىي تۈركىستاندا بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ كۆمۈلۈپ ياتقانلىقىنى بىلىمىز. ئۇيغۇرلار بىزنىڭ بۇ قەدىمىي تارىخىمىزنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدۇر. شۇڭا بۈگۈن ئۇيغۇرلارنى قوللاش، ئۇلارنىڭ ھەققانىي كۆرەشلىرىگە ياردەم بېرىش بىزنىڭ مىللىي، ۋىجدانىي، ئىنسانىي ۋە ئەخلاقىي ۋەزىپىمىزدۇر. شۇڭا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى چىڭ كۆڭلىمىزدىن قوللايمىز».
ئەزەربەيجان «تۇران» پارتىيەسى رەئىسى جاھاندار بايئوغلۇ ئەپەندى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز تۇران پارتىيەسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەن تونۇشۇش، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايمىز. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئىچىدە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز. بولۇپمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمىز. چەتئەلدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلات، جامائەت ئەربابلىرى ۋە زىيالىيلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز».
جاھاندار بايئوغلۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي ھاياتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن 1987-يىلى ئەزەربەيجاننىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى ئەبۇلفەيىز ئەلچىبەينىڭ يېنىدا سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدىم. ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىق ئىنقىلابىغا قاتناشتىم. ‹خەلق جەپھەسى› پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى بولدۇم. 1988-يىلى ئەبۇلفەيىز ئەلچىبەينىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان بىرلەشمە ئەزەربەيجان جەپھەسى نامىدىكى تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدىم. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى ئىران بېسىۋالغان جەنۇبىي ئەزەربەيجاننى ئازاد قىلىش ئىدى. 2020-يىلى 2-ئايدا ئەزەربەيجان ‹تۇران› پارتىيەسىنى قۇردۇم ۋە قۇرۇلتايدا پارتىيەنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندىم. ھازىر ئەزەربەيجاننىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلىرىدە پارتىيەمىزنىڭ شۆبىلىرىنى ئاچتۇق. ئەمدى ھەر قايسى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە ۋەكىللىرىمىزنى تۇرغۇزۇۋاتىمىز. بۇنىڭدىن ئەزەربەيجاندا ۋە ھەر قايسى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە كوممۇنىست فاشىست خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تېخىمۇ كۆپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقچىمىز. بولۇپ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىپ تەسىرلىك جامائەت پىكرى توپلىماقچىمىز. بىز بۇندىن كېيىن نۇقتىلىق ھالدا ئىراندا ئېزىلىۋاتقان ئەزەربەيجان تۈركلىرى بىلەن خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلماقچىمىز».
ئۇ، ئۆزىنىڭ ياشلىق يىللىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، ئەزەربەيجاننىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى ئەبۇلفەيىز ئەلچىبەي بىلەن بىرلىكتە 1992-يىلىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ چەتئەلدىكى لىدېرى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
جاھاندار بايئوغلۇنىڭ ئېيتىشىچە «تۇران» پارتىيەسى 2020-يىلى 2-ئايدا ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇ شەھىرىدە قۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن رەسمىي قانۇنلۇق تىزىمغا ئېلىنغانىكەن. ئۇنىڭ مەقسىتى ئەسىر تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقلىرى ۋە مىللىي سىياسىي ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ ئۇلارنىڭ نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلگەنىكەن.