پىروفېسسور مىرۋارى ئىسمايىلوۋا: «ماخمۇد قاشقارلى» نامىدىكى ژۇرنال ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا زور رول ئوينىماقتا

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.07.16
zhurnal-01 سولدىن ئوڭغا باكۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە مەركىزى دىرېكتورى پىروفېسسور شېكەر مەمەدوۋا، ئوتتۇرىدىكى «ماخمۇد قاشقارلى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى ۋە تەھرىرى، پىروفېسسور، دوكتور مىرۋارى ئىسمايىلوۋا، شىۋېتسىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد. 2024-يىلى، ئىيۇل، باكۇ
RFA/Erkin Tarim

مەركىزى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدىكى ئەزەربەيجان دۆلەت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارمىقىدىكى تۈركولوگىيە مەركىزى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «ماخمۇد قاشقارلى»، يەنى «مەھمۇد قەشقىرى» نامىدىكى ژۇرنال يۇقىرى ئىلمىي ئۆلچەم بىلەن نەشر قىلىنماقتا. ژۇرنالنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ۋە باش تەھرىرى پىروفېسسور مىرۋارى ئىسمايىلوۋا خانىم، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ قەشقەرنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا زور رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«ماخمۇد قاشقارلى» نامىدىكى ژۇرنال تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى، ئېتنوگرافىيەسى، مەدەنىيىتى ۋە سەنئەتلىرىنى ئاساسلىق تېما قىلغان ئىلمىي مەزمۇندىكى خەلقئارالىق ژۇرنال بولۇپ، ژۇرنالنىڭ كىرىش سۆزىدە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ نامى بېرىلگەن مەزكۇر ژۇرنالنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى ئورنىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

«ماخمۇد قاشقارلى» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسى
«ماخمۇد قاشقارلى» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسى
RFA/Erkin Tarim

«ماخمۇد قاشقارلى» ناملىق ژۇرنالنى چىقىرىشقا مەسئۇل بولغان ئەزەربەيجان دۆلەت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى شېكەر مەمەدوۋا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، ژۇرنال ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركولوگىيە مەركىزىمىز 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەزەربەيجان دۆلەت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ماھىرە ھۈسەيىنوۋا خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تەسىس قىلىندى. 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى تۈركولوگىيە مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ كۈندىن بۇيان پىروفېسسور ماھىرە ھۈسەيىنوۋانىڭ رەھبەرلىكىدە ژۇرنىلىمىز تۈركولوگىيە مەركىزىدە نەشر قىلىنىشقا باشلىدى. مەلۇم بولغىنىدەك بۇ يىل مەھمۇد قەشقىرى يازغان ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› ناملىق ئەسەرنىڭ يېزىلغانلىقىنىڭ 950 يىللىقىدۇر. بىزنىڭ تۈركولوگىيە تەتقىقات مەركىزىمىزدە تۈرك خەلقلىرىنىڭ تىللىرى تەتقىقات بۆلۈمى، تارىخ تەتقىقات بۆلۈمى ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەدەبىياتى تەتقىقات بۆلۈمى قاتارلىق ئۈچ بۆلۈم بار. مەركىزىمىزنىڭ مەقسىتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت.»

دوكتور شېكەر مەمەدوۋا خانىم مەركەزنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر ئۇيغۇرچە-ئەزەربەيجانچە لۇغەت تۈزۈۋاتىمىز. بىز بۇ خىزمەتنى يېڭى باشلىدۇق. بۇ لۇغەت تۈزۈش ئىشىمىزغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئۇيغۇر پىروفېسسورلار، تىلشۇناسلار ياردەم قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ تۈركولوگىيە مەركىزىمىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە تەييارمىز. بىزنىڭ تۈركولوگىيە مەركىزىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە تور ئادرېسلىرىمىز بار، ئۇلار ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقە ئورنىتالايسىلەر.»

«ماخمۇد قاشقارلى» نامىدىكى ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرى مىرۋارى ئىسمايىلوۋا خانىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ شەھىرى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ مەركىزىدۇر. 1926-يىلى تۈركولوگىيە قۇرۇلتىيى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى. بۇرۇن ئەزەربەيجان ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ‹سوۋېت تۈركولوگىيەسى› نامىدا ژۇرنال چىقاتتى، بۈگۈنكى كۈندە ‹تۈركولوگىيە ژۇرنىلى› نەشر قىلىنىۋاتىدۇ. ‹ماخمۇد قاشقارلى› نامىدىكى ژۇرنالنىڭ مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ يۇقىرىدۇر. چۈنكى بۇ ژۇرنالنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ. مەسىلەن تىل-ئەدەبىيات، تارىخ، سەنئەت، مەدەنىيەت ئارخېئولوگىيە، ئېتنوگرافىيە، فولكلور، جۇغراپىيە قاتارلىق ساھەلەردە يېزىلغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلىۋاتىمىز. بۇ ژۇرنال قەشقەرنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا زور رول ئوينايدۇ دەپ ئويلايمەن.»

 مىرۋارى ئىسمايىلوۋا خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ ژۇرنال ئەزەربەيجان پىرېزىدېنت مەھكىمىسىدە رەسمىي تىزىملىتىلىپ رۇخسەت ئېلىندى. بۇ، خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرنالدۇر. بىز ئۇيغۇر ئىلىم ئادەملىرىنىڭمۇ ژۇرنىلىمىزغا ماقالە يوللىشىنى قارشى ئالىمىز.»

شىۋېتسىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت بۇ يىل 6-ئاينىڭ بېشىدا باكۇدا چاقىرىلغان خەلقئارالىق يىغىنغا بارغاندا «ماخمۇد قاشقارلى» ناملىق ژۇرنالنى چىقىرىۋاتقان تۈركولوگىيە مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارغا رەھمەت ئېيتقان. ئۇ، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ژۇرنالنىڭ دۇنيادا بولۇپمۇ تۈرك دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەزەربەيجان دۆلەتلىك پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە مەركىزى تەسىس قىلغان «ماخمۇد قاشقارلى» نامىدىكى تور ژۇرنىلى رۇس، ئەزەربەيجان، تۈرك ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا نەشر قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.