باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.10.11
باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يېمىرىلىپ 5 تۈركىي جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشكەنلىكىنىڭ 30-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 9-ئۆكتەبىر. باكۇ، ئەزەربەيجان.
RFA/Erkin Tarim

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يېمىرىلىپ 5 تۈركىي جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشكەنلىكىنىڭ 30-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستېرى فەرىدۇن قۇربانوۋ، تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مەمەت ئۆز ئەپەندى، ئەزەربەيجان پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فازايىل ئىبراھىملى، تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجاندىكى باش ئەلچىسى جاھىت باغچى ۋە ئەزەربەيجان پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى قانىرە پاشايېۋا خانىم قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر قاتناشقان.

بىز يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئەزەربەيجان ئىلىملەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىسى فايىق ئالىئەكبەرلى ئەپەندى ۋە يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مەمەت ئۆز ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

Memet-Oz.jpg
«تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مەمەت ئۆز ئەپەندى.

فايىق ئالىئەكبەرلى ئەپەندى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ 30-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا ئۆزى قاتارلىق بىر قانچە مۇتەخەسسىسنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىقىنىڭ 30-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بىر قانچە مۇتەخەسسىس تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەنمۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەن دوكلاتىمدا ئەزەربەيجاننىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرى بولغان قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ھەل بولغانلىقىنى، لېكىن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تېخىچە ھەل بولمىغانلىقىنى، بەلكى بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى، قاراباغدىكى ئەزەربەيجانلىقلار 1990-يىللاردا دۇچار بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھازىر شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۇچار بولىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەندىن باشقا 2-3 پروفېسسورمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.»

فايىق ئالىئەكبەرلى ئەپەندى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بەك ئېغىر، بۇنىڭغا قارىتا مۇستەقىل تۈركىي دۆلەتلىرىدىن تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇمدۇر. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بەزى ۋاقىتلاردا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ئىنكاسلار قايتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىي دۆلەتلەر بىرلىكى بولغان ‹تۈرك كېڭىشى› تېخىچە بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرمىدى. ب د ت، ياۋروپا پارلامېنتى، ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە قارارلار چىقاردى، بۇلار ئەھمىيەتلىك. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھازىرغىچە سۈكۈتتە تۇرىۋېلىشى توغرا ئەمەس، بىز يىغىندا ‹تۈرك كېڭىشى› نى ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق خەلقلەرگە ئىگە چىقىشقا چاقىردۇق.»

«يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە قانداق تەكلىپ-پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟» دېگەن سوئالىمىزغا فايىق ئالىئەكبەرلى ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىزنىڭ تەكلىپىمىز ئەگەر تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بۇ مەسىلىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇشتىن قورقسا، خەلق ئاممىسى بۇ مەسىلىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان جامائەتچىلىكى بۇ مەسىلىنى داۋاملىق ھالدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن بۇلار يېتەرلىك ئەمەس، شۇڭا بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشىمىز كېرەك. چۈنكى ھازىر تۈرك دۇنياسىدا قىرىم تاتارلىرى، ئىراقتىكى تۈركمەنلەر، سۈرىيەدىكى تۈركمەنلەر مەسىلىلىرى بار، لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېچىنىشلىقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى. شۇڭا بۇ ھەقتە جىددىي پائالىيەتلەر قىلىشىمىز كېرەك. مەن ئەزەربەيجاندىكى ‹تۈرك ئوجاقلىرى› تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەزەربەيجان ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەزەربەيجاندا مەزلۇم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىمەن. چۈنكى ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قان قېرىندىشىمىز، ئۇلارنىڭ دەردى بىزنىڭ دەردىمىزدۇر، 30 يىل بۇرۇن بىز سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشىغان ئىدۇق، ھازىر مۇستەقىل بولدۇق، قۇتۇلدۇق. ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىشىمىز كېرەك.»

بۇ پائالىيەتنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ كەسپىنىڭ پروفېسسورى مەھمەت ئۆز ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدۇم. ھەممىمىزگە مەلۇم، خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتىدۇ. ئەگەر خىتاي تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايمەن دەيدىكەن، شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدىم. قىسقىسى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بۇ يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.»

ئىگىلىشىمىزچە، 8-ئۆكتەبىردىن 10-ئۆكتەبىر كۈنىگىچە باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا ئوتتۇرا ئاسيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن 18 مۇتەخەسسىس ئىشتىراك قىلىپ، دوكلات بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.