ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان يېقىن ھەمكارلىقى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشنىڭ خەلقئارادا كەڭ دائىرىلىك تەسىر قوزغىيالماي كېلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىقتىساد، دىپلوماتىيە جەھەتتە بىرلىك سەپ شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، بۇ دۆلەتتىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىمۇ خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىسىنى كۈچەيتمەكتە.
يېقىندا «زىمىستان» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى شەيخلەر كېڭىشى باش كاتىپى ئابباس شۇماننى كۈتۈۋالغانلىقى، ئابباس شۇماننىڭ بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى ماختاپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى قوللىغانلىقى بايان قىلىنغان.
2024-يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى رەھبەرلىرى ئابباس شۇمان بىلەن كۆرۈشۈپ، بېيجىڭدىكى دۇڭسى مەسچىتى ۋە ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش كۆرگەزمە مەركىزىگە ئاپىرىپ زىيارەت قىلدۇرغان. ئابباس شۇماننىڭ بۇ زىيارىتى خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بىلەن مىسىر پىرېزىدېنتى سىسى كۆرۈشكەن ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىلى خاتىرىلەنگەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مىسىر بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئاممىۋى ساھەدە كۈچەيتىش رولىنى ئوينىغان.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى مىسىر بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىساد ۋە دىپلوماتىيەدە ئايرىلالماس شېرىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي تەرەپنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، ئابباس شۇمان بۇ زىيارەت داۋامىدا خىتاينىڭ «دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتى» نى ماختىغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «رادىكال ئىسلام، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك» كە زەربە بېرىشىنى مىسىر ۋە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «رادىكال ئىسلام، دىنىي ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىك دېگەنلەر دەل خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلق مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇش باھانىسى بولۇپ، بىر قىسىم دۆلەتلەر بۇ باستۇرۇشنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئەيىبلىمەكتە».
ئەمما ئابباس شۇمان سۆزىدە، مىسىرنىڭ خىتاي بىلەن، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بولسا خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى خىتاي بىلەن مىسىرنىڭ ئوخشاشلا دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇقنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى، شۇڭا تەدبىر قوللىنىپ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن باشلانغاندا، 2017-يىل مىسىر ھۆكۈمىتى خىتايغا ماسلىشىپ، مىسىردا ئوقۇۋاتقان 100 گە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى تۇتقۇن قىلىپ خىتايغا قايتۇرغانىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن. 2021-يىل بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، خىتايغا قايتۇرۇلغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك لاگېرغا قامالغانلىقى ۋە 15 يىلدىن ئارتۇق كېسىلگەنلىكى مەلۇم قىلىنغان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسلام سۈنئىي مەزھىپىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئىدېئولوگىيە جەھەتتە يېتەكچى ئورگان دەپ قارايدىغان بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نوپۇزلۇق بىر شەخسنىڭ خىتايغا بېرىپ زىيارەت قىلىشى، ھەتتا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قەبىھ سىياسىتىنى قوللىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈشى ناھايىتى نومۇسلۇق بىر ئىش ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ ھوقۇق تارتىۋالغان گېنېرال سىسى مىسىرغا ھۆكۈمران بولغاندىن كېيىن ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى بۇرۇنقىدەك بولماي قالغان، يەنى ئۆزىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى نوپۇزى ۋە رولىنى يوقاتقان.
«زىمىستان» تورىدىكى ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا جايلاردا خىتاي بىلەن مىسىر ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرى يوشۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ ۋاقتى ئۆتكەن بىر سىياسىي ئويۇن. ئەمما ئوتتۇرا شەرقتىكى نوپۇزلۇق بىر سۈنئىي مەزھەپ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوخشاشلا سۈنئىي مەزھەپ مۇسۇلمانلىرى بولغان ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايغا كۆز يۇمۇشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشى قوبۇل قىلغۇسىز بىر سەتچىلىكتۇر».
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن مىسىر ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ، مىسىرنىڭ ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىۋالغان بولۇپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ شۇنىڭ قۇربانلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان قاتارلىق كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي تەرەپتە تۇرۇشى، خىتاينىڭ سىرتقى تەشۋىقات ئىشلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بولماقتا.
30-نويابىر، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X دا تارقىتىلغان بىر ۋىدىيودا، خىتاينىڭ يېڭى زېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ شياۋلۇڭ يېڭى زېلاندىيە تېلېۋىزىيەسىنىڭ مەخسۇس پىروگراممىسىغا چىقىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى ئىنكار قىلىپ: «غەرب دۆلەتلىرى بىزنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قوللانغان تەدبىرىمىز ھەققىدە قالايمىقان گەپ قىلغاندا، بىرمۇ مۇسۇلمان دۆلىتى ياكى ئىسلام دۆلىتى چىقىپ، ‹خىتاينىڭ قىلغانلىرى خاتا، بۇ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدۇر› دېگەن گەپنى قىلىپ باقمىدى. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا نۇرغۇن مەسىلىنى چۈشەندۈرىدۇ» دېگەن.
خىتاي ئەلچىنىڭ بۇ سۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن قانچىلىك يېقىن ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنى بىمالال باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.