تۈركىيەدە ئوقۇپ يۇرتىغا قايتقان ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ ئەھۋالىنى ب د ت ئورگانلىرى سۈرۈشتە قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇنىڭ 15 يىللىق قاماققا كېسىۋېتىلگەنلىكى ئۆتكەن ھەپتە غەيرىي-رەسمىي مەنبەلەر تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئۇنىڭ سۈيۈڭدىكى بىر تۈرمىدە ئاتالمىش سىياسىي خاتالىق ئۆتكۈزگەن 4 نەپەر تۇتقۇن بىلەن بىر كۈندە سوتلانغانلىقى ۋە بەش تۇتقۇننىڭ 15 يىلدىن 18 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى.
تۈركىيەدە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ سۈيۈڭدىكى بىر سوتتا 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ئۆتكەن ھەپتە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قايتىدىن ھەرىكەتكە ئۆتتى. ھەر خىل تىللاردا بايانات ئېلان قىلغان ئۇنىڭ فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە شىۋىتسىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئەزىمەت ئەنۋەر ھەمدە دادىسى ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ پەقەت مىللىي كىملىكى سەۋەبىدىنلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۆتكەن ھەپتە ئالاقىدار خادىملار ئەزىمەت ئەنۋەر دېلوسىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغانلىقىنى ئىشارەت قىلىپ، دېلونىڭ خۇلاسىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، بىز بۇ ھەپتە يەنە بىر قاتار ئېنىقلاشلارنى ئېلىپ باردۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يېڭى ھايات ساقچىخانىسىدىكى خادىملار ئالدىنقى ئايدا سۈيۈڭدە ئېچىلغان بىر سوتتا، يېڭى ھايات تەۋەلىكىدىن بەش كىشى سوتلانغانلىقى، شۇ بەش كىشىدىن بىرىنىڭ ئەزىمەت ئەنۋەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. خادىملاردىن بىرى ئەزىمەت ئەنۋەردىن باشقا 4 مەھكۇمنىڭ ئىسىملىرىنى ئاشكارىلىسا، يەنە بىر خادىم بۇلارنىڭ تۆۋىنى 15 يىل، يۇقىرىسى 18 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. يېڭى ھايات ئاھالىلەر كومىتېتىدىكىدىكى بىر خادىم بۇلارنىڭ دېلوسىنىڭ بىر-بىرى بىلەن چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى بايان قىلسا، يەنە بىر خادىم بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ «قانۇنسىز» ئوقۇغانلىقى سەۋەبلىك سوتلانغانلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
2017-يىلى تۈركىيەدىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ يۇرتى غۇلجا شەھىرىگە قايتقان ئەزىمەت ئەنۋەر 2018-يىلى دادىسى ئەنۋەر تۇرسۇن بىلەن 3 ئاي ئىلگىرى-كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ «دۆلەت مائارىپىنى كۆزگە ئىلماسلىق» ئەيىبلىمىسى بىلەن تۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى «چەتئەللىكلەر ئۈچۈن ئادالەت» ناملىق بىر ئادۋوكاتلار شىركىتى ئارقىلىق بۇ يىل 3-ئايلاردا مەسىلىنى ب د ت ئورگانلىرىغا قەدەر يەتكۈزگەن ئىدى.
ئۆتكەن ھەپتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەسئۇل ئادۋوكات مايكىل پولاك، ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى راست بولغان تەقدىردە، ئۇنىڭ بۇ دېلونى سۈرۈشتە قىلىشنى يەنىلا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ خەۋەرنىڭ مەزكۇر دېلو ب د ت ئورگانلىرى تەرىپىدىن دەل سۈرۈشتە قىلىنىۋاتقان مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تەكىتلىگەن مايكىل پولاك ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا سودا قىلىۋاتقان چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ رايوندىكى سودىسىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا بۇنىڭ رايوندىكى ئادالەتسىزلىكلەرنى قوللىىغانلىق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.
ئەزىمەت ئەنۋەر 2017-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرغا كەڭ كۆلەمدە ئادەم تۇتۇش باشلانغاندا قايتقان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ غۇلجا شەھىرىدىكى ئاتا-ئانىسى ۋە سىڭلىسىنى ئاۋارىچىلىككە قويماسلىق ئۈچۈن، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى تۈركىيەدىكى مەزگىلىدە خىتايغا قارشى ھېچقانداق بىر پائالىيەتكە قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن كۆز ئالدىدىكى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇش بىلەنلا بولغان ۋە جىمجىت ئۆتكەن بىرقانچە يىللىق ھاياتى ئۇنىڭ دادىسى ۋە ئاپىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئالالمىغان. ئۇنىڭ ئاپىسى مۇقەددەس خانىم بىر يىل لاگېردا يېتىپ چىققان، دادىسى ئەنۋەر تۇرسۇن يەنىلا غۇلجادىكى بىر قاماقخانىدا جازا ھۆكۈمىنى كۈتۈپ ياتماقتا.
0:00 / 0:00