ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىپ 2 ئاي ئۆتكەندە، خىتاينىڭ تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىشىغا يول قويۇشى ھەرخىل مۇلاھىزىلەرگە سەۋەب بولماقتا. بۇ زىيارەتتە تۈركىيە كۈتكەن ئۈمىدىگە يېتەلەمدۇ؟ ئەمما ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بۇ زىيارەتنىڭ ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2019- يىلى 2- ئىيۇل ياپونىيەدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنىدىن كېيىن بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغان ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇچرىشىشتا، شى جىنپىڭ بىر تۈركىيە ھەيئەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بېرىپ قەيەرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كىملەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ھەققىدە تەلەپلىرىنى تەييار قىلىپ خىتايغا سۇنغان بولسىمۇ خىتايدىن جاۋاب كەلمىگەن.
بۇ يىل 6-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ، نەتىجىسىز قايتقان ۋە خەلقئارالىق ئەيبلەشلەرگە ئۇچرىغان ئىدى. ئارىدىن 2 ئاي ئۆتكەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىشىغا يول قويغان.
«يېڭى ئاقىت» گېزىتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 3-ئاۋغۇستتىن 5-ئاۋغۇستكىچە كامبودژادا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلەشمە يىغىنى»غا قاتناشقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئۇچراشقان.
مەزكۇر ئۇچرىشىشتا، ۋاڭ يى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇغا تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتايغا كېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ۋاڭ يى، مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇغا يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى، تۈركىيە بىلەن يېڭى ئىقتىسادىي گەۋدە قۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى مىشېل باچېلېت خانىمنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى، يېقىندا تۈركىيەدىن بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر زىيارەت توغرىسىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبىرى خادىم بۇ جەھەتتە بەزى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ يېقىندا بۇ ھەقتە بىر مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەلۇم بولغىنىدەك خىتاي 3 يىل بۇرۇن تۈركىيەنى تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ ھازىرغىچە ئەمەلىيلەشمىگەن.
ئىلگىرى تۈركىيە ئۆمىكىنىڭ كېلىشىنى تازا خالاپ كەتمىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تۈركىيەدىن بىر ئۆمەكنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلدى؟ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنىڭ ئىككى مۇھىم سەۋەبى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقان «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تۈركىي خەلقلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ، مىشېل باچېلېت خانىمنىڭ 2 ئاي بۇرۇنقى شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى نەتىجىسىز ئاياغلاشقان بولۇپ، تۈركىيە يوللايدىغان ئۆمەكنىڭ جازا لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەمەس، زىيارەت ئۆمىكى بولىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا ئۇنىڭ نەتىجىسىنىڭمۇ خىتاي كۈتكەندەك بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەكشۈرۈشكە بېرىشىغا خىتاينىڭ رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى، ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ زىيارەتتە تۈركىيەنىڭ كۈتكەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.