8-يانۋار كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ 2019-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى» نى ئېلان قىلىش يىغىغا ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە 17 ياشلىق ئافغان قىزى فېرۇزەمۇ قاتناشتى. ئۆزىنىڭ تىك-توكتىكى گىرىم كۆرۈنۈشى ئارقىلىق لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ تاراتقۇلارغا تونۇلغان فېرۇزەنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتنىشىشى ئۇيغۇرلارغا زور ئىلغام بولدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئەلفىدار ئىلتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شۇ كۈنى فېرۇزەنىڭ سەھەر سائەت 3:00 تە ئاپىسى بىلەن بىللە نەچچە يۈز چاقىرىملىق نيۇ-جېرسىي شىتاتىدىن ماشىنا ھەيدەپ كېلىپ بۇ يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە فېرۇزەگە ئۇيغۇرلار نامىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فېرۇزەنىڭ ئاتا-ئانىسى ئافغانىستاندىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزى ئامېرىكادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئىكەن. ئۇ 2019-يىلى 23-نويابىردا تىك-توك ھېسابىدا كىرپىك گۈزەللەشتۈرۈش كۆرۈنۈشى كۆرسىتىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بۇ خىل ئۆزگىچە ئۇسۇلدا ئاڭلاتقان مەزكۇر ۋىدېيوسى تىك-توك، تىۋىتتېر، فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەخمىنەن بەش مىليون قېتىمدىن كۆپرەك كۆرۈلۈپ، غايەت زور دولقۇن پەيدا قىلغان ئىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فېرۇزە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا ئۆزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ ۋاشىنگتوندا بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار بىلەن يۈز تۇرانە ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مېنىڭ ئىسمىم فېرۇزە ئەزىز، مەن 17 ياشقا كىردىم، بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرماقتىمەن. مەن 12-13 ياش ۋاقىتلىرىمدىن تارتىپلا كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا باشلىغان ئىدىم. مەن شەخسەن ئۆزۈممۇ ئامېرىكىلىق ئافغان قىزى. مەن مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەلگەن يىلتىزىم ۋە دىنىي ئېتىقادىم سەۋەبلىك نۇرغۇن كەمسىتىش ۋە ئايرىمىچىلىقلارغا ئۇچرىدىم. شۇڭا مەندە مەيلى ئافغان بولسۇن، مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى باشقا دىندىكى بىرى بولسۇن، ھەر قانداق كەمسىتىشكە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن بىرگە تۇرىدىغان بىر خىل ھېسسىي باغلىنىش بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز ياھۇدىلار ياشاۋاتقان رايوندا تۇرىمىز، ئىلگىرى ئۇلار ئۇچرىغان قىرغىنچىلىققا ئائىت تارىخلارنى كۆپلەپ ئاڭلىغان ۋە يۈرىكىم ئېزىلگەن ئىدى. شۇڭا ھەرقانداق بىر زۇلۇمنى كۆرسەم ياكى ئاڭلىسام، بۇ دەرھال مېنىڭ دىققىتىمنى تارتىدۇ.»
ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىغان ۋىدېيوسى ئېلان قىلىنىپ، ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ خىتاي كونتروللۇقىدىكى تىك-توك ئۇنىڭ ھېسابى توختىتىپ قويۇلغان. دۇنيا مەتبۇئاتلىرى فېرۇزانى بەس-بەستە زىيارەت قىلغان. 800 مىليون ئەگەشكۈچىسى بولغان تىك-توك شىركىتى «ئەركىن پىكىرنى چەكلىدى، ئۇ خىتاينىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغۇچى شىركەت» دەپ ئەيىبلەندى. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەسىلە ئىككىنچى قېتىم زور دولقۇن ھاسىل قىلغان ئىدى. شۇ سەۋەبلىك دۇنيا سەھنىسىدە فېرۇزە تۇيۇقسىزلا خىتايغا قارشى بىر داڭدار شەخسكە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
فېرۇزە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا نېمە ئۈچۈن گۈزەللىك تېخنىكىسى قوللانغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا قانداق رىقابەتلەرگە ئۇچرىغانلىقى ھەمدە ئىگە بولغان تەجرىبىلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى: «مەن ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىن 2018-يىلى قىش مەزگىللىرىدىن باشلاپ خەۋەردار بولۇشقا باشلىدىم. مەن بۇ مەسىلىنى خەۋەرلەردىن ئەمەس، تۇنجى قېتىم ئىنستېگرام ئارقىلىق كۆردۈم. بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدەك قورقۇنچلۇق بۇ ئەھۋال ھەققىدە ھېچكىمنىڭ ئاۋاز چىقارمايۋاتانلىقىدىن چۆچۈپ كەتتىم. بۇ كىشىلەرنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئېتىقادى ۋە ياكى مىللىتى سەۋەبلىك ئېغىر جازالارغا ئۇچرىشى ئىنتايىن خاتا بىر ئىش ئىدى. كىشىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم سۆزلىشى كېرەك دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە تارتىش مەقسىتىدە ۋىدېيولارنى ئىشلەپ تىك-توكتا تارقىتىشقا باشلىدىم، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرلىك ۋىدېيولارنىڭ بەكرەك ياقتۇرۇلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلدىم، بولۇپمۇ ياشلاردا قىزىقارلىق گىرىم قىلىش يوللىرىنى ئۆگىتىش دېگەندەك ۋىدېيولار قارشى ئېلىنىدۇ. مېنىڭ كىرپىك گۈزەللەشتۈرۈش تاكتىكامنى ئۆگىتىۋاتقان قىياپەتتە بۇ ۋېدىئونى چىقىرىشىمدىكى سەۋەبمۇ شۇ. ئىككىنچى سەۋەب ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ تارقاتقان ۋىدېيولىرىم تىك-توك تەرىپىدىن چەكلىۋېتىلگەن ئىدى. ئەمما ئۇلار ئۇنداق بىر ئىش بولغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. ئارقىدىن بۇ ئۇسۇلدا ئېلان قىلغان ۋىدېيويىمنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى 2-نويابىر ئەتراپىدا بىر دەمدىلا مىليونلاپ ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئەتىسىلا ئۇنىڭغا ئۇلاپ مۇناسىۋەتلىك يەنە ئىككى ۋىدېينى تارقاتتىم. ئۇمۇ شۇنداق تېز تارقىلىشقا باشلىدى. ئىككى كۈندىن كېيىن تىك-توك تەرىپىدىن ھېسابىم تاقالدى، بۇ مەسىلە غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، ھازىر ھېسابىمنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولدى. مەن كەمسىتىش ۋە زۇلۇملارغا قارشى ھەرىكىتىمنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى قوللاشنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە ھەر قانداق شەكىلدىكى پائالىيەتلەرگە، نامايىشىغا ئاۋاز قوشۇش ئارقىلىق داۋام قىلىمەن.»
فېرۇزەنىڭ ئۆزگىچە ئۇسۇلدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتى ۋە خىتاينىڭ تىك-توكتىن پايدىلىنىپ ئۇنى توسۇشقا ئۇرۇنۇشى CNN، «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»، «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، BBC قاتارلىق داڭلىق تاراتقۇلاردىمۇ خەۋەر قىلىندى. فېرۇزەنىڭ بىر كىچىك ئوقۇغۇچى تۇرۇقلۇق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەش جاسارىتى ئالقىشلىنىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆزگىچە ئۇسۇلدا ئاڭلىتىشى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى چەكتى. نىڭ ئاڭلىنىشى بۇنىڭ بىلەن يېڭى بىر پەللىگە چىققان ئىدى. فېرۇزەنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە ئۇ خىتاي تور چوماقچىلىرىنىڭ تۈرلۈك تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغان. بۇ تەھدىتلەر ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئىرادىسىنى سۇندۇرماق تۈگۈل، ئۇنى تېخىمۇ قەيسەر قىلىۋەتكەن.
ئۇ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېدى: «شۇنداق، ۋىدېيولار چىققاندىن كېيىن نۇرغۇن تەھدىتلەرگە ئۇچرىدىم، بىۋاسىتە خىتاي ھۆكۈمىتى ياكى ئورگانلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ باقمىدىم، ئەمما توردىكى خىتايلاردىن توختىماي ئۆلۈم تەھدىتلىرى كېلىپ تۇردى. ئەمما قورقمىدىم، مەن دىققىتىمنى پاسسىپ نەرسىلەرگە چاچقۇم يوق. مەن چىقارغان ۋىدېيولارنى كۆرگەن كۆپ ساندىكى ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، تەسىرلىنىپ ماڭا تەشەككۈر ئېيتتى. مەن بۇ ۋىدېيونىڭ بۇنچە زور ئىنكاس قوزغىغانلىقىدىن بەكمۇ خۇشالمەن. ئۆزۈمنىڭ ئەمەس، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ، ئۇلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ دىققەت قوزغاۋاتقانلىقىدىن خۇشال بولدۇم. ھەر قانداق بىر ئىنسان بۇ ھەقتە سۆزلىشى كېرەك، بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كەلگەن بۇنداق بىر پاجىئەگە، قىرغىنچىلىققا قاراپ تۇرالماسلىقىمدىكى بىردىن-بىر سەۋەب ئىنسان بولغانلىقىمدۇر. چۈنكى بىز ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئېتىقادىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ پەرقلىق بولۇشىغا قارىماي، زۇلۇملارغا قارشى بىرلىكتە ئاۋاز چىقىرىشىمىز، كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.»
0:00 / 0:00