ئۇيغۇر ئېلىدا ئۈن-سىن بازىرى راۋاجلىنىشقا باشلىغان 1990-يىللاردا تىجارىتىنى قەشقەردە باشلىغان، 2000-يىللاردا ئۈرۈمچىدە «ناۋا» ۋە «تالانت كۆۋرۈكى» قاتارلىق پىروگراممىلارغا مەبلەغ سالغان ئىقتىدارلىق تىجارەتچى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىم، 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ 2019-يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 2021-ۋە 2022-يىللاردا دولان ئوقەتچىلىك شىركىتىنى شېنجېنغا يۆتكەشكە تىرىشقان، ئەمما ئارخىپىدىكى قارا چېكىت سەۋەبلىك ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىم، ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە ئىككىنچى قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ، بۇ يىل 4-ئايدا 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇريار فوندى» نىڭ يېتەكچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 1975-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىم، ئۇيغۇر ئېلىدا بىر مەزگىل ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان ئۈن-سىن بازىرىغا 20 ياش مەزگىللىرىدىلا قەدەم باسقان. دەسلەپتە قەشقەر ھېيتگاھ بازىرىدا ئۈن-سىن دۇكىنى ئاچقان ئابدۇخېلىل 2000 -يىللاردا ئۈرۈمچىدە «دولان ئوقەتچىلىك شىركىتى» نى قۇرۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيەت بازىرىدىكى غوللۇق كارخانىچىلاردىن بىرىگە ئايلانغان. دېيىلىشىچە، ئۇ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن «ناۋا» ۋە «تالانت كۆۋرۈكى» قاتارلىق پىروگراممىلارغا مەبلەغ سالغان ۋە ئۇنى فىلىم قىلىپ ئىشلىگەن.
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ يەنە دېيىشىچە، ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىم، 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ 2019-يىلى يىل ئاخىرىدا قويۇپ بېرىلگەن. ئۆتكەن يىلى 15-سېنتەبىردە قايتا تۇتۇلۇپ بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. بىز ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالاقىدار ئىدارە جەمئىيەتلەرگە تېلېفون قىلدۇق.
ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىمنىڭ ئۈن-سىن تىجارىتى مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىدىغان بولغاچقا، بىز ئۇنىڭ ۋە شىركىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار بۆلۈملىرىدىن مەلۇمات سورىدۇق. خادىملار ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق بىر كىشى ۋە دولان نامىدىكى شىركەتتىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇخېلىل 2019 -يىلنىڭ ئاخىرى لاگېردىن چىققاندىن كېيىن، تىجارىتىنى نىسبەتەن بىخەتەررەك جايغا، يەنى خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىگە يۆتكىمەكچى بولغان. ئەمما ئۇ نوپۇسلۇق بولغان ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە يۇرتى قەشقەر ئۆستەڭبويى ساقچىخانىسى ئۇنىڭ ئىچكىرىگە يۆتكىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان. قەشقەر ۋىلايەتلىك تەپتىش مەھكىمىسى خادىمى خادىمى، ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىمنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئالاقىدار قاناللىرىدىن ئىگىلىشىچە، ئابدۇخېلىل ئابلاجان ئايۇپ، شىرئەلى ئەلتېكىن، ئابلىكىم كەلكۈن قاتارلىق تۇتقۇندىكى سەنئەتكارلارنىڭ سەنئەت كېچىلىكلىرىنى فىلىم قىلىپ ئىشلىگەن بولغاچقا، ئۇ بۆلگۈنچىلەرگە سەھنە ھازىرلاپ بېرىش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى خادىمى، «ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئۈن-سىن بازىرى ساھەسىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلار بارمۇ؟ » دېگەن سوئالىمىزغا جاۋابەن «بار ۋە كۆپ» دەپ جاۋاب بەردى ۋە بۇلاردىن بىرى ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىم ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما، ئابدۇخېلىلنىڭ كېسىلىش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئوتتۇرا سوتنىڭ يەنە بىر خادىمى ئابدۇخېلىلنىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.
3 قىز پەرزەنتنىڭ ئاتىسى بولغان ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىمنىڭ نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى مەلۇم، ئەمما قايسى تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.