ئامېرىكانىڭ قولىدىكى 7 چوڭ «كوزىر» نىڭ دۇنيانى خىتايغا قارشى قوزغۇتۇشتا زور رول ئوينايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئالدىنقى بىرقانچە ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقە-ھادىسىلەر دۇنيانىڭ دىققىتىنى بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈردى. غەرب مەتبۇئاتلىرىدا نۇرغۇنلىغان سىياسىي ئانالىزلار ئېلان قىلىنىپ، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارىتا جازالىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى، ئامېرىكانىڭ قولىدىكى «كوزىر» لارنىڭ دۇنيانى خىتايغا قارشى قوزغىتىشقا يېتىپ ئاشىدىغانلىقى مۇنازىرە قىلىندى.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭ ماقۇللىنىشى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ 23-ئىيۇلدىكى نۇتقىدا پۈتۈن دۇنيانى خىتايغا قارشى ئورتاق ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىشى ۋە ئۇنىڭ «قايتا تەربىيىلەش مەركىزى» ئىبارىسىنىڭ ئورنىغا «جازا لاگېرلىرى» ئىبارىسىنى قوللىنىشى، ئامېرىكانىڭ خيۇستوندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنى تاقىشى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن چېڭدودىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنى تاقىشى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئامىللار ئامېرىكاغا ئەمدى مەيلى دونالد ترامپ داۋاملىق پرېزىدېنت بولسۇن ياكى ئۇنىڭ ئورىغا جون بايدىن چىقسۇن، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن ئەمەسكەن، بەلكى كۈنسېرى بۇزۇلۇپ بارىدىكەن.
24-ئىيۇل «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىدا ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكانىڭ يەنە بىر قېتىمقى كوزىرى نېمە بولىدۇ؟» ناملىق ماقالىدەبايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا خىتايغا قارشى بىر يۈرۈش جازا تەدبىرلىرىنىڭ تەييارلىقىنى ئالدىن پۈتتۈرۈپ بولغان بولۇپ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بىر بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىقىدىكەن. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەر ئاللىقاچان «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر دەۋرى» گە قەدەم قويغان. دۇنيا «ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ جىدىلى تېخىمۇ كۈچۈيىپ كىتەرمۇ، دەپ ئويلىغاننىڭ ئورنىغا ئەمدى بارغانسېرى يامانلىشىپ بارىدىغان ئېغىر ۋەزىيەتنى قوبۇل قىلىشقا ئىدىيەسىدە ھازىرلىق كۆرۈشى لازىم» ئىكەن. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش ھەتتا ئەسكىرىي توقۇنۇشقا قەدەر يېتىپ بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.
«كۆزنەك» قانىلىدا 24-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان «بېرلىن بۈيۈك بېرىتانىيەگە دوستلۇقىنى ئىپادىلىشى كېرەك» ناملىق ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى «كوزىر» قىلىپ تۇرۇپ ئامېرىكا خىتايغا قارشى ھەرخىل تەربىرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىۋاتقان جىددىي بىر پەيتتە ئەنگلىيە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئامېرىكاغا ماسلاشقان ۋە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا قارشى جازا تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئارقىدىن فىرانسىيەمۇ خىتاينى كەسكىن تەلەپپۇزدا قاتتىق ئەيىبلىگەن. 22-ئىيۇل گېرمانىيە باش مىنىستىرى خايكو ماس ئەنگلىيە باش مىنىستىرى دومېنىك راب بىلەن كۆرۈشكەندە «گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ مەيدانىمۇ ئەنگىلىيەنىڭكىگە ئوخشاش» دېيىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. دېمەك، غەرب دۇنياسىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خىتايغا قارشى بىرلىكسەپنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كېڭىيىپ بارىدىكەن.
يالغۇز ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، غەرب قىممەت قارىشىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بۇنداق بىر قەدەمنى بېسىشىنىڭ ئەسلىدىنلا زۆرۈرلۈكىنى تىلغا ئالغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇنىڭ تەسىرىنىڭ پۈتۈن ياۋروپاغا كېڭىيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىزھار قىلدى.
25-ئىيۇل شىۋېتسارىيەنىڭ «بىلىك» تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئېلان قىلىنغان «كونسۇللار ئارا ئۇرۇش» ناملىق ماقالىدە ۋە 26-ئىيۇل گېرمانىيەنىڭ «فوكۇس» قانىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي-ئامېرىكا توقۇنۇشىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى» ناملىق ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى جازا تەدبىرلىرى قوللىنىشتا كارغا كېلىدىغان 7 مۇھىم «كوزىر» غا ئىگە ئىكەن. بۇ «كوزىر» ئامېرىكادىكى مەيلى دېموكراتلار پارتىيىسى بولسۇن ياكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بولسۇن، ھەر ئىككىسىگە ئورتاق بولۇپ، ھېچ قايسىسى ئۇنى ۋاشىنگتوننىڭ خىزمەت ئۈستىلىدىن ئېلىۋەتمەيدىكەن. ئامېرىكاغا بۇندىن كېيىن كىم پىرىزدېنت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ «كوزىر» لارنى قوللىنىش مەجبۇرىيىتىدە قالىدىكەن.
بۇلارنىڭ بىرى، كورونا ۋىرۇسى بولۇپ، دۇنيادا 16 مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان يۇقۇملانغان، 645 مىڭدىن ئارتۇق ئىنسان بۇ ۋابا بىلەن ئۆلگەن بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ خىتايدىن تارقالغانلىقىنى تۇتقا قىلىش، دۇنيا مىقياسىدا خىتايغا بولغان نەپرەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە يارايدىكەن.
ئىككىنچىسى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بولغان. جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ نوپۇس قىرغىنچىلىقىغا، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا، ھەتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ دېكتاتورلىقىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىنى ۋە دۇنيا تېنىچلىقىغا بولغان تەھدىتىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان مۇھىم دەلىل ئىكەن.
ئۈچىنچىسى، خوڭكوڭ مەسىلىسى. خىتاينىڭ خوڭكوڭدا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» نى مەجبۇرىي يولغا قويۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» كېلىشىمىنى يىرتىپ تاشلىغانلىقى ۋە خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىگە خاتىمە بەرگەنلىكى دۇنيانىڭ خىتاينىڭ قارا نىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشىنىشىگە سەۋەب بولىدىكەن.
تۆتىنچىسى، تەيۋەن مەسىلىسى. تەيۋەن خىتاينىڭ دەل ئەكسىچە بارغانسېرى دېموكراتىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولۇپ، خەلقئارادىكى ئوبرازىمۇ كۈنسېرى ياخشىلىنىپ بارغان. ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى قوغداش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدىكەن، «تەيۋەن كوزىرى» دىن داۋاملىق پايدىلىنىدىكەن. خىتاينى يەنىمۇ قاتتىق جازالاشقا توغرا كەلگەندە ھەتتا تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
بەشىنچىسى، تىبەت مەسىلىسى. تىبەت مەسىلىسى گەرچە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن تارىخى ئۇزۇن، دۇنياغا ئۇيغۇرلاردىن بۇرۇن تونۇلغان بولغاچقا، بۇ مەسىلىنىڭمۇ بەلگىلىك كوزېرلىق قىممىتى باركەن.
ئالتىنچىسى، چېگرا دەتالاشلىرى ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى. خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ياپونىيە، ۋىيېتنام، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىگىلىك ھوقۇق دەۋىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ھىندىستان بىلەنمۇ زېمىن دەۋاسى جىدىلى باركەن. بۇمۇ ئامېرىكا ئۈچۈن كارغا كېلىدىغان «كوزىر» ھېسابلىنىدىكەن.
يەتتىنچىسى، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي كېلىشىملەردىكى تەڭسىزلىكلەر. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر بارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا كېلىشىملىرىدە ئۆزلىرى باشقا دۆلەتلەرگە كۆپ ئېكسپورت قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئاز ئىمپورت قىلىدىغان تەڭسىز ھەم بىشەم سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن. بۇ ئۆكتەملىك غەرب دۆلەتلىرىنى ھازىرغا قەدەر ئەڭ بىئارام قىلىپ كەلگەن جىددىي ئامىل بولغان.
قانداقلا بولمىسۇن، ئامېرىكانىڭ ھازىر خىتايغا قوللىنىۋاتقان جازا تەدبىرلىرى ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا قالغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ غەيرىتى بىلەن ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا باشلىغان. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇنىڭ ئۈچۈن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكاغا رەھمەت ئېيتىش مەجبۇرىيىتى بارلىقى» نى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00