فرانسىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇرلار: ئاشكارىلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مېخانىزىمى» تېمىسىدا ئوچۇق مۇنازىرە ئۆتكۈزۈلگەن

0:00 / 0:00

فرانسىيەلىك مۇخبىر ۋە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگۈچى ئېرك داربرې تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «خىتاي ئۇيغۇرلارنى قانداق يوقىتىۋاتىدۇ؟» ناملىق فىلىم 19-ئۆكتەبىر فرانسىيە پارلامېنتىدا كۆرسىتىلگەن. فرانسىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، مۇخبىرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان مەزكۇر فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمىدا، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن باشقا، فرانسىيە پارلامېنتىمۇ ئەنگىلىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، كانادا قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتىغا ئوخشاش «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان بىر پارلامېنتتۇر. فرانسىيە پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى دائىم دېگۈدەك پارلامېنتتا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە تېرىشماقتا.

د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئۇيغۇر «خىتاي ئۇيغۇرلارنى قانداق يوقىتىۋاتىدۇ؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ قويۇلۇش ۋە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدا مۇنازىرە جەريانىدا خاتىرە سۈرەتتە. 2022-يىلى 19-ئۆكتەبىر.

20-ئۆكتەبىر پارىژدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، «خىتاي ئۇيغۇرلارنى قانداق يوقىتىۋاتىدۇ؟» ناملىق بۇ فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن فىلىم ئاپتورى ئېرك داربرې ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان كۆپلىگەن لاگېر شاھىتلىرىنى زىيارەت قىلغان ۋە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» قوبۇل قىلغان نۇرغۇنلىغان گۇۋاھلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىش يولىدا زور تېرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن.

فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمى ئاخىرلاشقان كېيىن، پارلامېنتتا «ئۇيغۇرلار: ئاشكارىلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مېخانىزىمى» دېگەن تېمىدا ئوچۇق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان. پارلامېنتنىڭ تېلېۋىزىيە قانىلى تەرىپىدىن نەق مەيداندىن تارقىتىلغان بۇ مۇنازىرىگە فرانسىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى جېئان پىررې گراتېن رىياسەتچىلىك قىلغان. فىلىم ئاپتورى ئېرك داربرې، د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئۇيغۇر، «ئازاتلىق گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى لاۋرېنس دېفرانوكىس قاتارلىقلار ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا مۇنازىرىلەر ئېلىپ بارغان.

فىرانسىيە پارلامېنتىدا «خىتاي ئۇيغۇرلارنى قانداق يوقىتىۋاتىدۇ؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ قويۇلۇش ۋە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىش يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى.

فرانسۇزچىسى راۋان بولغان د ئۇ ق خادىمى زۇمرەتئاي ئۇيغۇر بۇ مۇنازىرە مۇنبىرىدە خىتاينىڭ ساختىكارلىقى ۋە ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەر ساھەسى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن. فىلىم ئاپتورى ئېرك داربرېمۇ بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانى توغرىسىدا توختالغان.

بۈگۈن، يەنى 20-ئۆكتەبىر پارىژدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زۇمرەتئاي ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇرلار: ئاشكارىلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مېخانىزىمى» دېگەن تېمىدىكى بۇ مۇنازىرىدە بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قالدۇرۇلۇشى ۋە جىنسىي زوراۋانلىقلارغا ئۇچراش مەسىلىسى كۆپرەك تالاش-تارتىش قوزغىغان.