خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى لۇ شايې فىرانسىيەدىكى بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا قىلغان سۆزىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئاساسىغا سوئال قويۇشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىغانىدى. ئۇ سۆزىدە: «سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدىكى ئورنى يوق، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت بولۇش سالاھىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا بىر خەلقئارالىق كېلىشىم يوق» دېگەن.
خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 24-ئاپرېل دۈشەنبە كۈنى خىتاي ئەلچى لۇ شايېنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسى قارىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە، خىتاي تەرەپنىڭ مەيدانى ئىزچىل ۋە ئېنىق. خىتاي تەرەپ بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ب د ت نىزامنامىسىنىڭ مەقسىتى ۋە پرىنسىپىنى قوغدايدۇ» دېگەن بولسىمۇ، بىراق كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىرقچىلىق» ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ ئاپتورى، ئانتروپولوگ ماگنۇس فىسكەسيۆنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئەلچى لۇ شايېنىڭ سۆزلىرى دەل ئۇنىڭ رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ مەيدانىنى نامايان قىلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئادەتتە ئۆزىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىلىرىنى چاقىرتىپ كېلىپ بولۇۋاتقان ئىشلار ھەققىدە يىغىن ئېچىپ تۇرىدۇ. گەرچە بۇ يىغىنلاردا نېمە دېيىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنمىسىمۇ، ئەمما بىز ئۇنى پەرەز قىلالايمىز. خىتاي ئەلچى لۇ شايېنىڭ سۆزى ئۇنىڭ رەھبىرى شى جىنپىڭ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ».
ماگنۇس فىسكەسيۆنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ئەلچىنىڭ سۆزى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى دۇنيا تەرتىپىنى بۇزۇپ، ئۇنى خىتاينى مەركەز قىلغان تەرتىپ بويىچە ياساپ چىقىش ھەققىدىكى غايىسىنىڭ نامايەندىسى، دەپ قاراشقا بولىدىكەن. شى جىنپىڭ بۇ كۆز قارىشىنى ئاممىغا ئوچۇق ھالدا بىر قانچە قېـتىم ئىما قىلغان. ماگنۇس فىسكەسيۆ مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇ تېخى يېقىندا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغاندا پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپ ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا پۇتىنغا ‹دۇنيا ھازىر 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ ئۆزگىرىشنى بىز قىلىۋاتىمىز› دېگەن گەپنى قىلدى. پۇتىنمۇ بۇ گەپكە قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن شى جىنپىڭ بۇ سۆزنى پىلانلىق ھالدا كامېرا ۋە مىكروفونلار بار يەردە قىلدى، دەپ قارايمەن. ئۇ خىتاينىڭ دۇنيا تەرتىپىنى يېڭىدىن تۈزۈپ چىقىش ھەققىدىكى پىلانىدىن ئىشارەت بەردى. ئۇ بۇ كۆز قارىشىنى ئىلگىرى باشقا سورۇنلاردىمۇ بىر قانچە قېتىم ئىشارەت قىلغان. رۇسىيەمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن بېكىتىلگەن چىگرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ھەردائىم دەپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشىمۇ شۇ سەۋەبتىندۇر. بۇ ھەر ئىككى دۆلەت ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يېـتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان دۇنيا تەرتىپىگە قارشى. ئۇلار بۇنى ئۆزگەرتىش تەرەپدارى».
تۈركىيەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەممۇ سۆزىدە، ھەرقانداق بىر ئەلچىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ سۆزىنى شۇ دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا لۇ شايېنىڭ ئىلگىرى كانادادا ئەلچى بولۇپ تۇرۇۋاتقاندا تەيۋەن مەسىلىسى ھەمدە كورۇنا ۋىرۇسى مەسىلىسى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەقدىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى ھازىرغىچە ئەيىبلىمىگەندىن سىرت، رۇسىيە بىلەن ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ كېلىۋاتاتتى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقى رۇسىيەدىن ئايرىلىپ چىققان ۋە رۇسىيەگە قوشنا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئىگىلىك ھوقۇقىنى خەۋپكە ئېتىپ، ئۇلارنى قاتتىق ساراسىمغا سالغان بىر پەيتتە، خىتاي ئەلچىنىڭ بۇنداق بىر سۆزنى قىلىشى 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن مۇستەقىللىكىگە ئېرىشكەن دۆلەتلەرنىڭ ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن. ئۇكرائىنا، مولدوۋا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، چېخ ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى خىتاي ئەلچىنىڭ سۆزلىرىنى بەس-بەستە تەنقىدلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا بالتىق دۆلەتلىرى بولغان لىتۋا، لاتۋىيە، ئېستونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىدىكى خىتاي دىپلوماتلارنى چاقىرتىپ، بۇ سۆزگە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. دىققەت قوزغايدىغىنى، خىتاي ئەلچىنىڭ سۆزلىرىگە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرىدىن بىر رەسمىي ئىنكاس كەلمىگەن. قىرغىزىستانلىق سىياسىي ئانالىزچىلاردىن رەھىمجان ھاپىزوڧ ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى بەك چوڭقۇر بولغانلىقتىن بۇنىڭغا ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرەلمىگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، خىتاي ئەلچىنىڭ سۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا قۇرۇلغان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئوچۇق دېمىسىمۇ، بىراق ئۇ باشتىن بېرى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىدىن بىئارام بولۇپ كەلگەن. رۇسىيەمۇ ھەم شۇنداق. ئۇلار ھېچقاچان يۈرىكىدىن بۇ دۆلەتلەرنى ئېتىراپ قىلىپ باققىنى يوق. خىتاي ئەلچىنىڭ سۆزى دەل شۇنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ».
دوكتور ماگنۇس فىسكەسيۆنىڭ دېيىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى خىتاي ئەلچىنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن قاتتىق چۆچۈشى مۇقەررەر بولسىمۇ، ئۇلار ھەم رۇسىيەدىن ھەم خىتايدىن ئېھتىيات قىلىپ بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرەلمىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«مەنچە فىرانسىيەدىكى خىتاي ئەلچىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېيىنكى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەققىدىكى سۆزى قازاقىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن تولىمۇ خەتەرلىك. ئۇلار مەنچە بۇ سۆزدىن قاتتىق جىددىيلەشتى. ئەمما ئۇلار بۇ ئىككى دۆلەتتىن ئېھتىيات قىلىپ، سۈكۈتتە تۇرۇشنى تاللىدى، دەپ قارايمەن. خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مەۋجۇت خەلقئارا تەرتىپلەرگە بولغان قىزىقىشى ۋە باغلىنىشىنى يوقىتىشى ئەمەلىيەتتە بۇ دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك بىر كەلگۈسىدىن دېرەك بېرىدۇ».
رەھىمجان ھاپىزوڧ ئەپەندى، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەسلىدە خىتاي ئەلچىنىڭ سۆزىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئىزاھات تەلەپ قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، ھازىر بۇ دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىگە بۇرالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئەگەر بۇ ئۇرۇشتا ئۇكرائىنا غەلىبە قىلىپ رۇسىيە يېڭىلسە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي دۆلەتلىرى ھەم لاتۋىيە، ئېستونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە پايدىلىق بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇ تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ئىستىقبالى ياخشى بولمايدۇ، خىتاينىڭ تەسىرى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ» دېدى.
خىتاينىڭ فىرانسىيەدىكى ئەلچىخانىسى ۋەقەدىن كېيىنكى باياناتىدا خىتاينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن پەيدا بولغان دۆلەتلەر بىلەن تۇنجى بولۇپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە خىتاينىڭ بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت بولۇش سالاھىيىتىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ دېيىشىچە، خىتاي تەرەپنىڭ بۇ ئىنكاسى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئازراق خاتىرجەم قىلسىمۇ ئەمما بۇ ئۇلاردىكى ئەندىشىنى يوقىتىشقا يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن.
شۇڭا ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ھازىرقى مەۋجۇت خەلقئارا تەرتىپنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە قوغدىغۇچىسى بولغان غەرب دۆلەتلىرى بىلەنمۇ ئالاقىنى ياخشىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.
دوكتور ماگنۇس فىسكەسيۆ ئەپەندىمۇ سۆزىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇنداقچە ئېيتقاندا كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسىدىكى خەلقئارا قانۇنلارغا ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك چىڭ ئېسىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىردىن-بىر چىقىش يولى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسى ئاساسىدىكى خەلقئارا قانۇنلارنى قوللاش ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشتۇر. ب د ت قانۇنلىرى بويىچە ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ يەنى بىر دۆلەتنى ئىشغال قىلالمايدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن. مەنچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ قانۇنلىرى چوڭ دۆلەتلەرگە قارىغاندا كىچىك دۆلەتلەر ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم. چۈنكى چوڭ دۆلەتلەر خالىغىنىمنى قىلىمەن، زومىگەرلىك قىلىمەن، دەيدۇ ئەمما كىچىك دۆلەتلەر ئۇنداق قىلالمايدۇ. شۇڭا كىچىك دۆلەتلەر خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا ئۆزىنى قوغداشقا تېخىمۇ بەك ئېھتىياجلىق، دەپ قارايمەن».
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ستېۋېن ئېرلېنگېر(Steven Erlanger )نىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدا بولسا، خىتاي رۇسىيە بىلەن دىپلوماتىك ۋە سودا ئالاقىسىنى قاتتىق كۈچەيتىۋاتقان ھەمدە يەنە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى «چەك-چېگراسىز ھەمكارلىق» دەپ تەسۋىرلەۋاتقان بىر شارائىتتا خىتاي ئەلچىنىڭ بۇنداق بىر سۆزنى قىلىشى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى گۇمانىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىنكەن. چۈنكى، «يېقىندىن بۇيان ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى شى جىنپىڭنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى توختىتىشتا ۋاسىتىچى بولۇشىدەك ئۈمىد بىلەن خىتاينى ئارقىمۇ-ئارقىدىن زىيارەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ ئەكسىنى كۆرسەتمەكتىكەن».