فرانسىيەدە تۇغۇلغان، ھازىر بىلگىيەدە ياشاۋاتقان مۇزىكانت، ناخشىچى ۋە ناخشا تېكىستى يازغۇچى رومايىن گۇتسى (Romain Gutsi) 6-يانۋار كۈنى «خىتايدا ئۇيغۇرغا ئوخشاپ قېلىش» (Like a Uyghur in China) ناملىق يېڭى ناخشىسىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر ناخشا ئېلان قېلىنغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان كىشلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
ناخشا تېكىستىدىكى مۇنۇ مىسرالار ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يۈرەك تارىنى چەكمەكتە:
. . .
خىتايدىكى ھەر بىر ئۇيغۇردەك،
ئەركىنلىككە تەلپۈنەر قەلبىم.
قۇياش ھامان پارلار ئاسماندا،
پەرۋا قىلماس زالىمغا ئەسلا.
. . .
مۇزىكا ساھەسىدىكىلەر «رومايىن گۇتسىينىڭ يېڭى ناخشىسى ئەركىنلىك ئارزۇسىنى نامايەن قىلغان،» دەپ باھا بەرگەن.
بىز رومايىن گۇتسى ئەپەندىنىڭ «خىتايدا ئۇيغۇرغا ئوخشاپ قېلىش» ناملىق بۇ يېڭى ناخشىسى بىلەن تېخىمۇ ياخشى تونۇشۇش ئۈچۈن، ئۇنى بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزنىڭ مېھمىنى بولۇشقا تەكلىپ قىلدۇق.
سۆھبېتىمىزنىڭ تەپسلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.