25-ئاۋغۇست كۈنى باشلانغان فىرانسىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئۈچ كۈنلۈك يازلىق قۇرۇلتىيىدا يېشىللار پارتىيەسىنىڭ سابىق پرېزىدېنت كاندىداتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى يانىك ژادو(Yannick Jadot) ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى تېمىسىدا مەخسۇس يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئورۇنلاشتۇرغان. يىغىنغا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىغا ۋاكالىتەن ماغىن مازەل خانىم(Marine Mazel) قاتناشقان.
يېشىللار پارتىيەسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مۇنازىرە تېمىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى بولغان.
ماغىن مازەل خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، لوندون ئۇيغۇر سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى، ئىجتىمائىي پەن ۋە قانۇنى تەتقىقاتلارنىڭ ئىلمى نەتىجىلىرى يۈز بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ گۇمانلىنىدىغان ھېچقانداق بىر تەرىپىنىڭ قالمىغانلىقىنى تولۇق دەلىللەيدىكەن.
ماغىن مازەل خانىم يىغىننىڭ مەزمۇنى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «يىغىندا خىتاينىڭ ئاستا خاراكتېرلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، كەڭ كۆلەمدە تۇغماسلىقنى يولغا قويۇش سىياسەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان مۇستەملىكە جەريانىنىڭ ماھىيىتى ئىزاھلاندى.

ئۇنىڭدىن باشقا قۇللۇققا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى مەلۇمات ۋە بايقاشلار بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇللۇق تۈزۈمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى قوشۇۋېلىشى ۋە ئىشغالىيىتى جەريانىدىكى تەدرىجىي تەرەققىياتى چۈشەندۈرۈلدى. جازا لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنىڭ كۈچلۈك ئىرقچىلىق ماھىيىتى، رايوندىكى قۇللۇق تۈزۈمنىڭ داۋاملىشىۋاتقان مەزكۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.»
يىغىندا يەنە، فىرانسىيە سوتىدا ھازىر تۆت چوڭ دۆلەت ھالقىغان شىركەت ھەققىدە سۇنۇلغان ئەرزنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا لاگېرلارغا يېقىن جايلاردا ۋە پۈتۈن خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىۋاتقان زاۋۇتلارنىڭ سانى، مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يىغىندا يەنە، «رايوننى كەڭ كۆلەمدە نازارەت قىلىش»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ۋە «مەجبۇرىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پروگراممىسىنى يولغا قويۇش» قاتارلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى تۈزۈملەشتۈرۈشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئومۇمىي سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكى ئەسكەرتىلگەن.
ماغىن مازەل خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىغا ۋاكالىتەن ئۆزىنىڭ يېشىللار پارتىيەسىگە تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى سۇنغانلىقىنى ئېيتتى:
«ئالدى بىلەن، يېشىللار پارتىيەسىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىشى ۋە شىركەتلەرنىڭ مەجبۇرىيىتىنى، ھەق تەلەپ ۋە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدىم.
ئىككىنچىدىن خىتاينىڭ دۆلەت كونتروللۇقىدىكى سىياسىي تەشۋىقات قاناللىرى، خۇاۋېيغا ئوخشاش تېخنىكا شىركەتلىرى، كۇڭزى ئىنستىتۇتىغا ئوخشاش دۆلەت مەبلەغ سالغان «يۇمشاق كۈچ» تەشكىلاتلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدۇم.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «فىرانسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەدبىر قوللىنىپ، رۇسىيەنىڭ سىياسىي تەشۋىقات قاناللىرىنى چەكلىگەنگە ئوخشاش، خىتاينىڭمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى رەت قىلىدىغان، ساختا خەۋەر ۋە تەشۋىقاتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسىي تەشۋىقات قاناللىرىنى چەكلىشى كېرەك. بىز داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ رېئاللىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىشقا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىگە قەتئىي ئىشىنىمىز.»
ماغىن مازەل ئىرقى قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىشنىڭ جىنايى قىلمىش ھېسابلىنىشى كېرەكلىكىنى، پەن-تېخنىكىنى ئىرقچىلىقنى ۋە كەمسىتىشنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان خۇاۋېيغا ئوخشاش شىركەتلەرگە قارشى تۇرۇشتا كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە بولۇشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىدى.
ماغىن مازەلنىڭ ئېيتىشىچە، يېشىللار پارتىيەسى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ۋە فىرانسىيەدىكى باشقا سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن بىرلىكتە سىياسىي تەشۋىقات ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىنكارچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بىر ئىستراتېگيە تۈزۈشنى خالايدىكەن.
بىز يېشىللار پارتىيەسىدىن يانىك ژادونى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئاخبارات بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئاخبارات بۆلۈمى يانىك ژادونىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەت ئۈچۈن ۋاقىت ئاجىرتالمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ بىزگە يوللىغان ئۇچۇرى تۆۋەندىكىدەك:
«بۇ قېتىملىق زىيارەتكە ۋاقىت ئاجرىتالمىغانلىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمىز. ياۋروپا پارلامېنتى يېشىللار گۇرۇپپىسى بۇ مەسىلىنى داۋاملىق ئىشلەيدۇ. يىل ئاخىرىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت قانۇنلار توغرىسىدا گۇرۇپپىمىز كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. بىز يەنە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى خىزمەتداشلىرىمىز بىلەن سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىمىز.»
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختالدى.
ماغىن مازەل زىيارىتىمىز داۋامىدا، فىرانسىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىي خىزمەتلەرگە قاتنىشىشنى داۋاملىق قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.