فىرانسىيەدە چىقىدىغان «ئازادلىق گېزىتى» خىتاينىڭ فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پېيىغا چۈشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

0:00 / 0:00

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «ئازادلىق گېزىتى» خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىش قىلمىشلىرى توغرىسىدا زور ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە يېتەرلىك دەرىجىدە سەھىپە ئاجرىتالماي كېلىۋاتقان فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرى فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكروننىڭ 3 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتى ئەسناسىدا كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە «ئازادلىق گېزىتى» 3-نويابىر ئېلان قىلغان «فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار نازارەت قىلىنماقتا» ناملىق زور ھەجىملىك ماقالە ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ.

ماقالىغا «غەلىتە پوچتا بويۇمى، نامسىز تېلېفون. . . دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىنجاڭلىق بۇ مۇسۇلمان مىللەتنىڭ ئەزالىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نازارىتى ۋە تەھدىتىگە يولۇقماقتا، خىتاي ھاكىمىيىتى ھازىر ئاز دېگەندە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننى لاگېرغا سولىۋالدى» دېگەن ئىبارە سۆز بېشى قىلىنغان. ماقالە مەزكۇر گېزىتنىڭ تەھرىراتى تەرىپىدىن شۇ كۈنىدىكى باش ماقالە سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان ھەمدە 1-ۋە 2-بەتنى ئىگىلىگەن.

ماقالىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ ئېغىر زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى 2018-يىلى 8-ئايدا ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ ھەقىقەتنى دەلىللىگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ماقالىدە يالغۇز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار كۈچلۈك تەقىب ئاستىغا ئېلىنىپلا قالماي، بەلكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاينىڭ نازارىتى ھەم تەھدىتىگە يولۇقۇۋاتقانلىقى مىساللىرى بىلەن ئەتراپلىق شەرھلىنىدۇ.

ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، فىرانسىيەدە ياشايدىغان جەسۇر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياش بۇ يىل «فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» گە ئەزا بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي خىتايدىن كەلگەن كەڭلىكى 8 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى يېرىم مېتىر كېلىدىغان بىر پوچتا بويۇمىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. پوچتا خالتىسى ئۈستىگە ئائىلىسىدىن كەلگەنلىكى ئېنىق بىلىنىپ تۇرىدىغان خىتايچە ئادرېس يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ. چۈنكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان جەسۇر ئۆيىدىكىلەرنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيىدە خىتايچە خەت يازالايدىغان كىشىلەرنىڭ يوقلىغىنى، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە ھېچكىمنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا پوچتىدىن بىر نەرسە ئەۋەتەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ ھەيران بولىدۇ.

تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر جەسۇرنىڭ ھازىرقى ئادرېسىنى بىلمەيدىغان بولۇپ، جەسۇر تېلېفون نومۇرىنىمۇ يېڭىدىن ئۆزگەرتكەن، ناۋادا ئۆيىدىكىلەر قويۇپ بېرىلگەن تەقدىردىمۇ بۇ يېڭى نومۇرنى بىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. يەنە كېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقە بولمىغان بىر چاغدا خىتايدىن باشقا كىم قورقماي بىر نەرسە ئەۋەتەلەيدۇ؟ بۇلارنى ئويلىغان جەسۇرنىڭ خىيالىدىن ھەتتا «خىتاي بۇ پوچتا بۇيۇمىنىڭ ئىچىگە قەرەللىك پارتلايدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانمىدۇ؟» دېگەنلەر كېچىپ، ئەندىشىگە چۈشىدۇ.

ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، بۇ پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن نەرسىلەر ساپلا مېۋە-چېۋە ۋە يەل-يېمىشلەر بولۇپ، ئىچىدىن كىمنىڭ ئەۋەتكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇر ياكى خەت چىقمايدۇ. ئوخشاشلا فىرانسىيەدە ياشايدىغان سۈبھى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشمۇ ئاشۇنداق بىر پوچتا بويۇمى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئۇ پوچتا بويۇمىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن ھەپتىلەر ئىلگىرى خىتايچە «ۋېيشىڭ» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇچۇر ۋاسىتىسىدىن بىر ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئۇنىڭدا سۈبھىگە پوچتىدىن بىر نەرسە ئەۋەتىلىدىغانلىقى يېزىلغان. ئەمما كىمنىڭ، نېمە ئەۋەتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلمىگەن. دەرۋەقە، سۈبھى بۇ پوچتا بويۇمىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئىچىدىن بىر پارچە خەت چىقىدۇ. خەتتە فىرانسىيەدىكى خىتاي كونسۇلىنى ئىزدىشى لازىملىقى بايان قىلىنغان.

«فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار نازارەت قىلىنماقتا» ناملىق بۇ ماقالىدە يۇقىرىقى دېتاللار ئاساس قىلىنغان ھالدا خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىش شەكىللىرىدە ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تولۇق تەقىب ئاستىغا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، مانا ئەمدى قولىنى چېگرا سىرتىغا ئۇزارتىپ، چەتئەلدىكى ھېچبىر ئۇيغۇرنى بوش قويۇۋەتمەسلىككە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى يورۇتۇپ بېرىلىدۇ.

ماقالىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىلگىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە تېلېفون قىلىش، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە خەت يېزىپ ئالاقە قىلىش، ھەتتا ۋەتەندىكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى ئىشقا سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بوي سۇندۇرۇش، تىزگىنلەش، ھېچ بولمىسا تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇش تاكتىكىلىرىنى قوللىنىپ كەلگەن بولسا، ھازىر تاكتىكىلىرىنى يېڭىلاپ پوچتىدىن بىر نەرسە ئەۋەتىش ئارقىلىق «سەن نەدىلا بولما، بىزنىڭ نازارىتىمىزدىن قۇتۇلالمايسەن، بىزگە قارشى چىقساڭ ئاقىۋىتىڭ خەتەرلىك» دېگەن سىگنالنى بېرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاش ئەسەرنىڭ غول تېمىسىغا ئايلاندۇرۇلغان.

خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى، ئاۋىسترالىيەدىكى، كانادادىكى، تۈركىيەدىكى ۋە باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا مۇشۇ خىل چارىلەرنى قوللىنىشقا باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزكۇر ئەسەردە، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنى ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلغانلىقى مىسال ئېلىنغان.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بىزنى بۇ خۇسۇستا ئەتراپلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ تەھدىتلىرىنى ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ نورۋېگىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئۆزىنى ئاقلاپ بايانات ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىپ ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا، باش ئەگدۈرۈشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى نۆۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تەشكىلاتلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان سىياسىي ئاكتىپلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

بەختىيار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇنداق بىر چارىنى ئىشقا سېلىپ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىشتىكى ئاساسىي مەقسىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنى يوقىتىش ياكى زەئىپلىتىشتىن ئىبارەت ئىكەن.